logo

trugen jacn

ۋېناس ھەيكىلىگە قاراپ ئويلىغانلىرىم

دىلدار ئەزىز

ئاپتور ھەققىدە

يازغۇچى دىلدار ئەزىز خانىم 1959-يىلى 24-ئاپرېل خوتەن شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1976-يىلىدىن 1980-يىلغىچە قەشقەر پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تىل ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئۇيغۇر تىل ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغان. 1985-يىلدىن 1988-يىلغىچە خىتاي مەملىكەتلىك قانۇن ئىنىستىتوتىدا قانۇن كەسپىدە ئوقۇغان. 2004-يىلدىن 2005-يىلغىچە پارىج سوغبۇننە ئۇنىۋەرسىتىدا فرانسىيە ئەدىبىياتىدىن بىلىم ئاشۇرغان. 2010-يىلدىن 2012-يىلغىچە فرانسىيە دولەتلىك ئەدىبىيات پەنلىرى تەتقىقات مەرگىزىدە سەلىشتۇرما ئەدىبىياتى بويىچە ماستىرلىقنى ئوقۇغان، 2012- يىلدىن .ھازىرغىچە فرانسىيە 18- ئەسىر ئەدىبىيات پەلسەپە پەنلىرى بويىچە دوكتۇرلۇقنى ئوقۇۋاتىدۇ.
دىلدار ئازىز خانىم ھازىرغا قەدەر خەلقىمىز ياقتۇرۇپ ئوقۇپ كەلگەن “بەخت سىزگە يار بولسۇن”، ”گۈزەللىك سىزگە يار بولسۇن”، “ۋىجدان تارازىسى ئالدىدا”، “ئىستۈتەك ئارىسىدىكى كىشىلەر”، “تاشاخۇن ۋە ئۇنىڭ تۆھپىكار ئەۋلادلىرى”، “ۋىئېناس ھەيكىلىگە قاراپ ئويلىغانلىرىم” ”ئەھ ياشلىغىم“،“قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇ’ئەللىپىدۇر. دىلدار خانىم ئەسەرلىرى مەركەزلىك ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ قاراڭغۇ رې’ئاللىقىنى ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىشتە ئالاھىدە گەۋدىلىنىدىغان بولۇپ، ئۆتكۈر پىكىرلىرى بىلەن كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. ئاپتور ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يۈرەك سادالىرىنى ئۆتكۈر قەلىمى ئارقىلىق “ياڭراتقانلىغى” ئۈچۈن خەلقنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا ئېرىشىش بىلەن بىرگە يەنە بەزى مۇتە’ئەسسىپ ئەمەلدارلارنىڭ قاتتىق غەزىپىنى كەلتۈرگەن ۋە بۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن دىدار ئازىز خانىم ئاز بولمىغان پىشكەللىكلەرگىمۇ يولۇققان
بولۇپمۇ بىز نۆۋەتتە ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە سۇنماقچى بولغان “ۋىئېناس ھەيكىلىگە قاراپ ئويلىغانلىرىم” ناملىق ئەسىرىنىڭ تەسىرى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كۈچلۈك بولغان. دىلدار خانىم ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىجتىما’ئىي ئورنى ۋە روھى ھالىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا يېزىپ چىققان بۇ ئەدەبىي ئەسىرى ئەينى ۋاقىتتا “تارىم” قاتارلىق ئۇيغۇرچە يېزىقىدىكى جورناللاردا نەشر قىلىنىپ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۇزكورۇشكەندىن كېيىن بۇ ئەسەر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە زور تەسىر قوزغاش بىلەن بىرگە يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان، ئوزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر مەتبۇ’ئاتلىرىدىمۇ نەشر قىلىنغان. بىز كېيىنكى نۆۋەتتە يەنە ئوقۇرمەنلەر دىققىتىگە دىلدار ئازىز خانىمنىڭ 2004 -يىلدىن 2005 -يىلغىچە فىرانسىيەگە ئوقۇشقا چىقىپ بىر يىل بىلىم ئاشۇرۇش جەرياندا ئۆزىنىڭ فىرانسىيەدە كۆرگەن ۋە ھېس قىلغانلىرىغا ئاساسەن يېزىپ چىققان “ پارىج رىشتىسى” ناملىق ئەدەبىي خاتىرىسىنىمۇ تەقدىم قىلىمىز. ئاپتورنىڭ بۇ ئەسىرى يېقىندا خىتاي مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ ئۇيغۇر كىتابخانىلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە دىلدار ئەزىز خانىمنىڭ ئۇيغۇر ماسىلىسىنى پەلسەپە نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلىپ يازغان < روئۇسسەئائۇ ئىددىيىسى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە> ناملىق ئىلمىي كىتاۋى پارىجدىكى ئارمماتان ناشىرىياتىدا نشىر قىلىنغان بولۇپ، ئۇ كىتاپنىڭ ناشىر قىلىنىشى ئۇيغۇر ماسىلىسىنى پەلسەپە نۇقتىسىدىن تاتقىق قىلىشتىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇردى

ۋېناس ھەيكىلىگە قاراپ ئويلىغانلىرىم

ئايال — ئۇ گۈزەللىك ۋە ئىلھامنىڭ قايناق بۇلىقى

ئايال — ئۇ ئىپتىدائىي جامائەت ۋە پۈتكۈل جەمئىيەت ئۇيۇشمىسىنىڭ دائىمىي تەشكىلاتچىسى

ئايال — ئۇ تەلىم ۋە ئىنسانىي مۆرۈۋەتنىڭ پىداكار مۇرەببىسى

ئايال — ئۇ ئۆمۈر، سۆيگۈ ۋە تۇرمۇش پانۇسىنى يورۇتىدىغان شام چىراغ

ئايال — ئۇ لېرىك ھېكايىلەرنىڭ ئۇلى،سېغىنىشلارنىڭ گۈلى، گۈزەل سەنئەتنىڭ بۇلبۇلى، ھاياتىي لەززەتنىڭ غورۇرى، شۇنداقلا پاجىئەلەر يالقۇنىنىڭ ھىمايەتسىز كۈلى

ئايال — ئۇ سىزنىڭ ساھىپجامالىڭىز، ئۇ سىزنىڭ ئانىڭىز، قىزىڭىز، ئاچىڭىز، سىڭلىڭىز ۋە مەڭگۈلۈك مەھبۇبىڭىز. ئۇ مىللەتنىڭ ۋە ۋەتەننىڭ ئالتۇن گەۋدىسى

سىزنىڭچە، ئايال ئىلاھ ھىيۋا، مىترا، پاندۇرا، نۈۋا، ئافرۇدىتا، ۋېناس رېئاللىققا ئەمەس، ئەپسانىگە، بۈگۈنگە ئەمەس، قەدىمكى ئۆتمۈشكىلا تەئەللۇقمۇ؟ ياق! ياق

باھار-1989- يىل

مەن ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا باھاسى چۈشۈرۈلۈپ ھەر بىرى بىر يۈئەندىن سېتىلىۋاتقان ۋېناس ھەيكىلىنى ئۇچرىتىپ قالدىم ۋە ئۇنىڭدىن بىرنى سېتىۋېلىپ يېزىق ئۈستىلىمنىڭ ئۈستىگە تىزىپ قويدۇم.
شۇ كۈنى مەن ئاشۇ ۋېناس ھەيكىلىگە تىكىلىپ ئولتۇرۇپ، يۈرىكىمدە ئاللا قانداق ئازابلىق ھېس -تۇيغۇلارنىڭ ئويغىنىۋاتقانلىقىنى سەزدىم. مان يېقىنقى يىللاردىن بېرى نېمىشقىدۇر ئازابلىق قايغۇرىدىغان، بىئارام بولىدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم. شۇ كۈنى قولۇم زادىلا ئىشقا بارمىدى. خەت -چەك باشقۇرغۇچى ئەكىرىپ بەرگەن گېزىتلەرنى قولۇمغا ئېلىپ مەقسەتسىز ھالدا ۋاراقلاشقا باشلىدىم

بۇ يىل بىرىنچى ئايدىن ئونىنچى ئايغىچە ئۈرۈمچى شەھىرى بويىچە شەھۋانىي بۇيۇملارنى تارقىتىش، ئىپپەت -نومۇسىنى سېتىش، پاھىشىۋازلىق قىلىش، قىمار ئويناش قاتارلىق دىلولار 446 گە يەتكەن. بۇ قىلمىشلار كۆرۈنەرلىك ھالدا كېڭىيىپ، ئىجتىمائىي كەيپىياتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغان

يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئىپپەت-نومۇسىنى سېتىش، پاھىشىۋازلىق قىلىش قاتارلىق ئالتە زىيانلىق قىلمىشقا كۆپ قېتىم زەربە بەردۇق ۋە ئۇنى تەكشۈرۈپ توسىدۇق. لېكىن ئۇ ئۈنۈملۈك تىزگىنلەنمىگەچكە، ئاممىنىڭ ۋە ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسى كۈچلۈك بولماقتا. ئىپپەت-نومۇسىنى سېتىش، پاھىشىۋازلىق قىلىش قاتارلىق رەزىل ھادىسىلەر فىئوداللىق جەمئىيەتتىن قالغان زەھەر، بۇرجۇئاچە چىرىك تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ ئىپادىسى…ئالتە زىيانلىق قىلمىش تىزگىنلەنمىسە، دۆلەت تىنچ، خەلق خاتىرجەم بولمايدۇ. شۇڭا بىز تەڭ غەزەبكە كېلىپ، ئۇنى بىرلىكتە ئەيىبلەپ، تەلتۆكۈس تازىلىشىمىز لازىم

مەن بۇ خەۋەرنى ئوقۇۋېتىپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم. بىخەستەلىكىمدىن ئۈستەل ئۈستىدىكى گېزىت-جۇرنال ۋە قېلىن لۇغەتلار ئوڭدا- دۈمدە بولۇپ كەتتى. ۋېناسنىڭ ھەيكىلىمۇ يەرگە غولاپ چۈشتى. ئەسلىدىمۇ ئۇنىڭ بىر قولى يوق ئىدى، بۇ قىتىم ئۇنىڭ يانا بىر قولىمۇ كۈكۈم-تالقان بولۇپ كەتتى. شۇ دەقىقىدە نېرۋىلىرىم بىردىنلا سەگەكلىشىپ كەتكەندەك بولدى. مېنى بىئارام قىلىۋاتقان ئازابلىك خىياللار مېڭەمدە روشەنلەشتى. شۇنىڭ بىلەن تەڭلا مەن بىلىدىگان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئورنى، كۈلكىسى، يىغىسى ۋە ئازابلىرى كۆز ئالدىمدىن بىر – بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلىدى.مېنى بىئارام قىلغان مەسىلە دەل مۇشۇ ئىدى. مەن ئاستاغىنە ئىڭىشىپ ۋېناس ھەيكىلىنى قولۇمغا ئالدىم. كۆڭلۈمدە ۋېناس بىلەن ئاشۇ ئاياللار ئوتترۇسىدا قانداقتۇر بىر ئوخشاشلىق باردەك ھېس قىلاتتىم. شۇنداق، ھەقىقەتەنمۇ ئوخشاشلىق بار .ۋېناس -ئايال! ھەي ۋېناس، سەنمۇ شۇ چاغدا بىزنىڭ بىر قىسىم ئۇيغۇر ئاياللىرىدەك رىيازەت چەككەنمىدىڭ؟ ئازابلانغانمىدىڭ؟ ئايال ئايالنىڭ قاياشىغۇ! سەنمۇ ئايال بولگاندىكىن ئۇلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولالامسەن؟

ۋېناس مېنىڭ خىتابلىرىمغا جاۋاب قايتۇرمىدى.

بۇ چاغدا گەرچە كۆزۈم ئوچۇق بولسىمۇ، ۋېناسنىڭ گەج بىلەن لايدىن قاتۇرۇلغان كۆز چاناقلىرىدىن قان تامچىۋاتقاندەك بىر خىيالىي تۇيغۇ كۆز ئالدىمگا كەلدى. مەن ئۆز خىياللىرىمدىن چۆچۈپ بېشىمنى سىلكىدىم، كۆزۈمنى ئۇۋىلىۋەتتىم، ئەمدى مەن خىيالدىن رېئاللىققا قايتقان ئىدىم. شۇنىڭدىن كېيىن ۋېناس ھەيكىلىنى بىر چەتكە سۈرۈپ قويۇپ، قولۇمگا قەلەم ئالدىم. ئەپسۇسكى، قەلەم قۇۋۋىتىم ئاجىز بولغانلىقتىن، يېزىپ چىققىنىم ئاشۇ جەمئىيەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىدا ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ يىغىسىنى يىغلاش بىلەنلا چەكلەندى.
ئۇيغۇر ئاياللىرى بۇ دۇنياغا يىغلاش ئۈچۈنلا كەلگەنمۇ؟ ئۇلارمۇ باشقا مىللەت ئاياللىرىگا ئوخشاش رىقابەت بەيگىسىنىڭ ئالدىدا ماڭالىشى مۇمكىن ئىدىغۇ!؟ ئەجداتلىرىدەك ئاجايىپ مۆجىزىلەرنى يارىتىپ، دۇنيا ئەللىرىنى ھەيرەتتە قالدۇرالايىتتىغۇ؟ بىراق، ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ بىر كىسمى ( گەرچە سانى كۆپ بولمىسىمۇ) ھېلىمۇ ئازابلىق قان ياشلىرىنى ئىچىگە يۇتۇپ ياشىماقتا. ئەنە شۇنداق يامان ئىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىدىغان كاۋاكلار جەمئىيىتىمىزنىڭ قاراڭغۇ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىدا ساقلىنىپ كەلمەكتە. ئەنە شۇ بولمىغۇر ھادىسىلەرنىڭ مىللەتكە كەلتۈرگەن ھاقارىتىنىڭ، ۋەتەنگە كەلتۈرىدىگان زىيىنىنىڭ تەسەۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە ئېغىر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ئۈستەلگە مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ يېزىقچىلىق قىلىۋاتكان چاغلىرىمدا، ئۇلارنىڭ ”خانىم، مېنى قۇتۇلدىرىۋالسىلا!“دېگەن ئىلتىجالىرى قۇلىقىمغا ئاڭلانگاندەك بولاتتى.جۇل-جۇل كىيىملىك سەبىي قىزلارنىڭ ”ئاچا، بىرەر موچەن سەدىقە بەرسىلە، سىلىگە خۇدايىم بېرەر!“دەپ ماڭا ئاشۇ ئاچلىكتىن سارغايغان يۇمران قوللىرىنى سوزۇۋاتقانلىرى كۆز ئالدىمغا كېلىۋالاتتى. شۇنداق چاگلاردا ئۆزۈمدە ئۇلارنى قۇتۇلدۇرغىدەك كۈچ- قۇدرەتنىڭ يوقلۇقىنى ئويلاپ ئۆكۈنەتتىم. ئىختىيارسىزلا بوغۇزۇمغا يېغا قاپلىشىپ، كۆزۈمگە ياش كېلەتتى.
ھۆرمەتلىك كىتابخان، مېنىڭ كۆڭۈل خاتىرەمگە بىر قانچە ئېچىنىشلىك كۆرۈنۈشلەر سىزىلگان.بۇ كۆرۈنۈشلەرنى سىزگە كۆرسەتمىسەم كۆڭلۈم زادىلا ئارام تاپمايدۇ. بۇلارنى سىزمۇ كۆڭۈل كۆزىڭىز بىلەن كۆرۈپ بېقىڭ.

