logo

trugen jacn

ۋېيشىن – ئۈندىدار ئەپى كىشىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كۆلەڭگە تاشلىماقتا

 

 

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتايدا ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان «ۋېيشىن» يەنى ئۈندىدار ئەپىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى نۆۋەتتە كۈچلۈك دىققەت قوزغاۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. بولۇپمۇ خىتايدا، شەخسلەرنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قوغداشقا دائىر بىر قانۇننىڭ بولماسلىقى ۋە ئەڭ مۇھىمى خىتاينىڭ قانۇن بىلەن باشقۇرۇلىدىغان بىر دۆلەت بولماسلىقى-ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنىڭ ھەربىر ئېلېمېنتلىرىغىچە سىڭىپ كىرگەن بۇ خىل ئەپلەرنى خەتەرلىك دۈشمەنگە ئايلاندۇرۇپ قويماقتىكەن.

كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ مۇھىم قىسمىغا ئايلانغان ئەقىللىق تېلېفونلار ۋە بۇ تېلېفونلاردا تۇرمۇشىمىزنى قۇلايلاشتۇرۇش ئۈچۈن يارىتىلىۋاتقان ئەپلەرنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى يەنى ئىنسانلارنىڭ خۇسۇسىي مەخپىيەتلىكىنىڭ قوغدىلىش مەسىلىسى ھازىر غەرب ئەللىرىدىمۇ تۈرلۈك تالاش-تارتىشلارغا سەۋەب بولماقتا. ئەمما خىتايغا ئوخشاش دىكتاتور دۆلەتلەردە، جۈملىدىن ئىنساننىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق بىر قانۇن بولمىغان بىر دۆلەتتە بولسا، بۇنداق ئەپلەرنى قوللىنىش زور بىر سوئال ئىشارىتى پەيدا قىلماقتا. خىتايدا ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان «ۋېيشىن» يەنى ئۇيغۇرچە «ئۈندىدار» دەپ ئاتىلىۋاتقان ئەپ بولسا كۆزەتكۈچىلەردە كۈچلۈك گۇمان قوزغاۋاتقان ئەپلەرنىڭ بىرىدۇر.

دۈشەنبە كۈنى، ئامېرىكانىڭ دىپلومات ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ قاراڭغۇ تەرىپى» ناملىق ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىكى تېلېفون قوللانغۇچىلىرىنىڭ 80 پىرسەنتىدە بۇ ئەپ مەۋجۇت بولۇپ، ھەر ئايدا ئاز دېگەندە 500 مىليون كىشى بۇ ئەپنى ئاز دېگەندە بىر قېتىم ئىشلىتىدىكەن. ئۈندىدار ئەپىنىڭ بۇنداق دىققەت قوزغىشىدىكى سەۋەب، ئۇ پەقەتلا بىر ئۇچۇر يېزىشىدىغان، سۆزلىشىدىغان ئەپ بولۇشتىن ھالقىپ كەتكەن بولۇپ، ئۈندىدار ئەپى ئارقىلىق يەنە، سودا-سېتىق قىلغىلى، ھاراق سېتىۋالغىلى، ئايروپىلان بېلىتىنى تىزىملىتىش، يەرلىك كۇتۇپخانىلاردىكى كىتابلارنى تەكشۈرۈش، ھەرخىل فوندى جەمئىيەتلەرگە ئىئانە قىلىش، توك-سۇ پۇلى تۆلەش، دوختۇرغا تىزىملاش دېگەندەك نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىكەن. جۈملىدىن ئۈندىدار ئەپى سىزنىڭ ئەتىگەندىن-ئاخشامغىچە دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىڭىزنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرالايدىكەن.

بۇ ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۈندىدار ئەپى يۇقىرىدىكى ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن قارىماققا كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى قولايلاشتۇرۇۋاتقاندەك كۆرۈنگەن بىلەن، بۇ خىل ئالاھىدىلىكلەر ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە، ئەپ قوللانغۇچىسىنىڭ كۈندىلىك پائالىيەتلىرى، قانداق نەرسىلەرنى ئەڭ قىزىقىپ سېتىۋالىدىغانلىقى، قايسى دوختۇرغا بارىدىغانلىقىدەك ئەڭ خاس ئالاھىدىلىكلىرىنى بەلگىلەپ چىقىشىغا ئىمكان يارىتىپ بېرىدىكەن. ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن:

