logo

trugen jacn

تەبىئى بايلىقلىرىمىز ۋە مۇستەقىللىق يولىمىز- 4

 

 

مەھمەتىمىن ھەزرەت

  4. بۆلۈم:  نېمە ئۈچۈن بۈيۈك تۈركىستاننى ئورتاق ۋەتەن، بىر مىللەت، تەقدىرىمىز ئورتاق دەيمىز؟

ماخمۇت قەشقەرىنى ئۇيغۇرلار بىزنىڭ دەيدۇ، قازاقلار (قەشقىرى ئەمەس، قاسقىرى -بۆرە) بىزنىڭ دەيدۇ، ئۆزبېكلەر بىزنىڭ دەيدۇ. يۇسۈپخاس ھاجىپنىمۇ، خوجا ئەخمەت يەسىۋىنىمۇ،ناۋايىنىمۇ پۈتۈن تۈركىستان خەلقلىرى ئۆزىنىڭ قىلىش ئۈچۈن دەلىللەرنى ئورتىغا قويىدۇ. نىمە ئۈچۈن؟ ئاتا، ئانىنىڭ مىراسىدا ھەممە بالىلارنىڭ مىراس ھەققى بار-دە، شۇنىڭ ئۈچۈن.
مىلادى[74] 751. يىلدىكى تالاس ئۇرۇشىدا ئۇيغۇر،قازاق، قىرغىز، ئۆزبەك دەپ ئايرىپ ئولتۇرماستىن بىر بولدۇق، تۈركىستان زىمىنىغا ۋابادەك يامراپ كەلگەن خىتاي قوشۇنلىرىنى قورشاپ يوقاتتۇق.ئۇ تارىختا مۇسۇلمان ئەمەس ئىدۇق. يەنىلا ۋەتەننى بىرلىكتە قوغدايدىغان ئەقىل ۋە جاسارەتكە ئىگە ئىدۇق. 1000 يىل خىتاي تەھدىدى كۆرمەي ياشىدۇق. 1000 يىلدىن كېيىن غەربى تۈركىستاننى رۇسلار ئىشخال قىلىشقا باشلىدى، شەرقى تۈركىستاننى مانجۇلار. شەرقى تۈركىستاندا مانجۇلارغا قارشى ئىسيان باشلاندى. ئالتە شەھەر ئازات قىلىندى. تەكلىپ بىلەن قوقەندىن كەلگەن ھەربى قوماندان ياقۇپبەگ قۇرال كۈچى بىلەن مىللەتنىڭ بىرلىگى، ۋەتەننىڭ پۈتۈنلۈكىنى قولغا كەلتۈرۈپ 1863. يىلى قەشقەرىيە دۆلىتىنى رەسمى قۇردى. پەرغانە ۋادىسىدىن ئونمىڭلىغان پىدائى يىگىتلەر شەرقى تۈركىستانغا كېلىپ دۈشمەن ئىشخالىيىتىدە قالغان شەرقى شىمالدىكى زېمىنلارغا بىز بىلەن بىللە يۈرۈش قىلدى. غەربى تۈركىستاندىن كەلگەن ياقۇپبەگنى شەرقى تۈركىستانلىقلار دۆلەت رەئىسى دەپ قوبۇل قىلدى. ھىمايە قىلدى.رۇس زۇلۇمىدىن قېچىپ كەلگەن يۇزمىڭلىغان غەربى تۇركىستانلىق قېرىنداش شەرقى تۇركىستانغا كوچۇپ كەلدى ھەممەيلەنگە تېرىلغۇ يەر، يايلاق تەخسىم قىلىپ بېرىلدى. چۈنكى، ئۇ زامانلاردا قەشقەرلىك، ئەنجانلىق دىگەن گەپ بار ئىدى. ئۇيغۇر، ئۆزبەك دىگەن ئاتالغۇلار مىللى قالپاق سۈپىتىدە باشلىرىمىزغا كېيگۈزۈلمىگەن ئىدى.