بىرىنچى كۆرۈنۈش

ئۈرۈمچىدكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئىككى يۈز مىڭ يۈئەن خىراجەت قىلىنىپ سېلىنغان ”پاھىشە ئاياللارنى يىغىۋېلىش ئورنى“؛ ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا دائىم دېگىدەك ئايلىنىپ يۈرىدىگان مەخسۇس ئاقسۇ تەۋەسىدىن ئېقىپ كەلگەنلەرنى (بولۇپمۇ ئاياللارنى) يىگىۋېلىش ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن كىچىك تىپتىكى ئاق ئاپتوبۇس؛ ئۈرۈمچىدىكى چوڭ-كىچىك ماگازىنلارنىڭ پەلەمپەيلىرىدە،چوڭ- كىچىك كوچىلاردا تىلەمچىلىك قىلىپ يۈرگەن ئاياللار ۋە ئوقۇش يېشىدىكى كىچىك قىزلار؛ قەشقەر شەھىرىدىكى گۈزەل دوڭخۇ كۆلى بويىدا كۈپ- كۈندۈزىلا ئىپپەت نومۇسىنى سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان شۇ يەرلىك ۋا ئاقسۇ، خوتەنلەردىن ئېقىپ كەلگان ئاياللار؛ قەشقەرنىڭ ئاۋات كوقىلىرىدا توپ- توپ بولۇشۇپ تىلەمچىلىك قىلىشىۋاتقان روپاش قىياپىتىدىكى ئاياللار ۋە ئوقۇش يېشىدىكى قىزلار…تارىختا ئۆزىنىڭ ئىشچانلىقى، گۈزەللىكى ۋە شايى ئەتلەس، گىلەم توقۇش ماھارىتىنىڭ ئۈستۈنلۈكى بىلەن دۇنياغا تونۇلغان، خەلقئاراغا داڭق چىقارگان خوتەن قىزلىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ۋە ھەتتا چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ سىرتىغا ئاپىرىپ سېتىلىشلىرى… مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى كىمنىڭدۇر خىيالى ۋە توقۇپ چىققان چۆچىكى ئەمەس.بۇلار مۇشۇ كۈنلەردە، بىزنىڭ مۇشۇ گۈزەل ماكانىمىزدا، شىنجاڭ ئاياللىرىنىڭ يېرىمىغا تەڭلىشىدىگان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمىدا ھەقىقەتەن يۈز بېرىۋاتقان پاجىئە.ئىپپەت-نومۇسىنى سېتىش ۋە پاھىشىۋازلىق قىلمىشلىرى ئازادلىقتىن ئىلگىرىمۇ دۆلىتىمىزدە مالۇم دەرىجىدە مەۋجۇت بولغان.( جۇڭگو مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، شانغەي يېڭى ئازاد قىلىنغاندا، شانغەي شەھىرىنىڭ ئۆزىدىلا 20 مىڭدىن ئوشۇق كەسپىي پاھىشە ئايالنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى مەلۇم).ئازادلىقتىن كېيىن بولسا بۇ خىل ئىجتىمائىي ھالەت قاتتىق تىزگىنلەنگەن ئىدى. بىراق، يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئىسلاھات ۋە سىرتقا قارىتا ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىگە ئەگىشىپ تەرەققىي قىلگان دۆلەتلەرنىڭ ئىلغار پەن مەدەنىيىتىنىڭ جۇڭگوغا كۆپلەپ كىرگۈزۈلىشى بىلەن بىر قاگدا، يەنە تەرەققى تاپقان دۆلەتلەرنىڭ ئەخلەتلىرى ۋە چىۋىنلىرىمۇ جۇڭگوغا كىرىپ، دەسلەپتە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە بازار تېپىش بىلەن بىر چاغدا ئىقتىسادىي ئاساسى ۋە رىقابەتچانلىقى تولىمۇ ئاجىز بولگان، جەمئىيەتنڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىدا ياشاۋاتقان ئىرادىسىز ئاياللار ئىچىدە بىخلىنىشقا باشلىدى.بۇ خىل ھالەت ھەتتا جەمئىيەت ئامانلىقىغا زىيان يەتكۈزۈش، جەمئىيەت كەيپىياتىنى بۇزۇش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتتى. بۇ قىلمىشلار كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ ۋە ئەنسىرىتىدۇ

مەن ئۈرۈمچى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ بىر قىسىم جايلىرىگا بېرىپ، مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ باردىم. ئەقىل كۆزۈم بىلەن ھەممىنى كۆردۈم.ئۇ يەرلەردىن ھەر خىل ئىنكاس ۋە ھەر خىل سادالارنى ئاڭلىدىم. بۇ سادالار كىشىنىڭ بەدىنىنى تىكەنلاشتۇرىدۇ، ئادەمنى چۆچۈتىدۇ ۋە قاتتىق ئويغا سالىدۇ

ئىككىنچى كۆرۈنۈش

ئامانگۇل ئاق سېرىق ئۆڭلۈك، قاپقارا چاچلىق، يوغان كۆزلۈك، زىلۋا بوي ئايال. مەن ئۇنىڭ دۆڭكۆۋرۈك سودا سارىيىنىڭ پەلەمپەيىدە ئولتۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قاتتىق ئېچىندىم. ئۇ ئۆتكەن – كەچكەنلەرگە ئويچان كۆزلىرى بىلەن تىكىلىپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ زادى نېمىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش ئۈچۈن خىيال سۈرۈۋاتقاندەك بېشىغا چىگىۋالغان كىرلەش ئاق داكا ياغلىقىنىڭ بىر ئۇچى بىلەن يۈزىنى يۆگىۋالغان ھالدا بىر پارچە قوي تېرىسىنىڭ ئۈستىگە يۈكىنىپ ئۈندىمەي ئولتۇراتتى.ئۇ باشقا تىلەمچىلەردەك چىرايلىق سۆزلەرنى قىلىپ سەدىقە تىلىمىسىمۇ، ئۇنىڭ شۇ تۇرقىنىڭ ئۆزىلا ئۆتكەن- كەچكەنلەرنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغايتتى. ئۇنىڭ قۇچىقىدا ئىككى ياشلار چامىسىدا قىز ياكى ئوغۇللۇقىنى بىلگىلى بولمايدىغان بىر بالا بار ئىدى. بالا ئۇنىڭ سۈتسىز ئەمچىكىنى قوللىرى بىلەن تارتقۇشلىغىنىچە توختىماي شورايتتى. ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدا ئالتە ياشلار چامىسىدىكى جۇل- جۇل لاتىلارگا ئورالگان بىر ئوغۇل بالا دۇنيادىكى ياخشىلىق، يامانلىقلاردىن بىخەۋەر ھالدا بىر دانە شارنى بىردەم پۈۋلىسە، بىر دەم يېلىنى چىقىرىپ ئويناۋاتاتتى. بەش يىلنىڭ ئالدىدا مەن ئامانگۈل بىلەن ئەشۇ بالىنىڭ دادىسى توغرىسىدا جىق پاراڭلاشقان.ئۇ چاغدا ئۇ مېنى ھۆكۈمەت خادىمى دەپ بىلىپ، ماڭا ئىشەنگەن ۋا ئۆزىنىڭ ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشلىرىنى ماڭا سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. مەنمۇ ئۇنىڭ ئەرز- داردىنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارگا ئىنكاس قىلغان ئىدىم. بىراق، كېيىنكى چاغلاردا مەن باشقا ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، ئامانگۈلنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەرسىز قالغان ئىدىم. بۈگۈن ئۇنى بۇ يەردە، مۇشۇنداق ئەھۋالدا كۆرۈپ تولىمۇ ھەيران قالدىم
-ئاماڭۇل، -دېدىم مەن ئۇنىڭگا يەقىنلىشىپ، -ئەھۋالىڭىز قانداقراق؟

ئامانگۈل ماڭا لەپپىدە قارىدى.دەقىقە ئىچىدىلا ئۇنىڭ كۆزىدىكى خامۇشلۇق ئىپادىسى ئاچچىق نەپرەتكە ئايلاندى.ئۇ مېنىڭ سالىمىمنى ئىلىك ئالماي تەتۈر قارىۋالدى. ئۇنىڭ ماڭا ئالىيىشى ھەقلىك ئىدى. ئۇنىڭچە بولغاندا ھەر بىر ھۆكۈمەت خادىمى ھۆكۈمەتكە ۋەكىللىك قىلاتتى. شۇنداق ئىكەن، ئۇلار چوقۇم ئادىل ۋا راستچىل بولۇشى كېرەك ئىدى. مەن ئارىسالدىلىق بىلەن ئۇنىڭگا:
-ئامانگۈل، ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ، مەن سىزنى ئاشخانىغا ئەكىرىپ مېھمان قىلاي، -دېدىم

-ئانا، قورسىقىم ئاچتى، قورسىقىم ئېچىپ كەتتى،-دېدى ئۇنىڭ يېنىدىكى ھېلىقى ئوغۇل ئانىسىنىڭ بىلىكىنى تارتكۇشلىغىنىچە
ئاچلىق ھەممىدىن غالىپ كالدى.ئىككى تەخسە لەغمەن ۋە بەش يۇتازا يېيىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئامانگۈلنىڭ كۆزىدىكى ناپرات ئىپادىسى يوقالدى. كېيىن ئۇ ئېغىر ئۇھ تارتىپ سۆزىنى باشلىدى

– خاۋىرىڭىز بار، مەنمۇ بىر چاغلاردا پاك، ئەخلاقلىق قىز ئىدىم. كىيىن ئاتا- ئانام كەينى – كەينىدىن ۋاپات بولۇپ، يېتىم قالدىم. ئۇزاق ئۆتمەي، ”سىياسەتنى ئامەلىيلەشتۈرۈش“ دېگەن گەپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن مەن ناھەق جازالانغان دادامنىڭ نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرگۈزىمەن، مۇسادىرە قىلىنگان مال-مۈلۈكنى قايتۇرىۋالىمەن، دېگەن نىيەتتە ۋىلايەت، ناھىيىلەرگە دەرت ئېيتىپ باردىم. ھەتتا قىشنىڭ زىمىستان كۈنلىرىمۇ بۇ يولنى مېڭىشنى توختاتمىدىم.قورسىقىم ئاچ، كىيىمىم يېلىڭ ئىدى. مەن ئاچلىققا، سوغۇققا بەرداشلىق بەردىم، بىراق نازۇكراق ئىشلارغا كەلگەندە بەرداشلىق بېرەلمەي قالدىم. ھۆكۈمەتنىڭ بىر رەھبىرىي كادىرى بىر ۋاراق رەسمىيات قەغىزى ئۈچۈن مىنى ئىشھانىسىغا ئالداپ كىرىپ قىزلىق ئىپپەت-نومۇسۇمنى ئاياغ- ئاستى قىلدى. ئۇ چاگلاردا مەن بەكمۇ ساددا ئىكەنمەن. مەن ئاشۇ رەھبەرگە خۇددى ئۆز دادامغا ئىشەنگەندەك ئىشەنگەنىدىم. مەن بۇرۇن قەلبىمدە ئۆزۈمنى پاكلىققا، ئۈمىدۋارلىققا ئۈندەپ تۇرىدىگان بىر غايىۋىي كۈچنىڭ بارلىقىنى سېزىپ تۇراتتىم. ئەمدى ھەممىسى تۈگىدى. مەن ئۆزۈمنىڭ ئەڭ قىممەتلىك نەرسەمنى ياۋۇز بورىئە يەم قىلىپ قويدۇم.شۇنىڭدىن كېيىن ۋۇجۇدۇمدىكى غايە، ئەقىدە دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى پۈتۈنلەي بەربات بولدى. ئەمدى مەن نېمە قىلىشىم كېرەك؟ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى بەزى توققۇزى تەل ئەمالدارلارنىڭ قىلغان ئىشى شۇ تۇرسا، ئۇ قولىدىكى ئەمىلىگە تايىنىپ مەندەك بىر يىتىم قىزنىمۇ ئارامىدا ياشىغىلى قويمىغان تۇرسا، مەن ئۆزۈمدىكى نەرسىنى بىرەر قاچا ئاش، بىرەر دانە كۆڭلەك بىلەن ئالماشتۇرسام بولمامدىكەن؟ دەپ ئويلىدىم ھەم شۇنداق قىلدىم

