logo

trugen jacn

ۋېنجۇ ساقچى دائىرىلىرى 27‏-ئىيۇل تۇتقۇن قىلىنغان 2 ئۇيغۇرنىڭ «تېررورلۇق بىلەن ئالاقىسى يوق» دېدى

34693d3a-1c04-4af7-83d4-901edbeb6445

 

بىر خىتاي ساقچى خادىمى 27‏-ئىيۇل جېجياڭنىڭ ۋېنجۇ شەھىرى كىشەن رايونىدا تۇتقۇن قىلىنغان 2 ئۇيغۇرنىڭ «تېررورلۇق» بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، بىراق ئۇلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبىگە چۈشەنچە بېرىشنى رەت قىلدى.

ۋېنجۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى 27‏-ئىيۇل ۋېنجۇ شەھىرىنىڭ كىشەن رايونى خۇايۈەن ئاھالىلەر رايونىدىكى ئىككى ئورۇندا ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، بۇ رايوندا ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرغان 2 ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغان.

بىز ۋەقە يۈز بەرگەن شۇ رايوندىكى خۇايۈەن ساقچى پونكىتىغا تېلېفون قىلىپ، تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى سورىدۇق. خۇايۈەن ساقچى پونكىتىنىڭ كەچلىك نۆۋەتچى خادىمى ۋەقەنىڭ تېررورلۇق بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى رەت قىلىپ، تۇتقۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

خۇايۈەن ساقچى پونكىتىنىڭ خادىمى:
‏- كونكرېت ئەھۋالنى ئېنىق بىلمەيمەن. ئەتە ئەتىگەندە تېلېفون قىلىپ سورىسىڭىز، رەھبەرلىك سىزگە جاۋاب بېرىدۇ. بۇ ۋەقە بىر قېتىملىق تەكشۈرۈش ۋەقەسى بولسا كېرەك.. بۇ چوڭ ئەمەس. ئۇ ۋەقەنىڭ تېررورلۇق بىلەن چېتىشلىق يوق. ھېچقانداق قانۇنسىز بىر نەرسىمۇ بايقىمىدۇق. ئەگەر بايقىغان بولساق، ئۇلارنى قويۇۋەتمىگەن بولاتتۇق. ھازىر ئۇلار قويۇپ بېرىلدى.
مۇخبىر:
‏-لېكىن بەزى خەۋەرلەردە تۇتقۇنلارنىڭ ئىچىدە ئاياللار ۋە بالىلار بار، دەيدىغۇ؟ سىلەر قانداق بىر تەرەپ قىلدىڭلار ئۇلارنى؟

خۇايۈەن ساقچى پونكىتىنىڭ خادىمى:
‏- ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ بارلىقى راست، لېكىن سىز بۇ دېلونىڭ كونكرېت تەپسىلاتىنى ئىگىلىمەكچى بولسىڭىز، مەن سىزنىڭ ئەتە سائەت 8:30 دىن كېيىن باشلىقلارنى ئىزدىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

بىراق، ۋېنجۇ ئامانلىق ئورگانلىرىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە بەرگەن مەزكۇر ۋەقە ھەققىدىكى ئۇچۇرى بىردەك ئەمەس. ۋېنجۇ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى خىتاي ئاخباراتىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، تۇتقۇن قىلىنغان بۇ ئىككىيلەننىڭ چەكلەنگەن تىغلىق ئەسۋاپلارنى ۋە قانۇنسىز دىنىي بۇيۇملارنى ساقلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن تۇتقۇنلارنىڭ ئىچىدە ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالمىغان ئىدى.

خۇايۈەن ساقچى پونكىتى ۋېنجۇ شەھىرىنىڭ كىشەن رايونلۇق شۆبە ساقچى ئىدارىسىگە قارايدۇ. خۇايۈەن ساقچى پونكىتىنىڭ خادىمى تۇتقۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى قەيت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن كىشەن رايونلۇق شۆبە ساقچى ئىدارىسىنىڭ كەچلىك نۆۋەتچى خادىمى دېلونىڭ داۋاملىق تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

كىشەن شۆبە ساقچى ئىدارىسى:
‏-بۇ ۋەقەنىڭ ۋېنجۇدا بولغان ۋەقە بىلەن ئالاقىسى بار -يوقلۇقى ئېنىق ئەمەس. بۇ تېخى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانمىدى. ئەھۋال تەكشۈرۈپ بولۇنمىدى، ھازىر ئەھۋالنى بىلمەيمىز.

مۇخبىر:‏
‏- شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئۇلار چەكلەنگەن تىغلىق بۇيۇملارنى شۇنداقلا يەنە قانۇنسىز دىنىي نەشر بۇيۇملىرىنى ساقلىغان دېيىلگەن. قانداق نەرسە قانۇنسىز دىنىي بۇيۇم ھېسابلىنىدۇ؟

كىشەن شۆبە ساقچى ئىدارىسى:
‏- مەن بۇنى ئاڭلاپ باقمىدىم. لېكىن ئۇ كىشىلەر ھازىر تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ. ۋېنجۇدا يېقىندىن بۇيان يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە كەلسەك، ئۇ ئىش بۇ يەرگە تەسىر قىلمىدى. ئۇنىڭ بۇ ۋەقە بىلەن ئالاقىسى يوق.

