logo

trugen jacn

تەبىئى بايلىقلىرىمىز ۋە مۇستەقىللىق يولىمىز- 5

 

مەھمەتىمىن ھەزرەت

 

5.بولۇم: شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىل بولىشىنىڭ ئىككى قانۇنى ئاساسى ئۇستىدە تەھلىل

 

  1. بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتى مۇستەملىكە ئاستىدىكى مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقى توغرۇلۇق نېمە دەيدۇ؟

1960 يىلى 12.ئاينىڭ 14. كۈنى بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتى ئۇمۇمى يېغىنىدا [82]مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەتلەر ئاستىدىكى مىللەتلەرگە مۇستەقىللىق بېرىش توغرىسىدا” ئىسمىدىكى 1514 نۇمۇرلۇق دوكلات ماقۇللاندى. 7 ماددىلىق بۇ دوكلاتنىڭ تۇنجى 4 ماددىسىنىنىڭ ئەينەن تەجىمىسى مۇنداق؛ “
1.مىللەتلەر، ياتلارنىڭ زۇراۋان ھاكىمىيىتى ۋە مۇستەملىكىسى ئاستىدا قېلىشى كىشىلىك ھۇقۇقنىڭ تۈپ پىرىنسىپلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقتۇر. بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتى قانۇنلىرىغا خىلاپتۇر. دۇنيا تىنىچلىقى ۋە ھەمكارلىقىغا خىلاپتۇر.
2.بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھۇقۇقى بار؛ بۇ ھوقۇققا بىنائەن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سىياسى ئورنىنى ئەركىن بەلگىلەپ چىقالايدۇ ۋە ئىقتىسادىنى،ئىجتىمائى جەمىيىتىنى، مەدىنىيىتىنى ئەركىن تەرەققى قىلدۇرالايدۇ.
3.سىياسى، ئىقتىسادى، ئىجتىمائى ۋە مائارىپتا ھازىر ئەمەسلىكى ھېچبىر شەكلىدە مۇستەقىللىقىنى كېچىكتۈرۈش سەۋەبى بولالمايدۇ.
4.مۇستەملىكە ئاستىدىكى مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقىنى تىنچ شەكىلدە ۋە ئەركىنلىك ئىچىدە ئۈزۈل كېسىل قولغا كەلتۈرۈشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ زىيىنىغا قوللىنىلىدىغان قۇراللىق ھەرىكەتلەر ۋە ھەر خىل زوراۋانلىق تۈسى ئالغان تەدبىرلەر بىردەك توختىتىلىدۇ ۋە (يېڭىدىن قۇرۇلغان) مىللى دۆلەتلەرنىڭ بىر پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىنىدۇ. “
بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ قارارى بويىچە دېموكىراتتىك دۆلەتلەردە خەلق رايىنى ئاساس قىلىپ تىنچ يول بىلەن مۇستەقىل بولغان دۆلەتلەرنىڭ سانى 60 تىن ئارتۇق. 1991. يىلى سېۋىت ئىتتىپاقى تىنچ يول بىلەن 15 دۆلەتكە ئايرىلدى. 1992. يىلى چېخوسلوۋاكىيە، چېخيە ۋە سلوۋاكىيە دەپ ئىككىگە ئايرىلدى. مىللەتلەرنىڭ تىنچلىق يولى بىلەن مۇستەقىل بولۇش تەلەپلىرىنى قۇرال كۈچى بىلەن قانلىق باستۇرغان يۇگوسلاۋىيە ئۇرۇش ئارقىلىق 7 دۆلەتكە بۆلۈندى. سۇداندا پەقەتلا دىنى ئوخشىماسلىقتىن كېلىپ چىققان ئۇزۇن يىللىق ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىن جەنۇبى سۇدان ئاۋازغا قويۇش يولى بىلەن 2011. يىلى 7. ئاينىڭ 9. كۈنى مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلىپ بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان 193. دۆلەت بولدى.

بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتى 1945. يىلى 6.ئاينىڭ 26. كۈنى سانفرانسىسكو كونفىرانسىسىدا [83]قۇرۇلغاندا ئەزالىققا ئىمزا ئاتقان دۆلەت سانى 50 ئىدى. 2011. يىلغا كەلگەندە ئەزا سانى 193 كە يەتتى. شۇ ئاندا بىرلەشكەن دۆلەت تەشكىلاتىغا ئەزا 195 دۆلەت بار. شەرقى تۈركىستان خەلقى تىنچ يول بىلەن خەلق رايىنى سىناش قارقىلىق مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ. (خەلق ئاۋاز بېرىشكە پەقەتلا يەرلىك خەلقلەر قاتنىشىش ھۇقۇقىغا ئىگە، مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەتنىڭ مىللىتىگە ئائىت كۆچمەنلەرنىڭ ئاۋاز بىرىش ھۇقۇقى بولمايدۇ) بىراق، مەۋجۇت ئاپتونومىيە قانۇنىنى ئىجىرا قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلغان خىتاي ھاكىمىيىتى بىزنى ئۆز ۋەتىنىمىزدە مىللەت سۈپىتىدە يوق قىلىۋېتىش قىرغىنچىلىقىنى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل بولىشى بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن بىزگە بېرىلگەن قانۇنى ھوقۇقتۇر. بۇ ھوقۇقىمىزنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قەتئى كۈرەش قىلىمىز. بىز جۇڭگولۇق ئەمەس.جۇڭگو بىزنىڭ ۋەتىنىمىز ئەمەس. شەرقى تۈركىستانمۇ جۇڭگولۇقلارنىڭ ۋەتىنى ئەمەس. بۇ نۇقتا پۈتۈن تەرەپلەر تەرىپىدىن ئېنىق بىلىنىشى لازىم. مۇستەقىل بولۇش بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن بىزگە بىرىلگەن ھۇقۇق ئىكەنلىكىنى ھەر ۋاقىت ئىسىمىزدە تۇتىشىمىز لازىم.
مۇستەقىل بولۇشىمىزنىڭ يەنە بىر قانۇنى ئاساسى دەل خىتاي كومىنىستىك پارتىيىسى قۇرغان دۆلەتنىڭ ئاساسى قانۇنىدا مەۋجۇت.

بىزنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزنىڭ قانۇنى ئاساسى خىتاي كومىنىستىك پارتىيىسنىڭ ئۆزىدە مەۋجۇت ئىكەنلكىنى بىلەمسىز؟

2. دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئەسىر مىللەتلەر ئارقا ئارقىدىن مۇستەقىللىقىغا ئېرىشتى.مۇستەملىكىچىلىك ۋە مىللى زۇلۇم كوممۇنىزىم لاگىرىغا مەنسۇپ سىۋىت ئىتتىپاقى ۋە خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدىلا قالدى. سېۋىت ئىتتىپاقى 1991. يىلى تارقىلىپ كەتتى. تۇنجى بولۇپ روسسىيە، ئۇكراينا، بىلىرۇسيە مۇستەقىللىق ئېلان قىلدى. ئارقىدىن باشقىلارمۇ ئەگەشتى ۋە ھىچكىمنىڭ بۇرنى قانمايلا 15 مۇستەقىل دۆلەت ئوتتۇرىغا چىقتى. سېۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسى قانۇنىنىڭ [84]17 . ماددىسى “سېۋىت ئىتتىپاقى تەركىبىدىكى رېسپۇبلىكىلار (خالىغان ۋاقىتتا) سىۋىت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىپ كېتىش ھۇقۇقىغا ئىگە” (Статья 17. За каждой союзной республикой сохраняется право свободного выхода из СССР.) دەپ يېزىلغان ئىدى. بۇ ماددىنى ئاساسى قانۇنغا كىرگۈزۈش تەكلىپىنى بەرگەن كىشى سېۋىت ئىتتىپاقى كومىنىستىك پارتىسىنىڭ لىدېرى ۋە سېۋىت ئىتتىپاقىنىڭ قۇرغۇچىسى لېنىن ئىدى. سوۋېتلەر ئىتتىپاقى قۇرۇلۇپ 70 يىل، لېنىن ئۆلۈپ 67 يىلدىن كېيىن، سېۋىت ئىتتىپاقى كومىنىستىك پارتىسى پلوت بېرو ئەزاسى، روسسىيە پېدىراسسىيەسى پارتى باش سېكىرتارى، دۆلەت رەئىسى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان [85]بورىس يېلتسىن 1991.يىلى 12.ئاينىڭ 8. كۈنى، “سېۋىت ئىتتىپاقى تەركىبىدىكى رېسپۇبلىكىلار ئايرىلىپ چىقىپ كېتىش ھۇقۇقىغا ئىگە” دېگەن قانۇن ماددىسىنى ئاساس كۆرسىتىپ تۇرۇپ رۇسىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بۇ 17. ماددا سەۋىتلەرنىڭ تۆمۈر تاپىنى ئاستىدا ئىزىلگەن، ھەممە مىللەتلەرنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشىدە ئاچقۇچلۇق رول ئوينىدى. بۇنداق بىر ماددا خىتاي كومىنىستىك پارتىيىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان تۇنجى دۆلەت قانۇنىدىمۇ يەر ئالغان. شەرقى تۈركىستاننىڭمۇ تىنچلىق يولى بىلەن، ئۇ يول بولمىسا قۇراللىق كۈرەش يولى بىلەن خىتاي دۆلىتىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇش ھۇقۇقىغا ئىگە. بۇ ھۇقۇقنى، خىتاي كومىنىستىك پارتىيىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان دۆلەتنىڭ ئاساسى قانۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان.