كېيىن دادامنىڭ نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. مۇسادىرە قىلىنگان مال – مۈلۈك ئۈچۈن ھۆكۈمەت بىر نەققە مىڭ يۈئەن پۇل بەردى. بۇ پۇلگا ئەينى چاگدا ئۆي -جاي سېتىۋالساممۇ بولاتتى، بىراق، بۇ قاغدا مەن دادىسى ئېنىق بولمىگان بىر بالىغا ھامىلىدار بولۇپ كالگانلىقىم ئۈچۈن، بالامنىڭ دادىسىنى ئويلاپ قالدىم.بالا تۇغۇلدى. مەن: بالامنىڭ دادىسى ئاشۇ تۇنجى قېتىم مېنىڭ ئىپپىتىمنى بۇلغىغان ئادەم ، دەپ بىلەتتىم. شۇڭا ئاشۇ بىر- نەچچە مىڭ يۈئەننى خاجلاپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئەرز قىلدىم. بىراق، مەن ئۇ چاغدا ”ئىپپىتىنى ساتقۇچى ئايال“ بولۇپ تونۇلۇپ قالغان ئىدىم. شۇڭا ھېچكىم گېپىمگە قۇلاق سالمىدى.ئەكسىچە بەزى كىشىلەر مېنى ”رەھبىرىي كادىرنى قارىلىغان“ دېگەن بۆھتان بىلەن قولغا ئالدۇرۇۋەتكىلى تاسلا قالدى. مەن ”ب“ ناھىيىسىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن. ئاتا -ئاناممۇ خېلى ئابرۇيلۇق ئادەملەردىن ئىدى. مەن شۇ يامان ئاتاق بىلەن يۇرتۇمغا قايتىپ ئاتا -ئانامنىڭ روھىنى قورۇندۇرۇشنى راۋا كۆرمىدىم. كۆرۈپ تۇرۇپسىز، كۈندۈزى تىلەمچىلىك قىلىمەن، چۈنكى تىلەپ يېگەن تائام ئۈچۈن ھېچكىم سىزگە تاپا- تەنە قىلمايدىكەن. كېچىسى كىم ماڭا بىر كىشىلىك ئىسسىق ئورۇن بەرسە شۇ يەردە ياتتىم. ئۈرۈمچىدەك شەھەردە مەندەك ئىككى بالىلىق ئايالغا ئەركەكلەر ئانچە كۆز قىرىنى سېلىپ كەتمەيدىكەن، يازدىغۇ ئۇدۇل كەلگەن جايدا يەتىپ كىچىنى ئوتكۇزگىلى بولىدىكەن، بىراق، قىشنىڭ ئۇزۇن كېچىلىرى ماڭا خۇددى دوۋزاختەك ۋەھىمىلىك بىلىنىدۇ.ۋەييەي! قانداق قىلاي؟ بۇ ئىككى شور پىخانىنىڭ قورسىقىنى تويگۇزمىسام تېخى، سوغۇققا توڭدۇرۇپ قويسام تېخى، مىقىرىشىپ جېنىمغا تېگىشىدۇ، ماڭا نېمە ئامال؟! بەزىدە دوختۇرخانىنىڭ پەلەمپىيىدىكى پارنىڭ يېنىغا ياكى ئاشپەزنىڭ ئوچىقىنىڭ يېنىغا بالىلىرىم بىلەن تىقىلىمەن. بەزىدە بىرەر ئاشپەز ياكى بىمارنىڭ خاير ساخاۋىتىگە ئېرىشىپمۇ قالىمەن. بىراق، بۇنىڭغىمۇ يەنىلا بەدەل تۆلەيدىغان گەپ. مانا جاھان دېگەن شۇ، مانا جاھاندارچىلىق دېگەن!—ئامانگۈل شۇنداق دېگىنىچە مارۋايىتتەك چىشلىرىنى چىقىرىپ ئاچچىققىنە كۈلۈپ قويدى. ئۇنىڭ كۈلكىسى ماڭا جاۋابىنى تېپىش تولىمۇ قىيىن بولغان تىلسىملىق تېپىشماقتەك بىلىنىپ، تېنىم شۈركىنىپ كەتتى…
شۇ كۈنى ئامانگۈل خىيالىمدىن زادىلا نېرى كەتمىدى. مەن ئۇنىڭ كېيىنكى ھاياتىدىن ئەنسىرەپ قالدىم.ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە شۇنداق تىلەمچىلىك قىلىپ، ئىپپەت-نومۇسىنى سېتىپ تىرىكچىلىك قىلارمۇ؟ بۇ زىمىندا ئۇنىڭغا باش- پاناھ بولغىدەك بىرەر شەپقەتلىك ئەر تېپىلماسمۇ؟ بەلكىم ئۇ قىشنىڭ دەھشەتلىك سوغۇقلىرىدا بىرەر بۇلۇڭ – پۇشقاقتا بالىلىرى بىلەن توڭلاپ ئۆلۈپ قېلىشىمۇ مۇمكىنغۇ! ئۇنىڭ ئاشۇ دادىسى نامەلۇم بولغان ئىككى بالىسى كەلگۈسىدە ئامانگۈلگە ئوخشاش تىلەمچى بولارمۇ؟ ياكى يانچۇقچى، ئوغرى بولارمۇ؟ ئادەم ئۆلتۈرىدىغان قاتىل بولارمۇ؟ ئاھ خۇدا!

ئەي ئىنسانلار! رەھىم -شەپقەتلىك بولۇڭلار! ئامانگۈلگە ئوخشاشلارنى قۇتۇلدۇرىۋېلىڭلار

ئۈچىنچى كۆرۈنۈش

ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا يېڭىدىن قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان قاۋاقخانىلارنى ئەسلىدە بىر خىل مەدەنىي ئورۇن، دەپ چۈشىنەتتىم. شۇڭا خىزمەتدىشىم بىلەن شەھەر مەركىزىدىكى «ئۈنچە-مەرۋايىت» ناملىق ياسىداق قەھۋەخانىگە كىردۇق، بىز ئىشىكتىن كىرگەن ھامان يۈزلىرى مەرمەر تاشدەك يالتىراپ تۇرىدىغان شەھلا كۆزلۈك بىر ئۇيغۇر قىزى ئالدىمىزغا چىقىپ بىزدىن ئەدەب بىلەن ئەھۋال سورىدى -دە، بىزنى گۇڭگا چىراغ ياندۇرۇلغان ئىككى كىشىلىك خانىگە تەكلىپ قىلدى. بىز ھېلىقى قىز كۆرسەتكەن ئورۇندا ئەمدىلا ئولتۇرىۋېدۇق، ئۇ چوڭ خانا تەرەپتىكى قېلىن پەردىنى چۈشۈرىۋەتتى. بىز ئولتۇرغان ئورۇن دەقىقە ئىچىدىلا پىنھان بىر ھوجرىغا ئايلاندى. بۇنىڭدىن خىزمەتدىشىممۇ، مەنمۇ ئوڭايسىزلاندۇق. دەل شۇ قاغدا قوشنا خانىدىكىلەرنىڭ سىرلىق پىچىرلىشىشلىرى، شىرەگە نېمىنىڭدۇر تەگكەن تاراق-تۇرۇقلىرى ئاڭلىنىپ قالدى. مەن دەرھال ئورنۇمدىن تۇردۇم-دە، پەردىنىڭ سىرتىغا چىقىپ،تېخى يىراقلاپ كەتمىگەن قىزدىن سورىدىم:
سىڭلىم، بۇ نېمە قىلىق؟ نېمە ئۈچۈن پەردىنى چۈشۈرۈپ بىزنى بۇ يەرگە سولاپ قويىسىز؟

ھېلىقى قىز مېنىڭ سۆزۈمدىن ھەيران قالغان بولسا كېراك، كۆزلىرىنى يوغان ئاچقان ھالدا:

-سىزلەرنىڭ قەھۋەخانىمىزگە تۇنجى قېتىم كېلىشىڭلەرغۇ دەيمەن، كەچۈرۈڭلەر، قەھۋەخانىمىزنىڭ شۇنداق قائىدىسى بار،- دېدى.

بۇ قائىدە ھەممە قەھۋەخانىلەردە بارمۇ؟ -سورىدىم مەن ئەجەپلىنىپ.
-باشقا قەھۋەخانىلەرنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەيمەن، قەھۋەخانىمىز خوجايىن چىقارغان قائىدە بويىچە ئىش قىلىدۇ، -دېدى ۋە ئەدەب بىلەن كۈلۈمسىرەپ قويۇپ، ھاراق-شاراب ئىشكاپىنىڭ يېنىغا كېتىپ قالدى.مەن بۇ جايدىن دەرھال چىقىپ كەتكەنمۇ بولاتتىم. بىراق، ئۇنداق قىلمىدىم. پەردىنى ئىككى تەرەپكە قايرىپ قويدۇم-دە، قىزنىڭ ئارقىسىدىن قارىغىنىمچە ئويلىنىپ قالدىم. توۋا، ئۇ خېلى تەربىيە كۆرگەن، قائىدە-يوسۇنلۇق قىزدەك كۆرۈنىدۇ، ئۆزىمۇ خېلىلا چىرايلىق ئىكەن، ئۇنىڭغا ئىشلاش ئۈچۈن بۇنىڭدىن تۈزۈكرەك جاي تېپىلمىغانمىدۇ؟ ئۇ بۇ يەرگە قانداق كېلىپ قالغاندۇ؟ مەن خىزمەتدىشىمنى يولغا سېلىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇ قىزغا ئانچە-مۇنچە نەرسە-كىرەك ئەكەلدۈرۈپ ئۇنى ماڭا ھەمراھ بولۇشقا تەكلىپ قىلدىم. ئۇ ئۇدۇلۇمغا كېلىپ ئولتۇرغاندا، مەن چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ ئۇنىڭدىن سورىدىم ۋە ئۇنىڭ كۆزىگە تىكىلدىم:

-سىڭلىم، سىز ئۇيغۇرمۇ؟!

ئۇ ماڭا ھەيران بولغان، تېڭىرقىغان ھالدا بىر ھازا قاراپ قالدى. ئاندىن كېيىن چىرايىدىكى بارلىق ئىپادىلەرنىڭ ئورنىنى ئىستىھزا كۈلكىسى ئىگىلىدى.

-سىز ئۇيغۇرمۇ دېدىڭىزما؟ قويۇڭ بۇنداق بىمەنە تېتىقسىز سۇئالنى! مەن ھېچنېمە ئەمەس. كىمكى مېنىڭ بىر كۈنلۈك تۇرمۇشۇمنى كاپالەتكە ئىگە قىلسا، مەن شۇنىڭ تائىپىسىدىن…

مان چۆچۈپ كەتتىم.

بۇ ئىنسان روھىي -ھالىتىنىڭ باشقىلار ئاسان بايقىيالمايدىغان دەھشەتلىك،مىسلىسىز دەرىجىدە گۇمران بولۇشى. بۇ ھاياتتا ھېچ قانداق چىقىش يولى تاپالمىغان ئاجىزەنىڭ ئىلاجىسىزلىق كەيپىياتى ئىدى. دەرۋەقە، مەن ئۇنىڭغا ھېچقانداق ياردەم بېرەلمەيمەن. ئېھتىمال، ئۇنىڭ يۈرەك سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاش مېنىڭ باش تارتىپ بولماس بۇرچۇمدۇر…

ئىككىمىز ئۇدۇلمۇ -ئۇدۇل قارىشىپ ئولتۇردۇق. ئۇنىڭ قاپقارا، قويۇق چاچلىرى يەلكىسىدە بۇلۇتتەك يېيىلىپ تۇراتتى. نېپىز لەۋلىرىدە يېقىملىق تەبەسسۇم جىلۋىلىنەتتى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، مەن ئۇنىڭ كۆزلىرىگە بىر خىل مۇڭ -ھەسرەتنىڭ چوڭقۇر يوشۇرۇنغانلىقىنى بايقىۋالدىم. بىردەملىك سۆھبەتتىن كېيىن مەن دەل مۇشۇ پەرىزىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. ئۇ ئۆز ئىسمىنى مەخپىي تۇتۇش شەرتى بىلەن كەچۈرمىشلىرىنى ماڭا سۆزلەپ بېرىشكە قوشۇلدى.

شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشۈم كېرەككى، بۇ ئەدەبىي ئاخباراتىمدىكى قىز-ئاياللارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىسمى ئۆزگەرتىپ ئېلىنغان.
-مەن بۆشۈكۈمدىلا ياخشى ئاسرالمىغان قىزمەن، -دېدى ئۇ گويا كىمنىڭدۇر ھېكايىسىنى سۆزلەۋاتقاندەك پەرۋاسىز قىياپەتتە، ئۇزۇن بارماقلىرى ئارىسىغا قىستۇرۇلغان تاماكىسىنى شوراپ تۇرۇپ، -ئاتا-ئانامنىڭ خەت ساۋادى يوق ئىدى. ئۇلار بۇ دۇنياغا خۇددى ئىنسان كۆپەيتىش ئۈچۈن كەلگەندەكلا ئىدى. دادام ئانچە ئاۋات بولمىغان بىر بازاردا ئاشپەزلىك قىلاتتى. ئاناممۇ بەزى چاغلاردا دادامغا ياردەملىشەتتى. ئاتا -ئانام بىز ئالتە بالىنىڭ ئوقۇشى ۋە كالگۈسى ئىستىقبالى توغرىسىدا زادىلا ئويلاپ باقمايتتى.