-بۇ خىل قۇلايلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىر بەدىلى بار. ئۇ بولسىمۇ، ئەركىنلىك ۋە خۇسۇسىي ئۇچۇرنىڭ مەخپىيەتلىكى. خىتاينىڭ بەيدۇ، تېڭشۈن ۋە ئالىبابا قاتارلىق ئىنتېرنېت گىگانتلىرى سايىسىدە خىتاي دىكتاتور ھۆكۈمىتى ھازىر قوللانغۇچىلارنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىنى، ئۇلارنىڭ نېمە سېتىۋېلىۋاتقانلىقىنى، نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى ۋە ھازىر نەدە ئىكەنلىكىنى دەل شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بىلىپ تۇرىدىغان بولدى. خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇنداق قىلىشنى ئۇزۇندىن بۇيان ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئىدى. ئەمما، ھازىر ئەقىللىق تېلېفونلاردىكى ئۈندىدار ئەپى ئارقىلىق كىشىلەر ئۆزلۈكىدىن ھۆكۈمەتنى بۇ ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان بولدى….

ئامېرىكىدىكى ئەركىنلىك سارىيىنىڭ ئىنتېرنېت بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى بويىچە تەتقىق ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتقىقاتچىسى مېدىلىن ئېرپ بۈگۈن بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتايدا ئىنتېرنېت تورى جۈملىدىن مۇشۇنداق ئەقىللىق تېلېفونلارنى ئىشلىتىشتە بىر قانچە مۇھىم مەسىلىلەر مەۋجۇتلۇقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

‏-بىرىنچىدىن، خىتايدا خۇسۇسىي ئۇچۇرلارنى قوغداشقا ئائىت قانۇنلار ئىنتايىن يېتەرسىز. يەنى مۇتلەق ۋە ئوچۇق ھالدا ھۆكۈمەتكە ھەرقانداق ۋاقىتتا قوللانغۇچىغا ئائىت ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش ئىمكانى يارىتىلغان. ئىككىنچىدىن، خىتايدا ئىسىمسىز تور قوللىنىش ئاساسەن چەكلەنگەن. ئەڭ ئاددىي بىر تور بەتكە كىرىش ئۈچۈنمۇ كىملىك ئۇچۇرىڭىز بىلەن كىرىشىڭىز كېرەك. دېمەك، خىتايدا پەقەتلا ئۈندىدار ئەمەس، ھەرقانداق بىر توربەت ۋە ياكى ھەرقانداق بىر ئەپ سىزنىڭ قىلغان مەشغۇلاتىڭىزنى، سىزگە ئائىت ئۇچۇرلارنى ھۆكۈمەتكە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.

ئامېرىكىدىكى كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسى مەمەت ئەپەندى ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ بەزى گۇمانلىق شەخسلەرنىڭ تور ھېسابلىرىنى تەكشۈرىدىغان ئېھتىياج تۇغۇلىدىغانلىقى، ئەمما ئامېرىكادا پەقەت بىر كىشىنىڭ ھېسابىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ نۇرغۇن قانۇنىي يوللارغا مۇراجىئەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دىپلومات ژۇرنىلىدىكى ماقالىدە، خىتاي ساقچى ئورگانلىرىنىڭ ئۈندىدار ئەپى ئارقىلىق ئاقما نوپۇسلارنى تەقىب قىلىش ۋە شۇنداقلا بەزى ئەمەلدارلارنى چىرىكلىك بىلەن ئەيىبلەشتە مۇشۇ ئۈندىدار ئارقىلىق قىلغان قىممەت باھالىق سودا – سېتىقلىرىنى ئىسپات سۈپىتىدە قوللانغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدە بولسا ئەھۋال بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلەرنى ئۈندىداردا ئۆزى ياخشى كۆرگەن بەزى دىنىي مەزمۇندىكى سۈرەتلەرنى ھەمبەھىرلىگەنلىكى، ياكى باشقىلار چىقارغان نەرسىلەرنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن قانۇنىي جازاغا تارتىلغان ئىدى. خىتاي دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇرلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىشخانىسى بۇ يىل 5-ئاينىڭ 2-كۈنى يېڭى «ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇرلىرى مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» نى ئېلان قىلىپ، تېلېفون ئەپلىرى ئارقىلىق «زىيانلىق» ئۇچۇر تارقاتقۇچىلارنىڭ قىلمىشىغا قاراپ تۇرۇپ ئوخشىمىغان دەرىجىدە جىنايى جازا بېكىتىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەيلا يەنى 18-ماي كۈنى شىنجاڭ ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار «قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر تارقىتىش» تىپىدىكى دېلولاردىن سەككىزنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئارقىدىن يەنە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتېرنېت-ئۇچۇر ئىشخانىسى 10 دېلونى ئېلان قىلدى.