خىتاي كومىنىستىك پارتىيىسى تەرىپىدىن [86]1931. يىلى 11. ئاينىڭ 7.كۈنى خىتاينىڭ جاڭشى ئۆلكىسىدە قۇرۇلغان ، [87]جۇڭخۇا سېۋىت رېسپوبلىكىسى، دۆلىتىنىڭ [88]ئاساسى قانۇنىنىڭ 14. ماددىسىدا ئوخشاش بىر مەزمۇن بار. قۇرۇلغاندا 50 مىڭ كۋۋادىرات كىلومېتىر زىمىنى بولغان ۋە 2.5 مىليون نوپۇسقا ئىگە بۇ دۆلەتنىڭ 50 مىڭ كىشىلىك مۇنتىزىم ئارمىسى بار بولۇپ، دۆلەت قۇرۇلىشى بىلەن ئارمىيەنىڭ ئىسمىنى قىزىل ئارمىيە دەپ ئاتىدى. بۇ دۆلەتنىڭ رەئىسى ماۋزېدوڭ ئىدى.

1. رەسىم: جۇڭخۇۋا سېۋىت رېسپوپلىكىسى بايرىغى

 

2. رەسىم: جۇڭخۇۋا سېۋىت رېسپوپلىكىسى دۆلەت گىرىبى

1934.يىلى 1.ئايدا ئېچىلغان [90]مەملىكەتلىك 2. قۇرۇلتايدا ئاساسى قانۇنغا تۈزۈتۈشى كىرگۈزۈلۈپ تەكرار تەستىقلانغان. دۆلەت رەئىسى ماۋزېدوڭنىڭ تەكلىپى بىلەن 14. ماددا تېخىمۇ كۈچەيتىلگەن.

3. جۇڭخۇۋا سېۋىت رېسپوپلىكىسى دۆلەت  دۆلەت رەئىسى ماۋزېدوڭنىڭ  1931. يىلى.

 

1931- 1935. يىللىرى پايتەختى رۇيجىن، 1935-1937. يىللىرىدىكى پايتەختى يەنئەن بولغان جۇڭخۇا سېۋەت رېسپوبلىكىسىنىڭ ھۆكۈمەت تەركىۋىدە 63 كىشى يەر ئالغان بولۇپ،دۆلەت تېرىتورىيىسى، ئاساسى قانۇنى، دۆلەت بايرىقى،خەجلەيدىغان دۆلەت پۇلى، تاموژنا، باج ئىدارىسى، ھەرقايسى مىنىستىرلىقلىرى… بولغان بىر دۆلەت ئىدى.