مەن ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ ئۇقتۇرۇش كۈتىۋاتقان كۈنلەردە ئۆيىمىزگە تۇرغۇن ئاكام كەلدى. (ئۇ ”ئاكام“ دېگەن سۆزنى كىنايە ئارىلاش تەلەپپۇزدا ئەيىتتى). ئۇ شوپۇر ئىدى. دادام يوق چاغلاردا ئانامنى پات- پات يوقلاپ كېلەتتى. بۇنداق چاغلاردا ئۇ ھەممىمىزنىڭ قولىغا پۇل تۇتقۇزۇپ قوياتتى. شۇنىڭ بىلەن بىز خۇددى ھېيت كۈنلىرىدىكىدەك خوش بولاتتۇق-دە، ماگىزىنغا يۈگۈرەيتتۇق. بىراق، بۇ نۆۋات ئۇ بىزگە پۇل بەرمىدى، ئانام بىلەنمۇ ئانچە كارى بولمىدى.ئۇ مېنىڭ ئىمتىھاننى قانداق بەرگەنلىكىمنى سورىدى. ئۇ ئائىلىمىزگە كەلگەن مېھمانلار ئىچىدىكى مېنىڭ ئوقۇشۇمغا كۆڭۈل بۆلگەن تۇنجى كىشى ئىدى. مەن ئاغزى-ئاغزىمغا تەگمەي ئۇنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەردىم. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ مېنى ماشىنا بىلەن شەھەر سىرتىغا چىقىپ ئايلىنىپ كېلىشكە تەكلىپ قىلدى.مەن نېمە دەپ جاۋاب بېرىشىمنى بىلمەي ئانامغا قارىدىم. ئانام:

-بارغىن قىزىم، ئۇقتۇرۇش كېلىشنى كۈتۈپ بۇرۇختۇم بولۇپ كەتتىڭ. ئىچ پۇشۇقۇڭنى چىقىرىپ كېلەرسەن، -دېدى.

شۇنداق قىلىپ بىز ماشىنىغا ئولتۇرۇپ شەھەر سىرتىغا چىقتۇق. بىز ناھىيە بازىرىدىن بەكمۇ يىراقلاپ كەتكەن بولساق كېرەك، دەرەخلەرمۇ ئازىيىشقا باشلىدى. تۇرغۇن ئاكام ئاخىرىدا ماشىنىسىنى بىر دۆۋە قۇملۇقنىڭ ئارقىسىغا ئەكىرىپ توختاتتى. ئاندىن ماشىنىنڭ خۇرۇم يۆلانچۈكى بىلەن ئورۇندۇقىنى ئېلىپ، بىر تۈپ جىگدە دەرىخىنىڭ تۈۋىگە سالدى.

-مەرھەمەت، چىرايلىق قىز، -دېدى تۇرغۇن ئاكام ھېلىقى ئورۇندۇقنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، -ئەمدى بۇ يەردە ئولتۇرۇپ ئارام ئالىمىز.
مەن ھېچ چارچىمىغان ئىدىم. بىراق، ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئىزداپ ئولتۇردۇم. ئۇ ماشىنىنىڭ ئىچىدىن يوغان قارا خۇرۇم سومكىنى ئېلىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىن پىشۇرۇلغان توخۇ گۆشى، پىۋا، كەمپۈت، نانلارنى چىقاردى. ئاندىن توخۇنىڭ بىر پاچىقىنى مېنىڭ قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويغاندىن كېيىن، مېنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى. گۆش يەپ، پىۋىنى بوتۇلكىسى بىلەن ئىچكىلى تۇردى.

-مەن بىلىدىغان قىزلارنىڭ ئىچىدە چىرايدىمۇ، ئەقىلدىمۇ سېنىڭ ئالدىڭغا ئۆتۈدىغىنى يوق. خۇدا ساڭا ھەممىنى ئايىماي بەرگەن. خۇدا ساڭا بۇلارنى نېمىشقا بەرگەن، بىلەمسەن؟ مەندەك يىگىتنى خوش قىلسۇن، دەپ بەرگەن. قىز بالا دېگەننىڭغۇ ئوقۇغىنى ياخشى، بىراق ھېلىمۇ ئونىنچى سىنىپقىچە ئوقۇپسەن، شۇمۇ يېتىپ ئاشىدۇ. ئوقۇۋېرىپ ھاكىم بولامتىڭ -يا؟ بىلىپ قوي، سەندەك قىزنىڭ ھاكىم بولغىنىدىن كۆرە، ماڭا خوتۇن بولغىنىڭ تۈزۈك…

مەن تۇرغۇن ئاكامنىڭ يالىڭاچ سۆزلىرىدىن ئۇيىلىپ، ئالىقىنىمدا يۈزۈمنى ئېتىۋالدىم. شۇ تاپتا ئۇنىڭ كۆڭلۈمدىكى كۆيۈمچان ئاكىلىق ئوبرازى بىردىنلا يوقاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا كۆز ئالدىمدا قوپال، ئەدەبسىز بىر شوپۇرنىڭ ئوبرازى گەۋدىلەندى.مەن ئۇيالغىنىمدىن ئورنۇمدىن دەس تۇرۇپ بۇ يەردىن نېرى كەتمەكچى بولۇپ يۈگۈردىم. بىراق، ئۇ مېنى قوغلاپ تۇتۇۋالدى. دېمىسىمۇ مەن بۇ چۆل جەزىرىدە قېچىپ نەگىمۇ بارالايتتىم؟! مەن بوغۇزلىنىش ئالدىدا تۇرغان چۆجىدەك تىپىرلىغىنىمچە ئۇنىڭ قولىغا چۈشتىم.

-ھەي قىز بالا، -دېدى ئۇ مېنىڭ بېلىمدىن قۇچاقلىغىنىچە، — قەچىپ نەگىمۇ بارالايتتىڭ؟ چىرايلىق بولغاندىكىنغۇ ئاز-تولا مۇشۇنداق نازلىنىپ قويساڭ يارىشىدۇ، بىراق، بەك چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتتىڭ-جۇمۇ!

مەن ئىزا ۋە نومۇس كۈچىدىن بەك كۈچەپ يۈگۈرگەنلىكىمدىن پۇت-قولۇمدا پەقەتلا ماغدۇرۇم قالمىغان ئىدى. شۇڭا ئۆزۈمنى تاشلاپ يەردە ئولتۇرۇۋالدىم. بۇ چاغدا تۇرغۇن ئاكام بېلىمدىن قولىنى بوشاتتى-دە، ئۈستۈمگە خۇددى ئاچ قالغان بۆرىدەك تاشلاندى.

-ئانا! ئانامغا دەيمەن!… -مەن ۋارقىرىدىم، ئۇنىڭ تۈكلۈك ئىڭەكلىرىنىڭ يۈزۈمگە سۈركىلىشىدىن ئاران نەپەس ئالغان ھالدا.

-ئاناڭغا دېمەيلا قوي، ئاناڭ سېنى ئاللا قاچان مېنىڭ ئىختىيارىمغا بېرىۋەتكەن.

مەن يۇقىرىقى گەپلەردىن دەسلەپتە غەزەپلەندىم، سەل ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن تۇرغۇننىڭ سۆزلىرىنىڭ تېگىگە يەتتىم-دە، شۇ چاغدا ۋۇجۇدۇمنى تىترەك بېسىپ، نېمە قىلارىمنى بىلمەي قالدىم. مەن ئاشۇ قۇم دۆۋىلىرى ئارىسىدا كۈپ-كۈندۈزدىلا ئانىدىن تۇغما ھالەتكە كەلتۈرۈلدۈم….

ئىپپەت -نومۇسۇم ئاياغ -ئاستى قىلىندى. ئارزۇ ئۈمىدلىرىم ۋەيران بولدى. بۇ دۇنيادا ياشاشنىڭ مەن ئۈچۈن ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوقتەك بىلىنىپ، ئاخىرى ئۆلۈۋېلىش قارارىغا كەلدىم. بىراق، توساتتىن كەلگەن ئالىي مەكتەپ چاقىرىقنامىسى ئۈمىد ئۇچقۇنلىرىمنى قايتىدىن يالقۇنجاتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن خورلۇق ۋە نومۇس ئىچىدە بولسىمۇ ياشاش قارارىغا كەلدىم. مەن ئالىي مەكتەپكە مېڭىشنىڭ تاييارلىقىنى قىلىۋاتقان كۈنلەردە ئاتا-ئانام تۇرغۇنلارنىڭ ئائىلىسىدىن كەلتۈرۈلگەن ماقۇللىشىش چېيىنى قوبۇل قىلىشتى. شۇ كۈنى ئانام ئوچۇقلا، “يۈزۈڭ ئېچىلىپ قالدى،ئەمدى باشقا بىرىنىڭ ئالدىغا بېرىشىڭ مۇمكىن ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئائىلىمىزنىڭ ئىختىسادىي ئەھۋالىدىنمۇ خەۋىرىڭ بار، بىز سېنىڭ ئوقۇشۇڭ ئۈچۈن ساڭا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىدىغان ئادەمگە مۇھتاج” دېدى.

مەن مەكتەپكە كەلگەن دەسلەپكى ئايلاردا ئاتا- ئانام ماڭا راستتىنلا ھېچنەرسە ئەۋەتمىدى. مەن پەقەت تۇرغۇننىڭ ھەپتىدە بېرىپ تۇرىدىغان بەش -ئالتە كويىغا قاراشلىق بولۇپ قالدىم. ئۇنىڭ بەدىلىگا تۇرغۇن مېنى كېچلىرى ماشىنىسىغا ئولتۇرغۇزۇپ شەھەرنىڭ ئادەم شالاڭ كوچىلىرىغا ئېلىپ باراتتى-دە، شەھۋانىي نەپسىنى خالىغانچە قاندۇرۇۋالغاندىن كېيىن مەكتەپ ئالدىغا ئەكېلىپ تاشلاپ قوياتتى. مەن خورلۇقنى ئىچىمگە يۇتۇپ، ياتاققا ھېچ ئىش بولمىغاندەك كىرەتتىم. بۇ ئىش تەكرارلىنىۋەرگەندىن كېيىن، ئىككى نۆۋەت دوختۇرخانىگە بېرىپ بالا ئالدۇردۇم. كېيىن مەن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە سىرتقا چىقىشنى رەت قىلىۋېدىم، ئۇ بالا ئالدۇرغىنىڭنى مەكتەپكە دەيمەن، دەپ مېنى قورقۇتتى. مەن ئوقۇشۇمنى ئاخىرغىقە داۋاملاشتۇرۇپ، كەلگۈسىدە ئۆز غايەمدىكىدەك بىر ئوقۇتقۇچى بولۇپ ياشاشنى ئارزۇ قىلاتتىم. شۇڭا ئازاب ۋە خورلۇقلارغا چىداپ، ئۇنىڭ ھايۋانلارچە ھەۋىسىنى قاندۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇم…

ئەسلىدە ئاياغ–ئاستى قىلىنغىنى ئۈچۈن مېھرىگۈل قانۇن ئورۇنلىرىغا، مەكتەپ دائىرىلىرىگە ئەرز قىلىشى، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك ئىدى. بىراق، بىزدە قانۇن ئىجرا قىلىنىپ ھەق-ناھەق ئايدىڭلاشقىچە ئەنئەنە بولۇپ قالغان فېئوداللىق كۆز قاراش ۋە پىتنە –پاساتنىڭ چىدىغۇسىز چاڭ-توزانلىرى كىشىنى تۇنجۇقتۇرۇپ، ناھەقچىلىكنىڭ تەھىمۇ چوڭقۇر ۋە قاراڭغۇ ھاڭلىرىغا ئىرغىتىپ تاشلىشى تۇرغانلا گەپ، “كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلىتىۋال” دېگەن مانا شۇ!
كېيىن بارا- بارا ئۇ ئىزدەپ كەلگەن چاڭدا مەن “مىجەزىم يوق”، دەپ ياتاقتىن چىققىلى ئۇنىماي يېتىۋالىدىغان بولدۇم.

دېمىسىمۇ تېنىم بارغانسېرى ئاجىزلاپ، دەرسخانىدا بىر نەچچە قېتىم ھوشۇمدىن كەتكەن ئىدىم. بىراق تۇرغۇن مېنىڭ بۇ ئەھۋالىمنى قىلچىمۇ ئېتىبارغا ئالمىدى. بىر كۈنى كېچىدە ئۇ قىزلار ياتىقىغا باستۇرۇپ كىرىپ، ئۆزىنى ياتاقداش قىزلارغا : “مەن ئۇنىڭ ئاكىسى بولىمەن” دەپ تونۇشتۇردى ۋە قىزلارغا مېنىڭ يولدىن چىقىپ كەتكەنلىكىمنى، شۇنىڭ ئۈچۈن مېنى ئەدەبلەپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، قىزلارنىڭ ئالدىدىلا مېنى مۇشتلاپ -تەپكىنىچە ئالدىغا سېلىپ ئېلىپ ماڭدى. كېيىن ئادەم يوق جايغا ئاپىرىپ “چاقىرغان ھامان چىقمىدىڭ” دەپ مىنى راسا ئۇرۇپ قەيلىدى. ئۇرۇپ بولۇپ يەنە ماشىنىسىغا سولاپ ئاپىرىپ ھايۋانلارچە شەھۋانىي ھەۋىسىنى قاندۇردى. كېيىنكى چاغلاردا بويۇمدا قالسا، دوختۇرخانىغا بېرىپ بولغىچە ئۇنىڭ ئۇرۇپ چەيلەشلىرى بىلەن بويۇمدىن ئاجراپ، دوختۇرخانىگە ئاران ئۈلگۈرىدىغان بولدۇم. دوختۇرخانىدا بىرەر كۈن جىددى قۇتۇلدۇرۇلغاندىن كېيىن مەكتەپكە بېرىپ “ئاغرىپ قالدىم” دەپ ياتىقىمدا يېتىۋالاتتىم. كېيىن ھەممە ئىش ئۆزلۈكىدىن ئاشكارىلاندى. نەچچە ئون سائەتلەپ دەرس تاشلىغىنىم ۋە دوختۇرخانىدىكى پىلانلىق تۇغۇت بۆلۈمىگە نەچچە نۆۋەت كىرىپ-چىققىنىم ئۈچۈن، مەكتەپتىن بۇيرۇق بىلەن چېكىندۈرۈلدۈم.

