logo

trugen jacn

ۋېيتنام – خىتاي چېگرىسىدا قولغا ئېلىنغان 16 كىشىنىڭ ئۇيغۇرلۇقى مۆلچەرلەنمەكتە

uygur_turkleri_havalimaninda_bekliyor13994471650_h1155183

ئىرادە

خىتاينىڭ كۈندىلىك خەۋەرلەر تورى، خىتاي ساقچى تورى قاتارلىق خەۋەر تورلىرى بۈگۈن گۇاڭشىنىڭ دۇڭشىڭ شەھەرلىك ساقچى تارماقلىرىنىڭ ئوغرىلىقچە چېگىرىدىن قاچماقچى بولغان 16 كىشىنى قولغا ئالغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى تەشۋىق قىلدى. يۇقىرىدىكى خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ كىشىلەر 10 – سىنتەبىر كۈنى كېچىدە، دۇڭشىڭ شەھىرىدىكى بىر يول ئارقىلىق چېگرا ئاتلاپ ۋېيتنامغا قاچماقچى بولۇپ تۇرغاندا بايقىلىپ قالغان ۋە ئىككى دۆلەت ساقچىلىرىنىڭ ھەمكارلىشىشى نەتىجىسدە قولغا ئېلىنغان.

گەرچە خەۋەرلەردە بۇ كىشىلەر «ئاز سانلىق مىللەت» دەپ تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بۇ 16 كىشىنىڭ ئۇيغۇر بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. چۈنكى، بۇ يىل 4 – ئايدا ۋېيتنام – خىتاي چېگرىسىدا 16 نەپەر ئۇيغۇر ۋېيتنام ساقچىلىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ قېلىپ خىتاي تەرەپكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەندە توقۇنۇش چىققان ۋە 5 نەپەر ئۇيغۇر نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ۋېيتنام، تايلاند، مالايشىيا ۋە كامبودژا قاتارلىق دۆلەتلەرگە قېچىپ چىقىپ پاناھلانماقچى بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلار بىراقلا كۆپەيگەن. بىراق، بۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدىكى قاتتىق بېسىمىغا ئۇچراۋاتقانلىقى مەلۇم. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بولسا بۇ دۆلەتلەرنى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا، ئەكسى تەقدىردە ئۇلارنىڭ قاتتىق جازاغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلار قېچىپ چىقىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئىلگىرى سۈرۈۋاتقاندەك تېررورچىلار ئەمەس، بەلكى زۇلۇمدىن قاچقان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/vetnam-chigra-09112014214007.html

 

Share
1623 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.