 

4-5 . رەسىم: جۇڭخۇۋا سېۋىت رېسپوپلىكىسى دۆلەت پۇلى

17 ماددىلىق ئاساسى قانۇننىڭ 14. ماددىسى مىللەتلەر مەسىلىسىگە ئائىت بولۇپ، مۇنداق يېزىلغان؛ [88]“ جۇڭخۇا سېۋىت ھاكىمىيىتى، خىتاي چىگراسى ئىچىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھۇقۇقىنى ئىتراپ قىلىدۇ. ئاجىز، كىچىك مىللەتلەرنىڭ خىتايدىن ئايرىلىپ چىقىپ كېتىشىنى، ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلەت ھاكىمىيەتلىرىنى قۇرۇشىنى بىردەك ئىتراپ قىلىدۇ. موڭغۇل، مۇسۇلمان (شەرقى تۈركىستاننى دېمەكچى)، تىبەت، مىياۋ، لى، گاۋلى (كورىيان-ت ) قاتارلىقلار، خىتاي سېۋىت پىدىراسسىيەسىگە قوشۇلۇش ياكى ئايرىلىش ياكى ئۆز ئاپتونوم بۆلگىسىنى قۇرۇشنى تامامەن ئۆزلىرى قارار قىلىش ھۇقۇقىغا ئىگە. جۇڭخۇا سېۋىت ھاكىمىيىتى بۇ ئاجىز، كىچىك ئېتنىك مىللەتلەرنىڭ ئىمپېرىئالىست گومىنداڭ مىلىتارىستلىرىنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ بەگ – ۋاڭلىرىنىڭ زۇلمەتلىك ھۈكۈمىرانلىغىدىن قۇتۇلۇپ، تامامەن ئۆز ئۆزىگە خوجا بولىشىغا تىرىشىپ ياردەم قىلىدۇ…” خىتاي كومىنىستىك پارتىيىسى قۇرغان دۆلەتنىڭ ئاساسى قانۇن 14. ماددىسىنىڭ خىتايچىسىنى ئەينەن قويۇپ قويدۇم. خىتايچە بىلگەنلەر ئوقۇسۇن؛
( 十四,中华苏维埃政权承认中国境内少数民族的民族自决权,一直承认到各弱小民族有同中国脱离,自己成立独立的国家的权利。蒙古,回,藏,苗,黎,高丽人等,凡是居住在中国的地域的,他们有完全自决权;加入或脱离中国苏维埃联邦,或建立自己的自治区域。中国苏维埃政权在现在要努力帮助这些弱小民族脱离帝国主义国民党军阀王公喇嘛土司的压迫统治而得到完全自主。)
بۇ قانۇننى يېزىشقا قاتناشقانلار ئارىسىدا ماۋزېدوڭدىن باشقا ليۇ شاۋچى، جۇدې، جۇ ئېنلەي، چىنيۈن، دىڭ شاۋپىڭ… لار بۈگۈنكى خىتاي كومىنىستىك پارتىيىسنىڭ پىشىۋالىرىدۇر. 2018. يىلدىكى خىتاي كومىنىستىك پارتىيىسى، 1930. يىللاردىكى كومىنىستىك پارتىيەنىڭ دەل ئۆزىدۇر.

  6. رەسىم: جۇڭخۇۋا سېۋىت رېسپوپلىكىسى ئاساسى قانۇنىنىڭ 1934. يىلى گېزىتتە ئېلان قىلغان نۇسقىسىدىن بىر كۆرۈنۈش.

 