ئىچكى خەۋەر: يېقىندا ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئالىي مەكتەپتە ۋاقىتسىز ئانا بولۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن پەقەت بىر دوختۇرخانىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت بۆلۈمىگە كىرىپ چىققانلارنىڭ سانى بىر ماۋسۈمدىلا 40 تىن ئاشقان. مەكتەپ دائىرىلىرى بۇ قىزلارنى مەكتەپتىن چېكىندۈرۈشنى قارار قىلغان.

-پۈتۈن ئارزۇ – ئارمانلىرىم بەربات بولدى،– دەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى ئۇ،– قەلبىمدىكى ئاخىرقى ئۈمىد ئۇچقۇنلىرىمۇ ئۆچۈپ تۈگىدى. ھاياتتىنمۇ بىزار بولدۇم. ئەمەلىيەتتە مېنى ھاياتقا ئىنتىلدۈرگىدەك ھېچ نەرسە قالمىغان ئىدى. شۇڭا ئۆلۈۋېلىش قارارىغا كېلىپ، بىر كۈنى غەربىي چوڭ كۆۋرۈكتىن ئۆزۈمنى كۆۋرۈك ئاستىدىكى ماشىنا يولىغا تاشلىۋالماقچى بولدۇم. لېكىن بۇ ئىشمۇ ئەمەلغە ئاشمىدى. كۆۋرۈك سالاسۇنىگە يامىشىپ چىقىپ بېشىمنى پەسكە ئېڭىشتۈرىۋېدىم، كىمدۇر بىرى بىر قولۇمدىن كاپ قىلىپ تۇتۇۋالدى. ئۇ كىشى مۇشۇ قەھۋەخانىنىڭ خوجايىنى ئىكەن. -سۆزلەۋېتىپ شۇ يەرگە كەلغەندە ئۇ ئاچىققىنا كۈلۈپ قويدى. ئارقىدىنلا كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ تۇرۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى. – ئۆلۈمدىنغۇ قۇتۇلدۇم، بىراق، پاجىئەدىن قۇتۇلغىنىم يوق. پۈتۈن ئەركىنلىكىم خوجايىننىڭ ئىلكىگە ئۆتۈپ كەتتى. ھەتتا ئۆلۈۋېلىش ئەركىنلىكىممۇ ئۆز ئىلكىمدە ئەمەس. مانا شۇنىڭدىن بېرى مۇشۇ قەھۋەخانىدا كۈتكۈچى بولۇپ ئىشلەۋاتىمەن. كۆرۈپ تۇرۇپسىز، خوجايىنىمىز ئىنچىكىلىك بىلەن لايىھەلەپ چىققان بۇ قەھۋەخانا ئۆزىنىڭ ھەر قانداق ئىشنى قىلغىلى بولىدىغان ئالاھىدىلىكى بىلەن باشقا قەھۋەخانىلاردىن پەرقلىنىدۇ.كۆپرەك مېھماننى ئۆزىمىزگە جەلپ قىلىش ۋە جىقراق پۇل تېپىش ئۈچۈن مەن ھەرقانداق ئىشقا ئۆز ئىختىيارلىقىم بىلەن تاييار تۇرىمەن. ھەتتا بەزىدە يالغۇز كىرگەنلەرگە كېچە-كۈندۈزلەپ ھەمراھ بولىمەن،ھاراقكەشلەرگە ئۈلپەت بولىمەن، دەرتمەنلەرنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ دەردىنى ئاڭلايمەن. ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن ئۇلار خوجايىنغا ھەق تۆلەيدۇ. ئۇ شۇ سۆزلەرنى قىلىۋېتىپ مىيىغىدا ئاچچىق كۈلۈپ قويدى-دە، سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.

– ھازىر مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا مېنى ئەتە ۋە كەلگۈسىگە ئۈندەيدىغان غايىۋى كۈچ مەۋجۇت ئەمەس. مەن پەقەت بۈگۈن ئۈچۈنلا ياشايمەن. ئەتە بىلەن كارىم يوق. چۈنكى ئۆزۈمنىڭ ئەتىگىچە ھايات ياشىيالىشىمغا كۆزۈم يەتمەيدۇ. ھەدە، قارىسام شۇ تاپتا كۆزلىرىڭىزدىن مېنى ئەيىبلەش ئالامەتلىرى چىقىپ تۇرىدۇ. ئۇنداق قارىسىڭىز ماڭا ئۇۋال بولىدۇ. بىلىپ تۇرۇپسىز، مەنمۇ غايىلىك ياشاش ئۈچۈن تىرىشتىم، تىرماشتىم، بىراق مەن قىز بالا ئىكەنمەن، ئاجىز ئىكەنمەن، ئەڭ مۇھىمى مەن ئانىلىق خىسلىتىنى يوقاتقان بىر ئانىدىن تۇغۇلۇپ قاپتىمەن. ماڭا يار-يۆلاك بولىدىغان ئادىمىممۇ يوق ئىكەن. شۇڭا ئاخىرى مۇشۇ كۈنغە قالدىم. بەلكىم بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەھۋالىم بۇنىڭدىنمۇ بەتتەر بولۇشى مۇمكىن. ئىشقىلىپ مەن ئۈچۈن ھاياتلىقمۇ، ماماتلىقمۇ ھەممىسى ئوخشاش.

بىز لېرىك مۇزىكىلار ياڭراۋاتقان قەھۋەخانىنىڭ گۇڭگا خانىسى ئىچىدە ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىۋاتاتتۇق، مەن قىزنىڭ چىرايىغا تىكىلدىم. ئۇ قولىدىكى تاماكىسىنى قاتتىق شورىدى. ئۇنىڭ كۆپ-كۆك بويىۋالغان قاپىقى ئاستىدىكى ئۇزۇن كىرپىكلىرىدە ياش تامچىلىرىنىڭ تىترەپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. شۇ تاپتا ئۇنىڭ تاماكا تۇتقان قوللىرىمۇ تىترەۋاتاتتى. مەن ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭمۇ ياش تۆكۈۋاتقانلىقىنى، تىترەۋاتقانلىقىنى سەزگەندەك بولدۇم.
بۇ نېما قىسمەت؟ مەھرىگۈل — مېھرىلىك، ئوماققىنا كەلگەن ئاشۇ ئۇيغۇر قىزى بۇ دۇنياغا شاللاق ئەرلەرگە ئەرمەك بولۇش ئۈچۈنلا يارالغانمۇ؟ ئۇنىڭ شىرىن ئارزۇ – ئارمانلىرى، غايىسى نېما ئۈچۈن شۇنچە ئاسان بەربات بولىدۇ؟ ئۇ بىلىم ئۆگىنىپ، ئۆز ئارزۇسى بويىچە بىر ئوقۇتقۇچى بولۇشقا، ياخشى بىر ئائىلىنىڭ خوجايىنى، ئەقىيدىنى، ھۆرماتنى چۈشىنىدىغان بىر يىگىتنىڭ خانىمى بولۇشقا پۈتۈنلاي لايىق ئىدىغۇ؟! نېمە ئۈچۈن ئۇ شۇنداق قىلالمىدى؟

تۆتىنچى كۆرۈنۈش

ئۈرۈمچىنىڭ ياز كۈنلىرى ئىدى. كېچىنىڭ غۇر-غۇر شامىلى كىشىگە ئارام بەخىش ئېتەتتى. يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە زامانىۋىي بىنالار ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. پاكىز تازىلىنىپ سۇ سېپىلگەن ئاسفالت يولدا تاكسىلار ۋە كوچا ئاپتۇبۇسلىرى بوشقىنا ئاۋاز چىقىرىپ ئۆتۈشۈپ تۇراتتى.
بىز بىر نەچچىمىز كەچلىك مېھماندارچىلىقتىن قايتىپ ئۈرۈمچىنىڭ كەچىلىك مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىش ئۈچۈن پىيادە كېتىۋاتاتتۇق. خەلق مەيدانىنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى كىچىككىنە باغنىڭ يېنىغا كەلگىنىمىزدە، توساتتىن كىمنىڭدۇر زارلىنىپ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ قالدى. بىز ئىختىيارسىز قەدەملىرىمىزنى توختىتىپ شۇ تەرەپكە قارىدۇق. يېنىمىزدا ساقچىھانىدا ئىشلەيدىغان بىر ھەمراھىمىز بار ئىدى. ئۇ چەبدەسلىك بىلەن ھېلىقى ئاۋاز چىققان تەرەپكە يۈگۈردى. بىزمۇ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن باردۇق. بىلىكىگە 《ئامانلىقنى قوغدۇغۇچى》دىگەن قىزىل بەلگە تاقىۋالغان 25 ياشلار چامىسىدىكى بىر خەننزۇ يىگىت قول چىرىغىنى تۆمۈر رىشاتكىنىڭ يېنىدا سوزۇلۇپ ياتقان بىر ئۇيغۇر ئايالغا توغرىلىغىنىچە نېمىدۇر دەپ ۋارقىراۋاتاتتى. ئايال 30 ياشلار چامىسىدا بولۇپ، ئاپئاق يۈزى تاتىرىپ كەتكەن، يېشىل كۆڭلىكىنىڭ ياقىسى ۋە ئېتەكلىرى قۇسۇق بىلەن بۇلغانغان. ئېڭىكى قۇسۇققا تېگىپ تۇراتتى، چاچلىرىغا ئەخلەت چاپلىشىپ قالغان ئىدى. ئۇ كۆزلىرىنى قىسىپ بىزغە بىپەرۋالىق بىلەن قاراپ ياتاتتى.

ھېلىقى ئامانلىقنى قوغدۇغۇقى بىزنى كۆرگەندىن كېيىن، يېنىك تىنغان ھالدا بىزگە شۇنداق دېدى:
-ماۋۇ ئايالنى ئېپكېتىڭلار، ئۇنىڭ مۇشۇ يەردە ياتقىنىغا ئىككى سائەتتىن ئاشتى. ئۆزىچە ۋارقىرايدۇ. بۇ يەردىن كېتىشكە بۇيرۇسام، كېتىدىغان ئىش بولسا ئۆزۈڭ كولىيىڭغا كەت. مەن كەتمەيمەن، مەن دېگەن مۇشۇ يەرنىڭ ئېگىسى. مەن مۇشۇ يەردە ياتىمان، دەيدۇ. مەن بۇ يەرنىڭ ئامانلىقىنى قوغدىشىم كېرەك. بۇ مېنىڭ مەجبۇرىيىتىم. سىلەر خاپا بولماي مۇشۇ ئادىمىڭلارنى ئېپكەتسەڭلار.– ئۇنىڭ سۆزىدە ئىلتىماسمۇ، مەسخىرىمۇ بار ئىدى. ھېلىقى ساقچى بۇرادىرىمىز بەكلا ھاياجانلانغان بولسا كېرەك، خۇددى ئۆز سىڭلىسىنىڭ ھاياسىزلىقىدىن نەپرەتلەنگەندەك ھېلىقى ئايالنىڭ ياقىسىدىن تۇتۇپ ئۆرە تۇرغۇزدى ۋە ئۇنىڭ ئېڭىكىگە چاڭ-چۇڭ قىلىپ ئىككى تەستەك سېلىۋەتتى.

-ھەي، سەن ئۇيغۇرمۇ؟ -دىدى ئۇ ھېلىقى ئايالغا غەزەپ بىلەن ۋارقىراپ،–ئۇيغۇرنىڭ يۈزىنى چۈشۈرۈپ بۇ يەردە ياتقىچە ئۆلۈۋالساڭ بولمامدۇ؟ سېنىڭ بالىلىرىڭ يوقمۇ؟ ئېرىڭ يوقمۇ؟ مۇشۇ تۇرقۇڭ بىلەن ئۇلارنىڭ يۈزىگە قانداق قارايسەن؟

غەزەپلەڭەن ساقچىنىڭ ئىككى تەستىكىدىن كېيىن ھېلىقى ئايالنىڭ مەستلىكى يېشىلدى.ئۇ ئەتراپىغا ئالاقزادىلىك بىلەن قارىدى-دە، كاچات تەككەن ئېڭىكىنى سىلىغىنىچە ھۆڭرەپ يىغلاشقا باشلىدى.