[75]1863. يىلى ئىلى رايونىدىمۇ مانجۇ ھاكىمىيىتىگە قارشى قوزغىلاڭ باشلاندى. [76]1866.يىلى ئىلى سۇلتانلىقى دۆلىتى رەسمى قۇرۇلدى. قەشقەرىيە دۆلىتى بىلەن ئىلى سۇلتانلىقى ھەيئەتلىرى بىرلىشىش يولىدا كۆرۈشۈۋاتقان زامانلاردا قازاق دالالىرىدا چاررۇس ئارمىيىسى بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان [77]قازاق خانلىرىدىن تازابېك تۆرە ئەگەشكۈچى قەبىلە ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە ئىلى سۇلتانلىقى چىگرىسىن كىرىپ دۆلەتنىڭ ھىمايىسىگە سېغىندى. بۇ 1871. يىلى ئاپىرىل ئېيى ئىدى. قوغلاپ كەلگەن رۇس ئارمىيىسى ئەھۋالنى موسكوۋاغا مەلۇم قىلدى. موسكىۋا تۈركىستان گوبىرناتورى ئارقىلىق [78]ئىېلى سۇلتانلىغىغا تازابېك تۆرەنى 3. مايدىن بۇرۇن قايتۇرۇپ بېرىشنى، قايتۇرۇپ بەرمىسە رۇس ئارمىيىسى ئىېلى سۇلتانلىقى چىگراسى ئىچىگە كىرىپ تازابېكنى تۇتۇپ ئېلىپ كېتىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇلتىماتۇم تاپشۇردى. ئىېلى سۇلتانلىقى مىنىستىرلار كابىنتى مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلدى ۋە قېرىنداش قازاق مۆتىۋەرى تازابېك تۆرەنى قايتۇرۇپ بەرمەيدىغانلىقى، تەزىبەكنىڭ رۇسلارغا قارشى ئەسكىرى ھەرىكەت قىلماسلىقى ئۈچۈن كېپىل بولىدىغانلىغىنى بىلدۈرۈپ جاۋاب بەردى.رۇسلارنىڭ تازىبەك باھانىسى بىلەن ئىېلىغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى، دۆلەتنىڭ يىقىلىش ئىجتىمالى ھەممەيلەنگە ئايدىڭ ئىدى. بىراق ھەم ئىسلامنىڭ ھۆكمى ھەم قېرىنداشلىق ئەخلاق مەسئۇلىيىتى، قېرىنداشنى دۈشمەنگە تەسلىم قىلىشقا يول قويمايتتى. رۇسلار 5. ئاينىڭ 15.كۈنى ھۇجۇم باشلىدى. يۇرتتىن مانجۇ ئەسكەرلىرىنى قوغلاپ چىقىرىشتا بۈيۈك قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن سادىر پالىۋان بىلەن رۇسلارنىڭ ئىشخالىيىتىگە قارشى ئۇرۇشتا كۆپ چىقىم تارتىپ بۇ دۆلەتكە سېغىنغان تازابېك تۆرە مۆرىنى مۆرىگە تىرەپ ئوز قوشۇنلىرىغا قۇماندانلىق قىلىپ، رۇسلارنى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچۇراتتى. رۇسلار ئارقا سەپتىن ياردەمگە كېلىدىغان قوشۇنلىرى كەلگۈچە ساقلاپ تۇرۇپ 5.ئاينىڭ 22. كۈنى تەكرار شىددەتلىك ھۇجۇم باشلىدى. بىر ئايلىق قانلىق جەڭدىن كېيىن رۇس ئارمىيىسى غۇلجا شەھىرىنى ئىشخال قىلدى.
بۇ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ئۇرۇش توغرۇلۇق، ئۇرۇشقا بىۋاستە قاتناشقان ئۇيغۇر شائىرى [79]موللا بىلالنىڭ “غازات دەر مۇلكى چىن” داستانىدىكى شۇ مىسرالارنى ئوقۇڭ؛
“مۇسۇلمان كاپىرلارغا قىلدى سوقۇش،
تۆكۈلدى قىزىل قان ئۇرۇپ يەردە جۇش.
ئات سالدى جەڭگە ئات تۇياقلىرى قىزىل،
كى تاملار قىزىل ھەم سۇۋاق قىزىل.
تورۇسلار قىزىل ھەم قومۇجلار قىزىل،
كى خەنجەر سالغاندا ھەم مۇشلار قىزىل…”

