logo

trugen jacn

«ۋېنجۇ ۋەقەسى»24 – ئىيۇل دە 2 كىشى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن

7a0833bb-1916-4533-a058-bb269338fae2

ئەركىن

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىگە قاراشلىق ۋېنجۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت 24 – ئىيۇل ئەتىگەن سەھەردە بىر «تېررورلۇق گۇرۇھى»نى پاش قىلىپ، 2 «تېررورچى»نى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. لېكىن بەزى ئۇچۇرلاردا، يەنە 2 كىشىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

دائىرىلەر، ۋەقەدە قولغا ئېلىنغانلار ياكى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ مىللىتىنى ئاشكارىلىمىغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئاخباراتىنىڭ «تېررورلۇق» سۆزىنى دائىم ئۇيغۇرلارغا ئىشلىتىدىغانلىقى مەلۇم.

ۋېنجۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت 24 – ئىيۇل «ۋېنجۇ ۋەقەسى»گە ئالاقىدار ئۇچۇرىدا، پەقەت 2 «تېررورچى»نىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ۋەقەدە يەنە 2 كىشىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان.

بىز ۋېنجۇ شەھىرى شۈيشىن ساقچى پونكىتىغا تېلېفون قىلىپ، ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى سورىغان بولساقمۇ، بىراق ئۇلار ۋەقە ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلدى.

شۈيشىن ساقچى پونكىتىنىڭ خادىمى، «سىز مۇخبىر بولسىڭىز ۋە سوئالىڭىز بولسا، كونكرېت ئەھۋالنى بىز بىلمەيمىز. سىز رايونلۇق ساقچى ئىدارىسىغا تېلېفون قىلىڭ. لۇچېڭ رايونلۇق ساقچىغا تېلېفون قىلىڭ. ۋەقەنىڭ كونكرېت ئەھۋالىنى بىزمۇ بىلمەيمىز. چۈنكى، بۇ ھەرىكەتنى بىز ئېلىپ بارمىغان. رايونلۇق ساقچى ئېلىپ بارغان. سىز شۇلاردىن سوراڭ.

بۇ ۋەقە بىزنىڭ باشقۇرۇشىمىزدىكى رايوندا يۈز بەرگەنلىكى راست. بىراق ئۇلار بىزگە ئۇقتۇرۇش قىلمىدى. بىز ئىشنى كېيىن ئۇقتۇق. كونكرېت ئەھۋالنى شۇلاردىن سوراڭلار» دېدى.

شۇ ۋەقەدە 2 كىشىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ۋېنجۇ شەھىرى لۇچېڭ رايونلىق ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى ئۆزىنىڭ مىكرو بلوگىدا ئاشكارىلىغان. ئۇ، شۇ كۈنى 2 «تېررورچى»نىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى، 2 «تېررورچى»نىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، ۋەقەنىڭ ئايرىم – ئايرىم ئىككى جايدا يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، بىر ۋەقە ۋېنجۇنىڭ شۈيشىن رايونىدا، يەنە بىر ۋەقە ۋېنجۇنىڭ رۈيئەن شەھىرىدە يۈز بەرگەن. ئۇ، 2 «تېررورچى» 24 – ئىيۇل ئەتىگەن سائەت 5:30 دە ۋېنجۇنىڭ رۈيئەن شەھىرىدە قولغا ئېلىنغانلىقىنى، قالغان ئىككەيلەن ۋېنجۇ شەھىرى لۈچېڭ رايونىغا قاراشلىق شۈيشىن ئاھالىلەر رايونىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

رۈيئەن ۋېنجۇغا قاراشلىق ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر، ئارىلىقى 30 – 40 كىلومېتىر كېلىدۇ. يۇقىرىقى ساقچى خادىمىنىڭ قەيت قىلىشىچە، رۈيئەندە قولغا ئېلىنغانلار بىلەن شۈيشىندە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلەر بىر گۇرۇھنىڭ ئادەملىرىكەن.

شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز يەنە، ۋېنجۇنىڭ لۈچېڭ رايونلۇق ساقچى ئىدارىسىغا تېلېفون قىلدۇق. ساقچى ئىدارىسىنىڭ كەچلىك نۆۋەتچى خادىمى ۋەقە ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئىككى كىشىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئاشكارىلاپ قويدى.

لۈچېڭ ساقچى ئىدارىسىنىڭ خادىمى، مۇخبىرغا «مەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى دېدىڭىزما! توختاپ تۇرۇڭ ھە، مەن سوراپ باقاي» دەپ قويۇپ، باشلىقنىڭ يوليورۇقىنى سورىدى.