شۇ چاغدا بىزنىڭ يېنىمىزغا يەردىن ئۈنۈپ چىققاندەكلا ئېگىز بويلۇق، قويۇق قارا ساقاللىق، چاقماق كۆينەك كەيگەن بىر ئەركىشى پەيدا بولۇپ قالدى. ئايال ئۇنى كۆرۈش بىلەن ئاغىزىنى بۇزۇپ تىللاشقا باشلىدى:

-ھەي لۈكچەك، بۇ يەرگە يەنە نېمە دەپ كەلدىڭ؟ ھەممە نەرسەڭنى ئۇتتۇرۇپ بولغان ئوخشىمامسەن؟ ئەمدى مېنى يەنە قىمارغا تىكىشنى ئويلىغان بولساڭ،ئۇخلىماي چۈش كۆرۈپسەن.

ئايال يىغلاپ تۇرۇپ ھېلىقى ئەرنى بىر ھازاغىچە تىللىدى. بىراق ئەر ئۇنىڭ گەپلىرىنى پىسەنتىگىمۇ ئالمىدى. گويا ھېچ ئىش بولمىغاندەك بىپەرۋا قىياپەتتە ئايالنىڭ يېنىغا كېلىپ كىر، پۇرلەشكەن قول ياغلىقى بىلەن ئۇنىڭ يۈزىدىكى قۇسۇقلارنى سۈرتتى. كېيىن ئايالنى خۇددى بىر دانە كۆتەكنى كۆتۈرگەندەك بېقىنىغا قىستۇرۇپ ماڭدى. ئايال يۇلقۇنۇپ تىپىرلايتتى.

-توھتاپ تۇرۇڭ، -دىدى ھېلىقى ساقچى بۇرادىرىمىز، -بۇ سىزنىڭ نېمىڭىز بولىدۇ؟ بۇ كېچىدە سىز ئۇنى نەگە ئاپىرىسىز؟

-ئۇ مىنىڭ ئايالىم، -دىدى ئەر خاتىرجەم ۋە بىپەرۋا قىياپەتتە،– ئەلۋەتتە ئۆيگە ئېپكېتىمەن-دە،

-يالغان، ئۇ يالغان ئېيتىۋاتىدۇ، -دېدى ئايال ۋارقىراپ يىغلىغان ھالدا ئەرنىڭ قولتىقىدا تىپىچەكلەپ تۇرۇپ، -ئۇ ئاللا بۇرۇن مېنى باشقا قىمارۋازلارغا ئۇتتۇرىۋەتكەن. ئەمدى مېنى ئۆيگە ئاپىرىپ يەنە قىمارغا دو تىكمەكچى. ئۇنىڭ سۆزىگە ئىشەنمەڭلار. ئۇ يالغان ئېيتىۋاتىدۇ. مەن ئۇنىڭ بىلەن ئۆيگە قايتمايمەن.

-خوتۇنىڭىز بولسا ئۇنىڭغا نېمىشقا ھاراق ئىچكۈزۈپ قويدىڭىز؟

-ئۇنىڭغا ھاراقنى مەن ئىچكۈزمىگەن، چىداۋاندا ئۇنىڭ بىر ئاكىسى بار، شۇ ئىچكۈزۈپ قويغان ئوخشايدۇ.

بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ھېلىقى ئايال غەزەپ بىلەن ۋارقىراپ كەتتى.

-ھەي يۈزسىز،ئۇ قانداقمۇ مېنىڭ ئاكام بولسۇن؟ قىمار ئوينىغاندا قەرزدار بولۇپ قېلىپ مېنى ئۇنىڭغا تۇتۇپ بەرمىدىڭمۇ؟ يەنە نومۇس قىلماي مېنى خوتۇنۇم دەيسىنا؟ مەن ئۆمۈرۈمدە سەندەك ئىپلاس ئەرنى كۆرۈش تۈگۈل ئاڭلاپمۇ باقماپتىكەنمەن، مەن ئەگەر ئانامنىڭ ئەمچىكىنى قاتتىق چىشلىمىگەن بولسام،ھەرگىزمۇ سەندەك ئادەم شەكلىدىكى ھايۋانغا يولۇقماس ئىدىم… تۈفىي…

ئايالنىڭ ھەر بىر ئېغىز سۆزىگە غەزەپ، خورلۇق ۋە چوڭقۇر ھەسرەت يوشۇرۇنغان ئىدى. ئەر بولسا ئايالنىڭ سۆزلىرىدىن قىلچە خورلۇق ھېس قىلمايتتى، بەلكى قىمارنىڭ تۈگىمەس دەسمايىسى بولغان ئاشۇ ئايالنى تېزرەك ئۆيىگە ئېپكېتىشكە ئالدىرايتتى.

ئاھ،قىمار! سەن خۇددى ئېزىتقۇغا ئوخشايسەن. سېنىڭ ئېزىقتۇرۇشۇڭغا ئۇچرىغان ئىنسان بالىسى مۇھەببەت ۋە ئۆزىنىڭ ئائىلىۋى مەجبۇرىيىتىنى ئۇنتۇپ، يىللار بويى ئىشلەپ تاپقان مېھنەت ئەجرىنىڭ ھوسۇلىنى ئۆز تەقدىرى بىلەن قوشۇپ قىمار ئۈچۈن دو تىكىدۇ،ئۇلار پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۇتۇپ چىقىشنى ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ ئەرلىك غورۇرىنى، ئاتىلىق بۇرچىنى ۋە ئۆزى ئۈچۈن جاندىنمۇ ئەزىز بولغان قەدىردان خوتۇنىنى قوشۇپ ئۇتتۇرىۋېتىدۇ.ئۇتتۇرۇش قىمارۋازلار ئۈچۈن مەڭگۈلۈك قانۇنىيەت. چۈنكى مىليونېر بولۇش پۈتۈن قىمارۋازلارنىڭ ئورتاق غايىسى بولسىمۇ، تارىكتىن بېرى ھەچقانداق يەردە مىليونېر بولغان قىمارۋاز يوق.

ئىچكى خەۋەر: ج.ھ ئورۇنلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە،ئۆتكەن يىلى مەلۇم ناھىيىدە قىمارۋازلىق ئەۋج ئالغان بولۇپ، بىر قېتىمدىلا 24 قىمارۋازلىق دېلوسى پاش قىلىنغان. بۇ دېلوغا قاتناشقۇچىلار 240 نەپەر كىشى بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى جىنايىتىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ جازاغا تارتىلدى.

ئەھ، بىچارە ئاياللار، ئاشۇ قىمارۋازلارنىڭ بىچارە خوتۇنلىرى قانچىلىك روھىي ئازاب ۋە جىسمانىي خورلۇقلارنى بېشىدىن كەچۈرۈۋاتقاندۇ-ھە! ئائىلە ئىقتىسادىدىكى نورمالسىزلىق، قىمارۋاز ئېرى تەرىپىدىن ھەر دائىم پۇل ئورنىدا قىمارغا تىكىلىش خەۋپى،ئۇنىڭدىن كېيىن ئېرىنىڭ قىمارغا ئاتىغان پۇلى ئۈچۈن يات ئەرلەرگە خوتۇن بولۇشلار…ئۇنىڭدىن كېيىنچۇ؟ ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئاياللىق ئەخلاقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى يوقىتىپ، يۇقىرىدا بىز كۆرگەن ئايالدەك پۈتۈنلەي كوچىغا چىقىپ كېتىشلەر…مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىگە كىم سەۋەبچى؟ ئاشۇ مەست بولۇپ كوچىغا چىقىپ قالغان، ئېرىنىڭ قىمار ھەققى ئۈچۈن باشقىلارغا ۋاقىتلىق خوتۇن بولۇۋاتقان ئايال ئەيىبكارمۇ؟ كۆز ئالدىمىزدىكى ئاشۇ ئايال ھاياتىنىڭ مۇشۇنداق ئۆتۈۋاتقىنىغا رازىمىدۇ؟

بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى مەست ئايال خۇددى بەسىي بالىدەك توختىماي ھۆڭرەپ يىغلايتتى. ئېرى ئۇنىڭ يىغىسىغا پەرۋامۇ قىلماستىن، ئۇنى قولتۇقىغا قىستۇرۇپ، ئالچاڭلاپ ماڭغان ھالدا بىزدىن يىراقلاپ كەتتى. ئايالنىڭ نالە – زارى كېچىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا ۋە كېيىن يەنە مېنىڭ يۈرىكىمدە ئۇزۇنغىچە ئەكس سادا پەيدا قىلدى…

بەشىنچى كۆرۈنۈش

مەن تۇرانقىز بىلەن ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس بېكىتىدە ئۇچرىشىپ قالدىم. ئۇ 16 ياشلار چامىسىدىكى چىرايىدىن سەبىيلىك ئىپادىلىرى تېخى كەتمىگەن ئۇيغۇر قىزى ئىدى. قارلىغاچنىڭ قانىتىدەك ئەگىم قاشلىرى قىرايىغا ئالاھىدە ھۆسۈن بېغىشلاپ تۇراتتى. بىراق يۈزلىرى خۇددى پۈتۈن بەدىنىدىكى قانلىرى شۈمۈرۈۋېلىنغاندەك تاتىراڭغۇ ئىدى.كۆزلىرى ئەتراپقا ئەنسىزلىك بىلەن تىكىلەتتى. تېنى بولسا بەكمۇ زەئىپ كۆرۈنەتتى. ئۇنىڭ كىيىملىرى ئانچە كونا بولمىسىمۇ، پۇرلىشىپ كەتكەن ۋە مەينەت ئىدى.مەن قەستەن ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردۇم-دە، ئۇنىڭدىن ئەھۋال سورىدىم. دەسلەپتە ئۇ ئېھتىيات قىلغاندەك مەندىن ئۆزىنى قاچۇردى. كېيىن بىز ئاپتوبۇستا بىر ئورۇندا ئولتۇردۇق. 3 كۈنلۈك سەپەر ئۇنىڭدا ماڭا قارىتا ئىشانچ تۇيغۇسى پەيدا قىلغان بولسا كېرەك، كېيىن ئۇ ماڭا يول ئۈستىدە ھەممە سەرگۈزەشتىسىنى ئالدىرىماي سۆزلەپ بەردى:

-بىز بەش ئاچا-سىڭىل ئىدۇق.مەن قىزلارنىڭ ئۈچىنچىسى ئىدىم. مەن بەشىنچى سىنىپقا چىققاندا ئاتا-ئانام مېنى مەكتەپتىن چىقىرىۋېلىپ ، يېزىمىزدىكى ھەرەمگە بېرىپ كەلگەن ئايسا داموللا ھاجىمغا ئوقۇشقا بەردى. مەن داموللاھاجىمدا 6 ئايچە ئوقۇدۇم. كېيىن ئاتا-ئانام ھاجىمنى ئۇلۇغلاپ مېنى ئۇنىڭغا دۇئا قىلدۇردى. ھاجىم 70 لەرگە كىرىپ قالغان كىشى ئىدى. مەنمۇ دەسلەپتە دۇئا قىلدۇرغاننىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيتتىم. شۇڭا دۇئا قىلدۇرۇلغاندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭغا ئۇستازىمنىڭ ئورنىدا مۇئامىلە قىلىۋەردىم. كېيىن ھاجىم مېنى ئۆزى بىلەن بىرگە ئۈرۈمچىگە ياندۇرۇپ كەلدى. بارا-بارا ئۇ ماڭا ئوقۇغۇقىسىدەك ئەمەس، بەلكى خوتۇنىدەك مۇئامىلە قىلىشقا باشلىدى. بىراق، مەن ئۈچۈن بوۋامدەك ئادەمنىڭ قوينىدا ئۇنىڭغا خوتۇن بولۇپ يېتىش چىدىغۇسىز خورلۇق ئېلىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ھاجىمنىڭ ئۆيىدىن قېچىپ چىقىپ، ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس بېكىتىگە كەلدىم. مەن قەشقارگە ئاتا-ئانامنىڭ يېنىغا كەتمەكچى ئىدىم. مەن ئەتىسى ماڭىدىغان ئاپتوبۇس بېلىتىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، كېچىنى قەيەردە ئۆتكۈزۈشنى ئويلاپ تۇراتتىم، بېشىغا ئاق داكا رومال ئارتىۋالغان، پۇتلىرىغا مەيسە-كالاچ كەيغەن بىر موماي كېلىپ مەن بىلەن مۇلايىمغىنە ئەھۋاللاشتى. خۇددى مېنى تونۇيدىغاندەكلا گەپ قىلغىلى تۇردى. ھەتتا ئاتا-ئانامنىڭ ئەھۋالىنىمۇ سورىدى. مەن ئۇنى راستتىنلا بىر يۇرتلىغىم ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ قالدىم-دە، ئۇنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇنىڭ بېكەتكە يېقىن جايدىكى ئۆيىگە باردىم. موماي ماڭا داستىخان سېلىپ ئالدىمغا قېنىق دەملەنگەن چاي قۇيدى. مەن چاينى بىر–ئىككى ئوتلىغىنىمنى بىلىمەن. 3 كۈندىن كېيىن ھوشۇمغا كېلىپ قارىسام، 3 نەپەر سەرگاندان بويتاقىنىڭ بىر ئېغىزلىق ۋەيرانە ئۆيىدە قىپيالىڭاچ ھالەتتە يېتىپتىمەن. ۋۇجۇدۇم ماغدۇرسىزلىنىپ كەتكەن، بەشىمنى كۆتۈرگىدەك ھالىم يوق. مەن بىر ئاماللارنى قىلىپ كىيىملىرىمنى كىيىۋالدىم. ئىككى ئايغىغە ئەشۇ 3 بويتاققا تەڭلا خوتۇن بولدۇم. ئۇلار سىرتلارغا چىققاندىن كېيىن مېنى ئۆينىڭ ئىچىگە سولاپ قويۇپ كېتىشەتتى. پەرىزىمچە ئۇلار يانچۇقچى بولسا كېرەك، پات-پات ناھايىتى نۇرغۇن پۇللارنى ئۆيگە ئەكىرىپ بىرلىكتە بۆلۈشەتتى. مەن ئۇلار ئۇخلاپ قالغان چاغدا ئاشۇ پۇللاردىن ئۆزۈمگە ئازراق «زاكات» ئايرىۋالاتتىم. يېقىندا ئۇلار 3 كۈنگىچە ئۆيگە قايتىشمىدى، ئېھتىمال بىرەر پىشكەللىككە ئۇچرىغان بولسا كېرەك. شۇنىڭ بىلەن مەن ۋارقىراپ يۈرۈپ يان خوشنامغا قۇلۇپنى چاقتۇردۇم-دە، تىقىپ قويغان پۇللىرىمنى ئېلىپ ئۆيدىن چىقىۋالدىم. خۇداغا شۈكرى، ئەزىز يۇرتۇم قەشقەرگە يېقىنلاپ كېلىۋاتىمەن. نېمە كۆرگۈلۈكۈم بولسا ئاتا-ئانامنىڭ ئايىغىدا يېتىپ كۆرەرمەن…