بىر قېرىندىشىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن، ئون مىڭلارچە قۇربان بەرگەن،بىر دۆلەتنىڭ ۋەيران بولىشىنى كۆزگە ئالغان بۇنداق ۋاپادارلىق، بۇنداق مەردلىك تارىختا ئۇيغۇرلاردىن باشقا ھېچقانداق مىللەتتە كۆرۈلگەن ئەمەس.ھەم خىتاي ھەم رۇس باسقۇنچىلىرىغا قارشى جەڭ مەيدانلىرىدا ئات چاپتۇرغان، بەدىنىدە قىلىچ ۋە ئوق ئىزلىرى قالغان ئۇلۇغ مىللى قەھرىمانىمىز سادىر پالۋان، يۇرتنى دۈشمەنگە تارتقۇزۇپ قويۇشنىڭ ئىزدىراپىدا، جامائەت ئارىسىغا چىقىشتىن نومۇس قىلىپ شۇ يىلى ئۆيىدە ھەسرەت بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى.
قازاقلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قېرىنداشلىقى قان بىلەن يۇغۇرۇلغان. شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتەيكى، ئىسلامدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن تۈرك قەۋملىرى ئارىسىدا كۆپلىگەن ئىچكى ئۇرۇشلار بولغان. بىراق، تارىختا ئۇيغۇرلار بىلەن قازاقلار ئوتتۇرىسىدا ھېچقاچان، ھېچقانداق ئۇرۇش بولۇپ باققان ئەمەس.
ئوتكەن يىلى خىتاينىڭ قاراماي تۈرمىسى ۋە جازا لاگىرىدا ئېغىر جىسمانى ۋە روھى ئازاب چېكىپ قازاقىستان ھۈكۈمىتى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇپ چىقىلغان قازاقىستان ۋەتەندېشى ئۆمەربېك ئەلى يالغۇزلا، خىتاي جازا لاگىرلىرىنىڭ فاشىستىك ئەپتى بەشىرىسىنى دۇنياغا ئاشكارىلىغۇچى تۇنجى جانلىق شاھىت بولۇپلا قالماي، ئەينى زاماندا قازاق، ئۇيغۇر قەرىنداشلىغىنىڭ ئەڭ ياخشى ئۆلگىسىدۇر. ئۆمەربېك بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى ئاڭلاتقاندا قازاقىستاندا تىلىۋىزور ئالدىدا ئولتۇرغان قازاق ئانىلارمۇ، ئىستانبۇلدا تىلىۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرغان ئۇيغۇر ئانىلارمۇ ئوخشاش كۆز ياشلىرىنى تۇتالمىدى. ئۆمەربېكنىڭ دادىسى قازاق، ئانىسى ئۇيغۇر. ئۆمەربېكنىڭ ئايالى ئۇيغۇر. بۇ پاكىت، خىتايلارنىڭ تەشۋىق، مۇكاپاتلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقارغان ساختا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تامامەن ئوخشىمايدۇ. ئۆمەربېك ئائىلىسى، بۈيۈك تۈركىستان خەلقلىرىنىڭ بىر ئائىلە، قەرىنداشلىقنىڭ تەبىئى مىيۋىسىدۇر.

1933. يىلى يەنە قەشقەردە شەرقى تۈركىستان دۆلىتىنى قۇردۇق. قەشقەرنى تەكرار خىتاي- تۇڭگان قوشۇنلىرىدىن ئازات قىلىپ، [80]سابىت داموللام ۋە مەھمەت ئەمىن بۇغرانىڭ ئىنىسى ئەمىر ئابدۇللا قاتارلىق رەھبەرلەرنى تۈرمىدىن قۇتقۇزغۇچى قۇماندان قىرغىز باھادىر ئوسمان ئەلى ئىدى. بۇ دۆلەتنىڭ قۇرۇلىشىدا قىرغىز قوماندان ئورازبېك، غەربى تۈركىستاندا رۇسلار بىلەن ئۇرۇش قىلىپ ئۇرۇش تەجىربىسىگە ئىگە بولغان قوماندان سېتىۋالدىجان، يۈسۈپجانلارنىڭ قوشقان تۆھپىلىرى بەك مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى.

