logo

trugen jacn

قومۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «تېررورلۇق» قا قارشى مانېۋىردا «تېررورچى» لارغا تۈركىيە ھەربىي فورمىسى كىيدۈرۈلگەن

قۇتلان 

 

مەلۇم بولۇشىچە، ماينىڭ دەسلەپكى ھەپتىسىدىن باشلاپ قومۇل شەھىرىدە خىتاي قوراللىق ساقچىلىرىنىڭ «تېررورلۇق» قا قارشى مانېۋىرى ئۆتكۈزۈلگەن.

رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىملىق مانېۋىر قومۇل شەھىرىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى بىلەن شەھەر ئىچى يېزىسى ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىلغان.

مەلۇمكى، شەھەر ئىچى يېزىسى قومۇلدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون بولۇپ، ئەسلىدىكى قومۇل كونا بازىرى ۋە قومۇل ۋاڭلىقىنىڭ ئوردىسىمۇ بۇ جايدا ئىدى. كېيىنچە شەھەر رايونى خىتاي ئاھالىلىرى كۆپرەك جايلاشقان شىمالىي رايونغا تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، بۇ رايون يېزا دەرىجىلىك مەمۇرىي بىرلىككە ئايلاندۇرۇلغان.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان شۇ يەرلىك بىر ياش بۇ قېتىملىق «تېررورلۇق» قا قارشى مانېۋىر جەريانىدا كۆرگەن ۋە بىلگەنلىرىدىن تۆۋەندىكىدەك مەلۇمات بەردى:

«مانېۋىر بىر ھەپتىدىن بۇيان داۋاملاشماقتا. ساقچىلار شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى بىلەن شەھەر ئىچى يېزىسى ئەتراپىدا كۈندە مەشق خاراكتېرلىك مانېۋىر ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. مەن دىققەت قىلىپ قارىسام، « تېررورچى » قىلىپ ياساندۇرۇلغانلارغا تۈركىيەنىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق قىزىل بايرىقى چۈشۈرۈلگەن ھەربىي كىيىم كىيدۈرۈلۈپتۇ. قوراللىق ساقچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خەنزۇلار ئىكەن. « تېررورچى » قىلىپ ياساندۇرۇلغانلارنىڭ راست ساقچى ياكى پۇل بېرىپ ئەكەلگەن ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم. ساقچىلار يالغان ئوق ۋە يالغان بومبا قاتارلىق قوراللار بىلەن « تېررورچىلار» غا زەربە بېرىش مەشقىنى نەق مەيداندا كۆرسىتىۋاتىدۇ. مەن بۇ ئەھۋالنى رەسىم ۋە ۋېدېئو كامېراغا ئېلىپ قوياي دەپ، رەسىمگە تارتىشىمغا كەينىمدىن ساقچى كېلىپ مېنى تۇتۇۋالدى. ساقچىخانىغا ئاپارغاندىن كېيىن، تېلېفون، رەسىم-ئاپپاراتىم ۋە باشقا نەرسىلىرىمنى تارتىۋالدى. ئاندىن بىر ھەپتە شەھەر ئىچى يېزىلىق ساقچىخانىغا قاماپ قويدى. قاماقخانىدىن قايتىپ چىقسام تېلېفون ۋە رەسىم ئاپپاراتىمدىكى بارلىق ئۇچۇرلارنى يۇيۇپ پاك-پاكىزە قىلىپ قويۇپتۇ. ھەتتا ئۆيىمىزگە بېرىپ، مېنىڭ كومپىيوتېرىمنى تەكشۈرۈپتۇ، پۈتۈن سىستېما ۋە ھۆججەتلەرنى يۇيۇپ قۇرۇغداپ قويۇپتۇ.»

ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى:

«ئۇلارنىڭ تۈركىيەنىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق قىزىل بايرىقى چۈشۈرۈلگەن ھەربىي كىيىمىنى قەيەردىن تېپىپ ئەكەلگەنلىكىنى ۋە ئۇنى نېمە مەقسەتتە ئىشلەتكەنلىكىنى بىلمىدىم. مەن ئەسلىدە بۇ مانېۋىرنى رەسىم ۋە ۋېدېئوغا ئېلىۋالماقچى ئىدىم، لېكىن ساقچىلار ھەممە ماتېرىياللىرىمنى تارتىۋالدى. ھازىر « ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى»نى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن تارتىپ كۆپ كىشىلەر ئاڭلايدۇ. گەرچە توردا قاتتىق توساق قۇرغان بولسىمۇ، لېكىن كىشىلەر «تامدىن ئاتلاش» قا ياردەم قىلىدىغان يۇمشاق دېتاللارنىڭ ياردىمىدە توردىن چۈشۈرۈپ ئاڭلايدۇ.»

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/qumul-manewir-05092014181511.html

Share
1740 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.