logo

trugen jacn

ېيجىڭغا 61 قېتىم بارغان 71 ياشلىق ئەما ئەرزدار ئېلى رىشىت پىچاندا بىر يىلدىن بېرى قاماقتا

31d4d508-ed2a-4c55-b77f-d37401f7e21d

شۆھرەت ھوشۇر

بۇ يىل 71 ياشقا كىرگەن، پىچان يېڭىيەرلىك ئېلى رىشىت، 20 يىلنىڭ ئالدىدا كىچىك بىر ئىجتىمائىي جىدەلگە چېتىلىپ قېلىپ تۇتقۇن قىلىنغان، سوراق ۋە قىيناش داۋامىدا ئۇنىڭ بىر كۆزىگە توك كالتەك تېگىپ، شۇ كۆزى كاردىن چىققان.

سوراق ئاخىرىدا ئېلى رىشىت گۇناھسىز دەپ قارىلىپ قويۇپ بېرىلگەن، ئەمما ئۇنىڭغا ھېچقانداق تۆلەم بېرىلمىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئېلى رىشىتنىڭ 20 يىلغا سوزۇلغان ئەرز سەپىرى باشلانغان. بۇ جەرياندا ئۇ ئەرز قىلىپ، بېيجىڭ ئۇنى ئارقىسىغا ياندۇرۇپ، پىچان دائىرىلىرى ئۇنى تۇتۇپ ئەكېلىپ ھارمىغان. ئۇ بېيجىڭغا 61 قېتىم بارغاندىن كېيىن، ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە سۈپىتىدە بۇلتۇر 2-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇ تۇتۇلۇپ بىر يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ نەدىلىكى، سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە قانۇنىي سالاھىيىتى ھەققىدە ئائىلىسى ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغان. نۆۋەتتە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى تۇتقۇن دادىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر تېپىش ئۈچۈن ساقچى ۋە باشقا ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئارىسىدا تېپىرلاپ يۈرمەكتە.

بىر يىلدىن بېرى ئىز-دېرىكىنى ئېلىش مۇمكىن بولمايۋاتقان تۇتقۇن 71 ياش، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەما، يەنى ئىككىنچى دەرىجىلىك مېيىپ. تۇتۇلۇش سەۋەبى بولسا ئەرز قىلىش

ئەما ئەرزدار ئېلى رىشىت بېيجىڭغا 61 قېتىم سەپەر قىلغان، بۇ مۇشەققەتلىك سەپەر ۋە ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتنىڭ باشلانغۇچ ھېكايىسى قاراشەھەردىن باشلانغان:
ئەما ئەرزدار ئېلى رىشىتنىڭ 61 قېتىملىق بېيجىڭ سەپىرىدىن كېيىن، پىچان دائىرىلىرى ئۇنىڭغا بىر يۈرۈش بىنا ئۆي ۋە 200 مىڭ سوم پۇل بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئەمما دائىرىلەر 200 مىڭ سومنى ئايدا 2 مىڭ سومدىن بۆلۈپ بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان، ئېلى رىشىت ئۆزىنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، تۆلەمنىڭ مۇنداق پارچىلىنىپ بېرىلىشىنى رەت قىلغان. نەتىجىدە پىچان ساقچىلىرى ئۇنىڭ يەنە ئەرز قىلىپ بېيجىڭغا بېرىشىدىن ئەندىشە قىلىپ ئۇنى قاماققا تاشلىغان

بۇ ۋەقەدە كىشىنى ئويغا سالىدىغىنى، ئەرزدار ئېلى رىشىتنىڭ سەۋرچانلىقى، چارچىماسلىقى، يانماسلىقى. بۇ، ئېلى رىشىتنىڭ بېيجىڭغا ئۈمىدنىڭ چوڭلۇقىدىنمۇ ياكى يەرلىك ئەمەلدارلار بىلەن قارشىلىشىش ئىرادىسىنىڭ كۈچلۈكلۈكىدىنمۇ ۋە ياكى تارتىلغان زىياننىڭ چوڭلۇقى ۋە تولۇقلىمىسا بولمايدىغانلىقىدىنمۇ؟ بۇ سوئاللارغا ئېلى رىشىتنىڭ ئۆزىدىن جاۋاب ئېلىشقا ئامالسىزمىز، ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ جاۋابى مۇنداق: «ئاتمىش نەچچە قېتىملىق سەپەردە ئاز دېگەندە 500-600 مىڭ سوم چىقىم تارتتۇق، شۇڭا دادامدىن تالاي قېتىم بۇ ئەرزدىن ۋاز كېچىشنى ئۆتۈنۈپ سورۇدۇم، دادامنىڭ دەيدىغىنى شۇ ‹بۇ ئەرزدىن ۋاز كەچسەم ئۆلۈۋالسام بولىدۇ

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/uyghur-erzdar-01292015144817.html

Share
1054 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.