نادانلىق بىلەن خۇراپاتلىق خۇددى ساغلام ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىغا چاپلاشقان راك كېسىلىدەك ئۇيغۇر مىللىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتماقتا. خۇراپاتلىق ۋە نادانلىقنىڭ تۇمانلىرى ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆزىنى توسىۋېلىپ، ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ يۈرەك پارىلىرىنى خورلۇقنىڭ زىندانلىرىغا تاشلاتقۇزماقتا. بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىش مۇمكىنمۇ؟! بۇ خۇددى نېرۋىسى بۇزۇلغان ئادەمنىڭ ئۆز تېنىنى ئۆز قولى بىلەن كېسىپ پارچىلاپ نابۇت قىلىۋاتقىنىغا ئوخشاش ئىش ئەمەسمۇ؟! ئەلۋەتتە، نەرۋىسى بۇزۇلغانلارغۇ ئۆز قىلمىشىنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلاپ يېتەلمەيدۇ. ئەمىسە نېرۋىسى ساقلارچۇ؟ ئۇلارنىڭ سۈكۈت قىلىشى ۋىجدانى جىنايەت ئەمەسمۇ؟!

ئالتىنچى كۆرۈنۈش

قەشقەرنىڭ كەچ كۈز پەسلى ئىدى. نامازشامدىن كېيىن مەن ئەرەنچە ياسىنىپ كوچا ئايلىنىشقا چىقتىم. ھەيۋەتلىك ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئالدىدىكى ئوردا ئالدى بازىرىغا كەلگىنىمدە بىر نەچچە روپاش ئايالنىڭ تاقىۋېتىلگەن ماگىزىننىڭ تېمىغا يۆلىنىپ تۇرۇپ پاراڭلىشىۋاتقانلىقىنى كۆردۇم. مەن قەدىمىمنى ئاستىلىتىپ ئۇلارنىڭ گەپ-سۆزلىرىگە دىققەت قىلدىم. ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئاڭلىۋالغۇچىلىكى بولمىسىمۇ، ئۆزىنى تۇتۇشلىرى ۋە ناز-كەرەشمىلىرى ماڭا غەلىتىرەك تۇيۇلدى. مەن ئۆزۈمنىڭ ئەرەنچە ئۈستىۋەشىمنى ئۇنتۇپ شۇلارنىڭ ئارىسىغا قىسىلدىم.

ئۇلار دەسلەپتە چۇقىرىشىپ كېتىشتى. كېيىن تور روماللىرىنى قىيا ئېچىشىپ ماڭا چاقچاق قىلغىلى تۇردى. مەن ئۆزۈمنىڭ ئوڭايسىز ئەھۋالدا قېلىشىمدىن ئەنسىرەپ، بېشىمدىكى شەپكەمنى ئېلىپ ئۆزۈمنىڭمۇ ئايال ئىكەنلىكىمنى ئۇلارغا ئاشكارىلىدىم. ئۇلار مېنىڭ بۇ قىلىقىمغا قىزىقىشىپ مەندىن ئۇنى، بۇنى سوراشقىلى تۇردى. دەل شۇ چاغدا 12-13 ياشلار چامىسىدىكى بىر قىز ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن بىزنىڭ يېنىمىزغا كەلدى-دە، 35 ياشلار چامىسىدىكى سۇلغۇن قىراي بىر ئايال بىلەن قۇچاغلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئامان- ئېسەنلىك سوراشتى. يېنىمدىكى چوكاننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ئانا-بالا ئىكەن. ھېلىقى قىز ئانىسى بىلەن كۆرۈشۈپ بولۇپ، ياغلىققا ئورالغان بىر نەرسىنى ئانىسىغا بەردى-دە، يۈگۈرگىنىچە كېتىپ قالدى. كېيىن مەن ھېلىقى ئايالنىڭ ئىسمىنىڭ تۇماخان ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ئۇ مېنىڭ قايتا-قايتا ئىلتىماس قىلىشىم بىلەن ئۆز ئەھۋالىنى ماڭا سۆزلەپ بەردى.

ئۇ ئەسلىدە مۇشۇ شەھەردىكى خېلى ئىناۋەتلىك بىر ھۈنەرۋەننىڭ خوتۇنى ئىكەن. ئۇلار ئىككى بالىلىق بولغان يىلى ئەر تالاغا قارايدىغان بولۇپ قېلىپ، تۇماخانغا ئاجرىشىش تەلىپىنى قويۇپتۇ. ئۇ ئەرىنىڭ ئوڭشىلىپ قېلىشىدىن چوڭ ئۈمىد كۈتمىسىمۇ، بالىلىرىنىڭ يېتىم قېلىشىنى خالىمايدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ھېچقانداق ھۈنار كەسپنى بىلمىگەچكە، ئېرىدىن ئاجرىشىپ ئۆز تۇرمۇشىنى ئۆزى قامداپ كېتەلىشىگە كۆزى يەتمەيدىكەن. شۇڭا ئېرى ھەرقانچە خورلىسىمۇ ئاجراشقىلى ئۇنىماپتۇ.

بىر كۈنى كەچتە ئۇ ئۆيدە ئېرىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرغانىكەن، ئېرىنىڭ بىر دوستى ئېرىنى يوقلاپ كەپتۇ.

تۇماخان مېھمانغا داستۇرخان راسلاپ چاي قۇيۇۋاتقاندا، ئۇنىڭ ئېرى سىرتتىن كىرىپتۇ-دە، “نامەھرەم” تۇتتۇم، دەپ ۋارقىراپتۇ. شۇنىڭ بىلەن خۇلۇم- قوشنىلار ئىشىك تۈۋىگە يىغىلىشىپتۇ. تۇماخان زادىلا ئۆزىنى ئاقلىيالماپتۇ. «ياخشى گەپ ئۆيدە قالار، يامان گەپكە قانات چىقار» دېگەندەك، تۇماخانىڭ ياتۋاش بىر ئەركىشى بىلەن تۇتۇلۇپ قالغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر بىردەمدىلا پۈتۈن مەھەللىگە يېيىلىپتۇ. ئەر بۇ ئىشنى باھانە قىلىپ شۇ كۈنىلا تۇماخاننى “تالاق” قىلىپ ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىپتۇ. تۇماخاننى ئاتا-ئانىسى يۈزىمىزنى قويمىدىڭ، دەپ ئۆيگە كىرگۈزمەپتۇ. ئامالسىز قالغان تۇماخان يېڭىسارغا بېرىپ تۇغقانلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن قايتىدىن ئەرگە تەگكەن ئىكەن، لېكىن ئۇنىڭ يامان “ئاتىقى” شۇ يەرگىمۇ ئۆزى بىلەن بىرگە بارغانلىقتىن، ئېرى ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدىكەن. بىرەر جايغا بارسا تۇماخاننى ئۆينىڭ ئىچىگە سولاپ قويۇپ كېتىدىكەن. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى تۇماخان قەپەزدە ياشاشقا چىدىماپتۇ. ئاتا- ئانىسىنى، بالىلىرىنى، ئۆزى چوڭ بولغان قەشقەرنىڭ گېپىنى قىلغان ھامان ئېرى “ئاشناڭنى سېغىنغان ئوخشىمامسەن” دەپ ئۇنى دۇمبالاشقا باشلايدىكەن. شۇڭا ئۇ بىر كۈنى پۇرسەت تېپىپ ئۆيدىن قېچىپ چىقىپتۇ.

-مەن ئەسلىدە شەرمىي-ھايالىق ئايال ئىدىم. -دېدى ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ،– مېنى ئېرىم ناپاكلىقتا ئەيىبلىدى. تۇغقانلىرىم ۋە جامائەتمۇ شۇنىڭغا ئىشەندى. ھېچكىم مېنىڭ بىر دىيانەتلىك پاك ئايال ئىكەنلىكىمنى ئويلاپ قويمىدى. مەن ئېرىمنى ۋە ئەتراپىمدىكى كىشىلەرنى ئۆزۈمنىڭ پاك ئايال ئىكەنلىكىمگە زادىلا ئىشەندۈرەلمىدىم. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا مەن نېمىمۇ قىلالايمان؟ ئاچلىقتىن ئۆلەيمۇ- يا! مەن ئامالسىزلىقتىن مۇشۇنداق ناپاكلىق يولىغا مېڭىشقا مەجبۇر بولدۇم. مېنى ئىلگىرىكى ئېرىم قەستەن مۇشۇ يولغا مەڭىشقا قىستىدى. مۇشۇنداق ياشاۋاتقىنىمغا بەش يىل بولدى، ئېرىم مەندىن تارتىۋالغان ئىككى بالاممۇ ھازىر خېلى چوڭ بولۇپ قالدى. قىزىم مېنى بەزىدە ئوغرىلىقچە يوقلاپ تۇرىدۇ. ئۇ مېنىڭ قانداق كەسىپ بىلەن تىرىكچىلىك قىلىۋاتقىنىمنى تېخى بىلمەيدۇ. شۇنى بىلگەن چاغلىرىدا بەلكىم مېنىڭ يۈزۈمگە مەڭگۈ قارىماس…
تۇماخان سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرالماي ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى.

ئاھ، تۆھمەت! ئۇ نېمە دېگەن قورقۇنچلۇق-ھە! تارىختا تۆھمەت تۈپەيلىدىن نابۇت بولغانلار ئازمۇ! بولۇپمۇ تۆھمەت ئاياللارغا ناھايىتى ئاسانلا يۇقىدۇ. بۇ جەمئىيىتىمىزدە ئاياللارنى ناپاكلىقتا، ئەخلاقسىزلىقتا ئەيىبلەش ناھايىتى ئاسان. چۈنكى ئاياللار ئەسلىدىنلا پاك كېلىدۇ. تۆھمەتكە ئۇچىرىغۇچىنىڭ پاك ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىپ بولغىچە ئۇنىڭ بېلى پۈكۈلۈپ، چېچى ئاقىرىپ، ياشلىقى ئۆتۈپ كەتكەن بولىدۇ. ئۇ ئاقلانغان تەقدىردىمۇ، بۇ زىياننى ھېچكىمدىن تۆلىتىۋالالمايدۇ. ئىنسانمۇ، تەبىئەتمۇ ئۇنىڭ ياشلىقىنى قايتۇرۇپ بېرەلمەيدۇ.تۇماخانغا ئوخشاش ئاياللار ھېلىقىدەك يىرگىنچلىك ئىشتىن قول ئۈزۈپ، يېڭىچە ياشاش يولىنى تاپقان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ بۇلغانغان نامى مەڭگۇ ئاقلانمايدۇ. بۇنىڭدىن قانداق يەكۈن چىقىرىش كېراك؟ تۇماخاننىڭ ھاياتىنى نابۇت قىلغان ئەر جازاغا تارتىلمامدۇ؟ توغرا! ئۇنى ھېچكىم جازاغا تارتالمايدۇ. قانۇنمۇ ئۇنىڭغا گۇناھ ئارتالمايدۇ.

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، سىز بۇنىڭدىن قانداق يەكۈن چىقىرىۋاتىسىز؟

يەتتىنچى كۆرۈنۈش

روزىخان قاراقاش نايىسىنىڭ مەلۇم يېزىسىدا تۇرۇشلۇق دېھقان بولۇپ، 16 يىلدىن بېرى 10 قېتىم نىكاھلانغان. تۆت ئەردىن بەش بالىسى بار. يېقىندا ئۇنىڭ ئونىنچى ئېرىدىن ئاجراشماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالدىم. روزىخان بۇ يىل 31 ياشقا كىرگەن بولۇپ، قارىماققا 45 ياشلارغا كىرگەندەك كۆرۈنەتتى. ئۇ چېقىر كۆزلۈك، ئورۇق ئايال ئىدى.

