logo

trugen jacn

ۋەقەگە شاھىت سېكرېتار، باي ياقائېرىق ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ كىملىكلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى

image (1)

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

باي ياقائېرىقتا ۋەقە يۈز بېرىپ ئەتىسى، خىتاينىڭ ئاقسۇ جامائەت خەۋپسىزلىك تورىدا، ۋەقەگە چېتىشلىق گۇماندارلار ھەققىدە بىر تۇتۇش بۇيرۇقى ئېلان قىلىندى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆچۈرۈۋېتىلگەن بۇ تۇتۇش بۇيرۇقىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقەدە رول ئالغان پىدائىيلارنىڭ سانى 20 نەپەر بولۇپ، بۇلاردىن 9 نەپىرى ئېتىۋېتىلگەن، 3 نەپىرى قېچىپ قۇتۇلغان ۋە قالغانلىرى تۇتۇلغان. ۋەقەدە ۋەزىپە ئۆتىگەن بىر كەنت سېكرېتارىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر 20 پىدائىينىڭ ئىچىدە ئاز دېگەندە ئىككى نەپىرى ئايال؛ پىدائىيلارنىڭ باش يېتەكچىسى تۇرغۇن بىلال، ئۇنىڭ ياردەمچىسى ئابلىز ئابلا بولۇپ، بۇلاردىن تۇرغۇن بىلال ئايالى بىلەن بىرلىكتە ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان؛ ئابلىز ئابلا ئايالى ئازادەم نۇر بىلەن بىرلىكتە ساقچىلاردىن تارتىۋالغان قورالنى ئېلىپ قېچىپ كەتكەن. سېكرېتارنىڭ يەنە بايان قىلىشىچە، ۋەقەگە چېتىشلىقى بولمىغان ھالدا ئېتىۋېتىلگەن 4 كىشىدىن بىرى يېزىلىق دوختۇرخانا باشلىقى جۈمە ھەققۇلى، يەنە بىرى بولسا، جۈمە ھەققۇلىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان قىزىدۇر

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/uyghurda-qarshiliq-02232015153719.html

Share
1634 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.