مۇخبىر:
‏- ئەگەر كېشەندىكى ئۇ ۋەقەنىڭ «تېررورلۇق» بىلەن ئالاقىسى بولمىسا، ساقچىلار نېمىشقا ئۇلارغا بۇنداق قاتتىق مۇئامىلەل قىلىدۇ؟ ئىككى ئادەمنى تۇتقۇن قىلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاياللار ۋە بالىلار بار. شۇڭا، مەن كونكرېت ئەھۋالنى ئۇقسام دەيمەن؟

كىشەن شۆبە ساقچى ئىدارىسى:
‏- دېلونىڭ كونكرېت ئەھۋالى تەكشۈرۈلۈش باسقۇچىدا. ئۇ توغرىلىق سىزگە كۆپ ئۇچۇر بېرىشكە بولمايدۇ. ئۇ ئىچكى مەسىلە. مەنمۇ سىزگە ئۇنى ئاشكارىلىمايمەن. بالىلار، ئاياللار قەيەردە، ئۇ ئەھۋال ماڭا مەلۇم ئەمەس.

لېكىن، ۋېنجۇدا ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەلەر ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا ئەندىشە قوزغىدى. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يوشۇرۇن خەۋپ، دەپ قاراۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭ توقۇنۇشقا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆز قاراشلىرىدا، خىتاي زېمىنىدا بىزنىڭ ۋەتەنگە قارىغاندا باستۇرۇش ئازراق ئاجىز. بۇ كۆز قاراشلار بىلەن بىر تۈركۈملەر خىتاي يۇرتلىرىغا بېرىپ، ئەركىنرەك ياشاشقا بولامدىكىن، دەپ كەلگەن. لېكىن خىتاي مۇشۇ ئۇيغۇرلارنىمۇ ھەممىسىنى تەھدىت، دەپ قاراۋاتىدۇ. شۇڭا، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئۇيغۇرلارغا بولغان بۇ خىل باستۇرۇش ھازىر كۈچەيتىلىۋاتىدۇ. ۋېنجۇ بولسا ئەڭ بۇرۇن ئېچىلغان، ۋېنجۇلۇق خىتايلارنىڭ سودا ئېڭى يېتىلگەن رايون. ئۇيغۇرلار سودا -سېتىق ئىشلىرىدا خېلى ماھىر. شۇڭا، ئۇلار ۋېنجۇدا ياشاش ئىمكانىيىتى بىر ئاز ياخشىراق، دەپ بارىدۇ.»

دىلشات ئەپەندى، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا بولغان چۈشەنچىسىدىكى كەمتۈكلۈك توقۇنۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىچكىرىدىكى خىتايلارلا ئەمەس، بىزنىڭ ۋەتەندىكى خىتايلارمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ -ئادەت، قائىدە -يوسۇن، ئېتىقادىنى قەتئىي بىلمەيدۇ ھەم چۈشەنمەيدۇ. ئىسلامنىڭ ئاساسى پرىنسىپلىرىنى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ھېچقانداق ئەمەلدارى بىلمەيدۇ. شۇڭا، بىز خەۋەرلەرگە قارىساق، بىر قانچە قېتىملىق ۋەقەلەردە بۇلار جىھادچىلارنىڭ شوئارلىرىنى توۋلىدى، دەپ مۇخبىرلىرى يازدى. مەسىلەن، «شىنياڭ ۋەقەسى» دە. ئۇنىڭدىن باشقا چىققان كىتابلارنىڭ قانداق كىتابلىقىنى ھېچكىم كۆرمىدى.

ھەر قانداق ئۇيغۇر مۇسۇلمان بولىدىكەن، ئۇنىڭ يېنىدا قۇرئان ياكى ئايەت كىتابلار بولۇشى مۇمكىن. ھازىر خىتايغا ئەرەبچە يېزىلغان ياكى بىزنىڭ كونا يېزىقىمىزدا يېزىلغان ھەر قانداق نەرسە، قانۇنسىز دىنىي تەشۋىقات كىتابى بولۇپ قالدى. بۇنى ھەممىمىز كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. خىتاي مۇشۇنداق زوراۋانلىققا تايىنىپ، ھېچقانداق بىر مەسىلىنى ھەل قىلمايدۇ.
بەلكى، مەسىلىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىدۇ. بىز بۇ گەپنى جىق دەپ كەلدۇق. مۇشۇنداق داۋاملىشىدىكەن، بۇ ئوت شىڭشىڭشيادىن ئۆتۈپ، خىتاينىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدىكى يېزا-شەھەرلەرگە قەدەر بارىدۇ.»

27‏-ئىيۇل، كىشەن رايونىنىڭ خۇايۈەن مەھەللىسىدە يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە ۋېنجۇدا يېقىنقى 15 كۈن ئىچىدە يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىش ياكى ئېتىپ ئۆلتۈرۈشكە ئالاقىدار 3‏- ۋەقە. بۇنىڭدىن سەل ئاۋۋال 24‏-ئىيۇل كۈنى خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى ۋېنجۇنىڭ لۇچېڭ رايونىغا قاراشلىق سۈيشىن مەھەللىسىدىكى بىر ئۆيگە باستۇرۇپ كىرىپ، بۇ ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق ئىككى ئۇيغۇرنى ئېتىۋەتكەن. ئوخشاش بىر كۈندە يەنە، ۋېنجۇغا قاراشلىق رۈيئەن شەھىرىدە 2 ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى.

دائىرىلەر، ۋېنجۇ لۈچىڭدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن 2 ئۇيغۇرنى «تېررورلۇق» قا باغلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ بۇ قارىشىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق دەلىلنى ئوتتۇرىغا قويمىغان

 

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/xitayda-uyghur-08032015152501.html

Share
850 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.