ئۇ، «سۈي جيە! تېلېفوندا بىر مۇخبىر بىز يېقىندا ئېتىپ ئۆلتۈرگەن كىشىنى سوراۋاتىدۇ. نېمە دەپ جاۋاب بەرسەك بولىدۇ. چەتئەلنىڭ مۇخبىرىكەن، ئاسىيا رادىيوسىنىڭ مۇخبىرى دەمدۇ، بىر نېمە دەيدۇ. بۇنى بىر مۇنچە ئۆي ئىگىلىرىمۇ بىزگە تېلېفون قىلىپ سورىغان ئىدى. تېلېفون قىلغان بىر مۇخبىركەن، ئاسىيا رادىئوسىنىڭ دەيدۇ» دېدى.

تېلېفوندا ئۇنىڭ باشلىقى بىزنىڭ سىياسىي باشقارمىغا تېلېفون قىلىپ، شۇلاردىن سورىشىمىزنى ئېيتىشنى تاپىلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ نۆۋەتچى خادىم بىزنىڭ ۋەقەگە ئالاقىدار سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى، ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى ئەتە سىياسىي باشقارمىغا تېلېفون قىلىپ سورىشىمىزنى ئېيتتى.

بۇ ۋەقە خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ يېقىنقى 15 كۈن ئىچىدە 3 – قېتىم ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار «تېررورلۇق ھۇجۇملار»نى پاش قىلغانلىقى ياكى «تېررورچىلار»نىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلىشىدۇر.

دائىرىلەر يېقىندا شېنياڭ شەھىرىدە ساقچىلارنىڭ بىر ئۇيغۇر ئايالنى يارىلاندۇرغانلىقى، 3 گۇمانلىق «تېررورچى»نىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، سۈرىيەدە تەلىم ئالغان بىر گۇمانلىق «تېررورچى»نىڭ شىجياجۇاڭ شەھىرىدە قولغا چۈشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

لېكىن چەتئەلدىكى بەزى خىتاي ئانالىزچىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئىچكى ئۆلكىلەردە يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆز يۇرتىدا كونترول قىلىپ، ئۇلارغا ئۆز ھېچقانداق بوشلۇق قويمىغانلىقىنىڭ مەھسۇلى.

ئامېرىكىدىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى لى خۇڭكۇەن، «چۈنكى، بۇنى خىتاينىڭ بيۇكرات مىخانىزىمى بەلگىلىگەن» دېدى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇيغۇر قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەرگە كېڭىيىش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت. بۇنى جۇڭگونىڭ بيۇكرات تۈزۈلمىسى بەلگىلىگەن. شۇڭا جۇڭگونىڭ مەركىزى مىخانىزىمىدا يۇقىرى بۇيرۇق قىلسا، تۆۋەندىكىلەر ئەخمىقانە ئىشلارنى قىلىدىغان ۋەقەلەر يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. يېقىندا ئىچكى موڭغۇلدا چىڭگىزخاننىڭ ھۆججەتلىك فىلىمىنى كۆرگەن چەتئەللىكلەرنى تۇتۇۋالغان ئەخمىقانە ھادىسە يۈز بەردى.»

لى خۇڭكۈەن يەنە، «مەركەزنىڭ مۇنداق نىگىزلىك سىياسىتى بار، ئۇ بولسا تېررورلۇققا قارشى تۇرغاندا قاتتىق قول بولسا بولىدۇ. بىرسىنى ئېتىۋەتسە ھېچقانداق جاۋابكارلىق سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئەڭ ئەقەللى سىياسىتى. شۇڭا، يۇقىرىقىدەك قانۇندىن ھالقىپ كېتىدىغان ئىشلار يۈز بېرىۋاتىدۇ. نۆۋەتتە، تېررورلۇق بىر شۇئارغا ئايلاندى. خالىغان ئادەمنى تۇتۇپ، ئۇنىڭغا سالسا بولىدۇ. شىنجاڭدا بۇ جىنايەت ئارتىلغانلارنى ئېتىپ بولۇپ سۈرۈشتۈرسە بولىدىغان بولۇپ قالدى. بۇ جۇڭگونىڭ ھازىرقى بىر رېئاللىقى. بۇ ئەھۋالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەرگە قېچىپ كېلىپ قارشىلىق قىلىشى تەبىئىي ئەھۋال» دېدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/wenzhou-weqesi-07272015231517.html

Share
1374 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.