1944. يىلى 8. ئايدا پارتلىغان نىلقا قوزغىڭىنى تەشكىللىگەن 3 باتۇردىن غەنى باتۇر ئۇيغۇر، پاتىخ باتۇر تاتار، ئەكبەر باتۇر قازاق ئىدى.ئۇلار بىر تۇققاندەك قەرىنداشلاردى. ئورتاق ۋەتەن ئۈچۈن قوللىرىغا قۇرال ئېلىپ دۈشمەن ئۈستىگە شىردەك ئاتلانغان. ئۇلار نىلقا ناھىيىسىدىن خىتاي ئەسكەرلىرىنى پاك پاكىزە تازىلاپ غۇلجا شەھرىگە قاراپ يولغا چىققاندا، غۇلجا شەھىرىدە ئەلىخان تۆرەم ئۆزىنىڭ يالقۇنلۇق تەبلىغ، تەشكىلاتچانلىق قابىلىيىتى بىلەن شەھەر خەلقىنى قوزغاپ نىلقا باتۇرلىرىنى قارشى ئالدى. [78]شەرقى تۈركىستان دۆلىتى رەسمى قۇرۇلغاندا دۆلەت رەئىسلىكىگە غەربى تۈركىستاندىن كەلگەن ئۆزبەگ ئەلىخان تۆرەم يۇرت سەرخىللىرىنىڭ ئورتاق ئاۋاز ۋە ھىمايىسى بىلەن سايلاندى. باش مىنىستىر ئۇيغۇرلاردىن ھېكىمبەگ غۇجا بولدى. مىللى ئارمىيەنىڭ باش قۇماندانلىقىغا سىۋىت قىزىل ئارمىسى پولشا ئالدنقى سەپىدە بىر پولىكقا قۇماندانلىق قىلىپ گىرمانىيەگە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقاندا ۋەتىنىدىكى ئازاتلىق ئۇرۇشىنى ئاڭلاپ ستالىندىن جىددى رۇخسەت سوراپ غۇلجىغا يېتىپ كېلىپ مىللى ئارمىيىگە قۇماندانلىق قىلغان قىرغىز گېنېرال ئىسساق بەك تەيىنلەنگەن ئىدى. دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى قازاق قوماندان دەلىلقان ئىدى. ئالتاي ۋالىسى ئوسمان باتۇر ئالتاينى بۇرۇنلا ئازات قىلىپ بولغان بولۇپ، چۆچەك، ساۋەن رايونلىرىنىڭ ئازاتلىغى ئۈچۈن بۈيۈك ئەسكىرى ۋە ماددىي تۆھپە قوشتى. بىز بۇ مۇستەقىل دۆلەتنى بىرلىكتە قۇردۇق. چۈنكى بىز بىر ئائىلە ئىدۇق. ۋەتىنىمىز،مەنپەئىتىمىز، تەقدىرىمىز بىر ئىدى. بۇلۇپمۇ ئۇيغۇرلار تار ئۇيغۇرچىلىقتىن خالى بىر خەلق. ھەر قېتىم مۇستەقىل دۆلەت قۇرغان ۋاختىمىزدا ئەڭ كۆپ شەھىت بەرگەن، ئەڭ كۆپ چىقىم تارتقان ئۇيغۇرلار بولىشىغا قارىماي، ئەقلى بېشىدىكى ھېچبىر ئۇيغۇر، نىمىشكە رەئىس ئۆزبەك بولىدىكەن، باش قوماندان، مۇداپىيە مىنىستىرى بولالىغۇدەك ئۇيغۇر يوقمىكەن؟ دىگەنگە ئوخشاش ئىچى تارلىق پىكىرىدە بولمىدى. چۈنكى بىر ئائىلىدە چوڭ بولغان قېرىنداشلار بىر بىرىگە نەپرەت بىلەن ئەمەس، سۆيگۈ بىلەن چوڭ بولىدۇ. شۇڭا بۈيۈك تۈركىستاننى ئورتاق ۋەتەن، بىر مىللەت، تەقدىرىمىز ئورتاق دەيمىز .

پايدىلانغان مەنبەلەر:

  1. Mehmet Eimin bughra; sherqi Türkistan tarixi 111. Bet

74.Mehmet Emin Bughra; Sherqi Türkistan Tarixi 328-336. bet

75.Tarixtiki Ili Sultanlighi

76.а. күзембай л, е. әбил “история рк“ алматий , 1998-ж. 293.бәт

  1. Xitayning zulum qilichi sherqiy türkistandiki qazaqlarning béshida pulanglawatqanda qazaqistanning bu heqtesözleydighan sözi yoqmu?

78.Molla bilalning; Ghazat der Mulki chin

  1. Mehmet Emin Bughra; Sherqi Türkistan Tarixi 425-426.bet

80.Doğu Türkistan Cumhuriyeti

Share
2436 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.