خىتاينىڭ 13. قۇرۇلتاي 1 ئۇمۇمى يېغىنىدا 2018.يىلى 3.ئاينىڭ 11.كۈنى ماقۇللانغان [91]ئاساسى قانۇنىنىڭ مۇقەددىمىسى 3. ئابزاسىدا “ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ماركسىزم لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ”ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش“ مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات كۆزقارىشى، شىجىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيىسى يېتەكچىلىگىدە….” (中国各族人民将继续在中国共产党领导下,在马克思列宁主义、毛泽东思想、邓小平理论、“三个代表”重要思想、科学发展观、习近平新时代中国特色社会主义思想指引下..) دىگەن جۈملىلەر بىلەن داۋام قىلىدۇ. ئوخشاش جۈملىلەر خىتاي كومىنىستىك پارتىيىسى [92]نىزامنامىسىنىڭ مۇقەددىمىسىدىمۇ يەر ئالماقتا. ئۆز ۋاقتىدا بىزلەرگە مۇستەقىللىق ۋەدىسىنى قانۇنلاشتۇرغان ماۋ زېدوڭنىڭ ئىدىيىسى ۋە روھى بۈگۈنكى خىتاي دۆلىتىگە ھۈكۈمرانلىق قىلىۋاتىدۇ.
سېۋىت ئىتتىپاقى كومىنىستىك پارتىسى، مۇستەقىللىق تەلەپ قىلغان، بۇ يولدا كۈرەش قىلغان مىللەتلەرنى، ئۆز قانۇنىنى ئاياق ئاستى قىلىپ قانلىق باستۇرۇپ كەلگەن ئىدى. 70 يىلدىن كېيىن ئاساسى قاننىڭ 17. ماددىسىنى ئىتراپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى. نورمال ھاياتتىمۇ، دادىسى قەرز ئېلىپ تۆلىيەلمەي ئۆلگەن بولسا، بالىسى ئۆتەيدۇ، ئۆتەشكە مەجبۇر. دادىسى ھۆججەت يېزىپ باشقىلارغا بىر ۋەدە قىلغان بولسا، بالىسى ئۇ ۋەدىنى ئۇرۇنداشقا مەجبۇر. ماۋزېدوڭ دۇنياغا ئېلان قىلغان دۆلەت قانۇنى بىلەن بىزگە ۋەدە قىلغان” خىتايدىن ئايرىلىپ چىقىپ كېتىش” ھوقۇقىمىزنى ئىشلىتىمىز. بىز تارىختا مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ ياشاپ كەلگەن بىر مىللەتمىز. كومىنىستىك پارتىيە ھاكىمىيىتى ۋەتىنىمىزگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىمۇ مۇستەقىل دۆلىتىمىز مەۋجۇت ئىدى. بىزنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىمىز ئۈچۈن مىڭلىغان، تۈمەنلىگەن ئاساسىمىز بار. بۇ ئاساسلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ئاساس “جۇڭخۇۋا سېۋىت رىسپوبلىكىسى” ئاساسى قانۇنىنىڭ 14. ماددىسىدۇر.
بىزنىڭ مۇستەقىللىغىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، خىتاي كومىنىستىك پارتىسىنى خەلقئارا سوتقا بېرىش ۋە قۇراللىق كۈرەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق كۈرەش شەكلىنى قوللىنىش ھەققىمىز بار. بۇ مۇستەقىللىق كۆرۈشۈش يولى بىلەن بولامدۇ ياكى ئۇرۇشۇش يولى بىلەن بولامدۇ؟ تاتلىق بولامدۇ ياكى قانلىق بولامدۇ؟ بۇ بېجىڭنىڭ پۇزىتسىيىسىگە باغلىق. مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىمىزنىڭ ھەققانى ئىكەنلىگىنى دۇنياغا چۈشەندۈرۈشتە، ماۋ زېدوڭ ۋە سەپداشلىرى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن ئاساسى قانۇننى كۆتۈرۈپ چىقىش بىزگە يېتەرلىك ئاساستۇر. ئالدىنىش گۇنا ئەمەس. ئالداش نومۇسسىزلىقتۇر، شەرمەندىچىلىكتۇر.

پايدىلانغان مەنبەلەر:

82.Declaration on the Granting of Independence to Colonial Countries and Peoples
83. Birleşmiş Milletler’e üye ülkeler
84.КОНСТИТУЦИЯ (ОСНОВНОЙ ЗАКОН) СОЮЗА СОВЕТСКИХ СОЦИАЛИСТИЧЕСКИХ РЕСПУБЛИК
Утверждена Чрезвычайным VIII съездом Советов Союза ССР
85. Борис Ельцин
86.931年11月7日 中华苏维埃第一次全国代表大会召开
87.中华苏维埃共和国
88. 中华苏维埃共和国宪法大纲 – 中国共产党新闻网 – 人民网
89.中华苏维埃第二次全国代表大会
90.《中华苏维埃共和国宪法大纲》第十四条
91.(两会受权发布)中华人民共和国宪法
92.中国共产党章程

Share
3236 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.