مەدېلىن ئېرپ سۆزىدە، خىتايدا خۇسۇسىي ئۇچۇرلارنى قوغداشقا ئائىت قانۇنلارنى تۇرغۇزۇش تەلىپى كۈچىيىۋاتقان بىر شارائىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەكسىچە سىياسەت يۈرگۈزۈپ، تەقبىنى ئاشۇرىدىغان سىياسەتلەرنى بەلگىلەپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئىگەللەنگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۈندىدار قوللانغۇچىلىرىغا قارىتىلغان بۇ زەربە ئۇيغۇرلاردا قاتتىق ۋەھىمە پەيدا قىلغانلىقتىن نۇرغۇن كىشىلەر ئۈندىداردا بىر نەرسە ھەمبەھىرلەشتىن، ھەتتا باشقىلار ھەمبەھىرلىگەن مەزمۇنلارنى كۆرۈشتىنمۇ قورقىدىغان بولۇپ قالغان. بەزىلەر ھەتتا ئاۋارىچىلىككە ئۇچرىماسلىق ئۈچۈن بىراقلا ئەقىللىق تېلېفون ئىشلەتمەيدىغان بولۇپ كەتكەن. يېقىندا خوتەن ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاۋازى بولغان «خوتەن گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «ئۈندىداردىن خاتىرجەم بولالمىسىڭىز» ماۋزۇلۇق خەۋەرمۇ يۇقىرىدىكىلەرنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللەپ بەرگەن بولۇپ، خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: بەزىلەرنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سەزگۈرلۈكى ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن ئېڭىنىڭ يۇقىرى بولماسلىقى سەۋەبلىك يەنە بىر جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ھازىر رايونىمىزدا توردىكى جىنايى قىلمىشلارغا زەربە بېرىش دولقۇنىنىڭ ئاشۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ھازىر بەزى تورداشلار ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا تازا ئېرەڭشىمەي تۇرۇپ چەمبەرگە چىقىرىپ قويغان يازما، سۈرەتلىرىدىن، ھەمبەھىرلىگەن ئۇلانمىلىرىدىن غەم يەپ ئەنسىرەپ ئولتۇرماقتا. تورغا كۆپ نەرسە يوللايدىغان تورداشلارنىڭ بۇ ئەندىشىسى تېخىمۇ كۈچلۈك، ئۇلار بۇرۇن نېمە چىقىرىپ قويغاندىمەن، قانداق تېمىغا يۈرەك بېرىپ قويغاندىمەن دېگەندەك خىياللار بىلەن خاتىرجەملىكى بۇزۇلماقتا…. ئەگەر ئۈندىدارنىڭ خاتىرجەملىكىنى بۇزۇشىنى خالىمىسىڭىز ئۇ ھالدا ئۈندىدار ھېسابىڭىزنى مەڭگۈلۈك ئۆچۈرۈۋېتىڭ، تېڭشۈن شىركىتى يېقىندا ئۈندىدارغا ھېساباتنى بىراقلا ئۆچۈرۈۋېتىدىغان ئىقتىدارنى قوشتى»

چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر بولسا، يۇقىرىدىكى بۇ ئېلان خاراكتېرىدىكى خەۋەرنىڭ ئۆزىلا ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ قايسى دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان ۋەھىمىنىمۇ ئىپادىلەپ تۇرماقتا، دەيدۇ.

ئامېرىكىدىكى كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسى مەمەت ئەپەندى بولسا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭمۇ جۈملىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نىشانىغا ئايلانغان ھەرقانداق مىللەتنىڭ خىتايدا ئىشلەنگەن ھەرقانداق بىر ئەپنى ئىشلىتىشىنى خاتا، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بىر ئەپ ئارقىلىق ئەگەر خالىغان تەقدىردە نۇرغۇن ئۇچۇرغا ئېرىشكىلى بولىدۇ، دەپ ئەسكەرتتى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/mulahize/undidar-08222017175007.html#.WZ5oIJcyIzQ.facebook

Share
1359 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.