logo

trugen jacn

ۋەتىنىگە قايتقان روھ: مەرھۇم كۈرەش كۆسەننىڭ يىغمىلىرى شىۋېتسىيە مۇزىكا ئارخىپىدا -2

kuresh-kosen-shwetsiye-muzika-ansambili-305

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

مەرھۇم كۈرەش كۆسەن ۋاپاتىنىڭ 10 يىللىق خاتىرىسىدە ئۇنىڭ كۈرەش روھىغا باي ھاياتى زامانداشلىرىنىڭ ئەسلىمىلىرىدە ياد ئېتىلگەن بولسا، ئۇنىڭ بىر ئۆمۈر توپلىغان خۇسۇسىي يىغمىلىرى شىۋېتسىيە دۆلەتلىك مۇزىكا ئارخىپىدا سىفىرلاشتۇرۇلۇپ، زىيارەتچىلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلدى.

ئۇنىڭ بۈگۈن شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان بىر تۇغقان سىڭلىسى مۇنەۋۋەر سۇلتان خانىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئاكىسىنىڭ ئۆمۈر دەپتىرىدىن خاتىرە تەقدىم قىلدى.

مۇنەۋۋەر خانىمنىڭ ئەسلىشىچە، ئاكىسى كۈرەش سۇلتان «كۆسەن» دېگەن بۇ تەخەللۇسنى 1987-يىلىدىن باشلاپ رەسمىي قوللانغان بولۇپ، 1988-يىلى ئۈرۈمچىدىكى سەنئەت ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا بېغىشلاپ «كۆسەن سىمفونىيەسى» ناملىق داڭلىق مۇزىكىسىنى ئىجاد قىلغان ئىكەن.

مەرھۇم كۈرەش كۆسەننىڭ سەبداشلىرىدىن بۈگۈن گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى ئۇنىڭ «كۈرەش ئۆلمەيدۇ» ناملىق ئۆلمەس ناخشىسى ھەققىدە توختىلىپ، «بۇ ناخشا كۈرەش كۆسەننىڭ كۈرەش قاينىمىغا تولغان ھاياتى ۋە ئۇنىڭ ئەركىنلىك يولىدىكى مەڭگۈ ئۆلمەس كۈرەش روھىغا بېغىشلانغان خاس ئەسەردۇر،» دەپ كۆرسەتتى.

ئابلىمىت تۇرسۇن يەنە مەرھۇم كۈرەش كۆسەن ھايات ۋاقتىدىلا ئۆزىنىڭ سەنئەت تالانتى ئارقىلىق شىۋېتسىيە مۇزىكا ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى چەككەنلىكىنى، ئۇنىڭ خۇسۇسىي يىغمىلىرىنىڭ بۈگۈن شىۋېتسىيە ئارخىپ ۋە مۇزېيلىرىدىن ئورۇن ئېلىشىنىڭ خۇشاللىنارلىق بىر ئىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

كۈرەش كۆسەننىڭ سەپدىشى ۋە ئائىلە تۇغقانلىرىدىن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندىمۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەرھۇمنىڭ خۇسۇسىي يىغمىلىرىنىڭ قانداق بىر جەريان بىلەن شىۋېتسىيە دۆلەتلىك مۇزىكا ئارخىپىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى بايان قىلدى.

پاترىك خەلزون – شىۋېتسىيە مۇزىكا ئارخىپىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن مەرھۇم كۈرەش كۆسەننىڭ خۇسۇسىي يىغمىلىرىنى كاتالوگلاشتۇرغان ۋە ئۇنىڭ سىفىرلىق ئارخىپىنى ئىشلەپ چىققان ياش شىۋېت ئۇيغۇرشۇناسلىرىدىن بىرى. ئۇ بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، شىۋېتسىيە مۇزىكا ئارخىپىدا مەخسۇس ئورۇن ئاجرىتىلغان كۈرەش كۆسەن يىغمىلىرىنىڭ نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى ئاخىرىدا شىۋېتسىيە مۇزىكا ئارخىپىدىكى كۈرەش كۆسەن يىغمىلىرىنىڭ دائىرىسى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىپ، بۇ يىغمىنىڭ شىمالىي ياۋروپادىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ جەمئىيەت تارىخىنى بىلىشتە ئىنتايىن مۇھىم مەنبە بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/kuresh-kosen-11012016144800.html

Share
1696 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.