چىرايىنى ئۆمۈچۈك تورىدەك ئىنچىكە قورۇقلار قاپلاپ كەتكەن ئىدى. كىردىن سارغايغان چاچلىرى ھەر دائىم پاخپىيىپ تۇراتتى. ئۇچىسىغا ئۆڭۈپ رەڭگىنى بىلگىلى بولمايدىغان يىرتىق تاۋار كۆينەك، ئۇ يەر بۇ يەرلىرىدىن پاختىسى ساڭگىلاپ تۇرىدىغان قارا شىرىما چاپان كىيىۋالاتتى. ئۇ كۈزدىكى دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىللىرىدىمۇ كۈنبويى ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى پاكار تامغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ ئاپتاپسىناتتى ياكى بولمىسا توپىدا يېنىچە يېتىپ، بەش ياشلىق قىزىنىڭ چاچلىرىدىكى مىغىلدىشىپ يۈرىدىغان پىتلارنى ئۆلتۈرەتتى. كېيىن قىزىمۇ ئانىسىنىڭ بېشىدىكى پىتلار بىلەن شۇ خىل ئۇسۇلدا جەڭ قىلىشقا باشلايتتى. روزىخان بەزىدە ئۆزىگە ئانچە- مۇنچە پەردازمۇ قىلىپ قوياتتى. مەن ئۇنىڭ قېشىغا كۆپكۆك ئوسما قويۇۋېلىپ، چېچىنى جىگدە يىلىمىدە قاتۇرۇۋالغان ھالدا يول لىۋىدىكى كونا تامغا يۆلىنىپ ئاپتاپسىنىپ ئولتۇرغانلىقىنى بىر نەچچە قېتىم كۆردۈم. ئۇنىڭ بالىلىرى يىرتىلىپ جۇل-جۇل بولۇپ كەتكەن مەينەت كىيىملەرنى كىيىپ، يولدىكى قۇمساڭغۇ توپىغا ئېغىنىشاتتى ۋە قاپقارا كىر باسقان قوللىرىدا تارشىدەك قېتىپ كەتكەن نانلارنى كۆتۈرۈۋېلىپ غاجىلىشاتتى.

روزىخاننىڭ مۇئامىلىسىدىن قارىغاندا، ماڭا ئوخشاش ھېلى ئۇنى، ھېلى بۇنى سورايدىغان مۇخبىرسىمان خانىمنى ئانچە ياقتۇرمايدىغاندەك كۆرۈنەتتى. شۇنداقتىمۇ مەن ئۇنىڭ كەيپىياتىنىڭ چاغ پەيتىدىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىپ باقتىم.

-روزىخان,ئاڭلىسام ئون قېتىم نىكاھلىنىپلا، بەلكىم كۆڭۈللىرىدە ئويلىغاندەك ياخشى ئەرگىمۇ تېگىپ باققانلا-ھە، -سەپ سورىدىم مەن بىر كۈنى.

-نەدىكىنى دەيلا خانىم، “خۇدا بەرمىگەندە ئاناڭنىڭ ھەققى بارمۇ؟” دەپتىكەن، 14 يېشىمدا ئاتا -ئانام ئەرگە بەرگەنتى، كېيىن ئۆزۈم خالاپمۇ تېگىپ باقتىم، كۆڭۈل ئۈچۈنمۇ تېگىپ باقتىم، قېچىپ كېتىپمۇ تەگدىم، كىيىم كېچەك ئۈچۈنمۇ تەگدىم، ئەر خەق دېگەنغۇ بەكمۇ يۈزسىز كېلىدىكەن، كونا ئەرلىرىم مېنى نىكاھىغا ئېلىۋېلىپلا يىللاپ بىرەر تال كۆڭلەك ئېلىپ بەرمەيىتتى. بەزىدە ئاچىچىقىم كېلىپ “خۇلۇم قوشنىلارنىڭ مەن بىلەن تەڭتۇش خوتۇنلىرى شىپىڭ دۇخاۋا، ئەڭىلىشىنلارنى كىيىدىكەن، مەن نېمىشقا كەيمايدىكەنمەن؟ بىر تال تۈزۈكرەك كۆڭلەك ئېلىپ بېرەلمىگەن ئادەم نېمە دەپ مېنى خوتۇنلۇققا ئالغان؟” دەيمەن، بۇ گەپ ئاغزىمدىن چىقىشى بىلەنلا ئېرىم كاچىتىمغا راسا كەلتۈرۈپ ئىككى كاچات سالىدۇ، ئاندىن قېيداپ ئاتا-ئانامنىڭ ئۆيىگە كېتىۋالىمان. ئەگەر ئېرىم مەن دېگەن كۆڭلەكنى ئېلىپ ئاتا-ئانامنىڭ ئۆيىگە ئارقامدىن بارمىسا، شۇنىڭ بىلەن مەن ماڭا دېگىنىمنى ئېلىپ بېرىدىغان ئەردىن يەنە بىرىگە تېگىۋالىمان، -ئۇ مۇشۇ سۆزلەرنى دەۋېتىپ ساپسېرىق چىشلىرىنى چىقىرىپ مەنىسىزلا ھىجىيىپ قويدى. ئۇنىڭ بۇ كۈلكىسىگە پەخىرلىنىش ھېسسىياتى بىلەن چوڭقۇر دەرت –ئەلەم ئارىلىشىپ كەتكەن ئىدى.

-سىلىگە شۇ ئون ئەردىن بىرەرسى ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغان كىيىملەرنى ئېلىپ بەردىمۇ؟

-نەدىكىنى دەيلا، خانىم، سىكىلەك (قىز ۋاقتى) چاغلىرمدا خېلى ئۇز ئىدىم، شۇڭا بەزى ئەرلەر شىپۇڭ دۇخاۋا كۆڭلەكلەرنى، خۇرۇم ئۆتۈكلەرنى كۆرسىتىپ مېنى نىكاھىغا ئالاتتى. نىكا قىلىپ مېنى ئۆيىگە ئەكىرىۋالغاندىن كېيىن ئۇ كىيىملەرنىڭ ھەممىسى خەقتىن ئۆتنە ئەكەلگەن بولۇپ چىقاتتى. شۇنىڭدىن كېيىن كىمگىلا تەگسەم تويلۇققا ئالغان ئەگىنلىنى (كىيىملەرنى) ئۆشنەمگە بىر ساپقىنىمچە سالماي كىيىدىغان بولدۇم. ھەتتا ئېتىزلىققا بارغاندىمۇ ئۆشنەمدىن چۈشۈرمەي كىيىۋېردىم. شۇنداق قىلمىسام مېنىڭ سۆزۈمنى بەرگەندە (تالاق قىلىشقا ئوخشايدۇ) شۇ كىيىملەرنى مەندىن تارتىۋېلىپ، يەنە ماڭا ئوخشاش سىكىلەكتىن بىرنى ئالىدۇ ئەمەسمۇ ئۇ گادايلار.
-سىلە ھەر قېتىم نىكاھلانغاندا يېزىلىق ھۆكۈمەتكە بېرىپ توي خېتى ئالاملا؟

-خانىم، مېنىڭ 10 قېتىم نىكاھلانغىنىم راست، 4 قېتىم يېزىلىق ھۆكۈمەتكە بېرىپ خوڭشى (توي خېتى) ئالغان، 6 قېتىمقىسىغا ئاخۇنۇمنىڭ نىكاھى گۇۋا، خانىم.-دېدى روزىنىساھان سەمىمىيەت بىلەن مېنىڭ سۆزۈمگە جاۋابەن.

نامراتلىق ۋە نادانلىق بۇ ئايالنىڭ نورمال تەپەككۈر ئىقتىدارىنى بۇزۇپ، ئۇنى كىيىم-كېچەك ۋە يېمەك-ئىچمەكتىن باشقىنى ئويلىيالمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغان. ئۇنىڭ ئىنسانلىق قەدىر قىممىتىنى، ئانىلىق غورۇرىنى نابۇت قىلغان. تۇماخان، روزىخانلار ئازراقلا ئىزدىنىپ كۆرسە، ئەقىل –پاراسىتىنى ئىشقا سالسا، ئۆزىنىڭ ئىنسانلىق قەدىر قىممىتىنى ۋە ئانىلىق غورۇرىنى ئەسلىگە كەلتۈرىۋالالايتتى. چۈنكى تارىختا دەل روزىخان ياشىغان مۇشۇ يۇرتتا گۈلەم ئاتلىق بىر دېھقان قىزى ئۆتكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىگە تايىنىپ ئاددىي پالاستىن گېلەم ئىجات قىلغانلىقى ئۈچۈن، شۇ چاغدىكى خوتەن شاھىنىڭ تارتۇقلىشىغا ئېرىشكەن. شۇنىڭ بىلەن گىلەم گۈلەم ئاتلىق ئاشۇ قىزنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپ، كېيىنچە “گىلەم” دېگەن نام بىلەن ئۆزلىشىپ قالغان.

مۇشۇ يۇرتتا بائىمىخان ئىسىملىك يەنە بىر ئايالمۇ بار. ئۇ بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا لوندۇندا ئېچىلغان خەلقئارالىق مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىدە ئۆزىنىڭ گىلەم توقۇش ماھارىتىنى كۆرسىتىپ، چەتئەللىكلەرنى ھايرەتتە قالدۇرغان. مەملىكىتىمىزگە شان-شەرەپ كەلتۈرگەن، ئۇيغۇر مىللىتىنى دۇنياغا يەنە بىر قېتىم تونۇتقان ئىدى.

روزىخان بائىمىخان بىلەن بىر زاماندا، بىر ماكاندا ياشاۋاتىدۇغۇ؟ ئەمىسە بۇ ئىككى ئايالنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ھاڭ نېمانچە كەڭ؟ پەرق نېمانچە چوڭ؟ بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە نادانلىق ۋە نامراتلىق بولۇپ، نامراتلىق روزىنىساخان، تۇماخانغا ئوخشاش بىر قىسىم ئاياللىرىمىزنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارىنى پاترىئارخاللىق تۈزۈم دەۋرىدىكى ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنى، رولىنى تولۇق تونۇپ يېتەلمىگەچكە، ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىغا، ئەقىل پاراسىتىگە تايىنىپ ياشاشنىڭ ئورنىغا ئاياللىق ئالاھىدىلىكىگە تايىنىپ ياشاشنى ۋاسىتە قىلغان. نەتىجىدە، ئۆزلىرىگە مەنسۇپ بولغان ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي ھوقۇقتىن ۋاز كېچىپ، ئىپتىدائىي دەۋردىكى ئاياللارنىڭ روھىي ھالىتىنى ئۆزىگە زورلاپ تاڭغان. ئاخىرىدا ھازىرقى دەۋردىكى دۆلەت، مىللەت، جىنس، ياش پەرقى چەكلەنمەيدىغان رىقابەت دەۋرىگە ماسلىشالمىغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم ئاياللار ئۆزلۈكىدىن چىرىپ، دەۋرنىڭ ئەخلەتلىرىگە ئايلىنىپ قالغان. بىز كۆپرەك تەدبىر قوللىنىپ، بىلىم ۋە مەرىپەت يولى ئارقىلىق بۇنداق ئەخلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىدىن داۋاملىق پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالالماسمىزمۇ؟

مەن روزىخان بىلەن پاراڭلىشىپ بولغاندىن كېيىن قاراقاش ناھىيىلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ كادىرلىرىنىڭ ياردىمىدە ئۈچ يېزىدا ئارىلاپ تەكشۈردۈم. بۇ ئۈچ يېزىدىكى ئاياللارنىڭ 80%ئى ئىككى قېتىمدىن ئون قېتىمغىچە نىكاھلانغانلار بولۇپ، بىر قېتىملا نىكاھلانغانلار پەقەت 20% نىلا ئىگىلەيدىكەن. ھەتتا شۇ 20% ئائىلىنىڭ ئاز بىر قىسمىدىمۇ ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇزۇلۇش ئېھتىمالى بار ئىكەن. بۇ ئۈچ كەنتتىكى ئاياللارنىڭ 38% ساۋاتسىز بولۇپ، يېزا بويىچە ئوقۇپ ئوتتۇرا تېخنىكومغا بارالىغان ياكى ئوقۇپ خىزمەتكە ئورۇنلىشالىغانلاردىن بىرىمۇ يوق ئىكەن

مەن يۇقىرىدىكى كۆرۈنۈشلەرنى كۆڭۈل خاتىرەمگە سىزىپ بولغاندىن كېيىن، ئىختىيارسىز ھالدا ئالقىنىمدا ئىڭىگىمنى يۆلەپ، ئۆزۈمنى ئورۇندۇقنىڭ يولەنچىكىگە تاشلىدىم. شۇ تەقلىدتە كۆزۈمنى قەغەزدىن ئۈزمەي بىر ھازاغىچە ئولتۇرۇپ قالدىم. كۆڭلۈم بۇزۇلدى. كۆزۈمگە ياش تولۇپ كۆز ئالدىم خىرەلەشتى. ئامانگۇل، قىمارۋازنىڭ خوتۇنى، تۇرانقىز، تۇماخان ۋە روزىنىساخانلار خىيالىمدا قايتا گەۋدىلەندى.

ئۇلار نېمە دېگەن ئاجىز؟ نېمە دېگەن بىچارە؟ ئۇلار نېمىشقا قانۇن ئارقىلىق قوغدالمايدۇ؟ ئاياللار ئەلمىساقتىن بېرى مۇشۇنداق خارلىنىپ، دەپسەندە قىلىنىپ ۋە تەقدىرگە تەن بېرىپ ياشاپ كەلگەنمۇ؟ مەن يەنە ئويلىدىم. تەپەككۇرىمنى قاناتلاندۇردۇم ۋە ئاخىرى زوراۋانلىق ئالدىدا باش ئەگمىگەن، باتۇر، ئەقىللىق ۋە بىلىملىك ئاياللارنىمۇ ئىزدەپ تاپتىم. ئۇلار خەلقنىڭ خاتىرىسىدىن ۋە قەدىمكى كىتابلارنىڭ قۇرلىرى ئارىسىدىن مېنىڭ ئالدىمغا “سەكرەپ” چۈشتى

مانا، سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن ئامانگۈللاردىن بىرى- شائىرە، مۇزىكانت ئاماننىساخان، ئۆزىنىڭ مۇزىكىدىكى بىلىمى ۋە تالانتىغا تايىنىپ ئون ئىككى مۇقامنى رەتلەپ توپلىغان ۋە ئۇنى بىزگە مىراس قىلىپ قالدۇرغان. ئۇيھگۇر قاراخانىلار شاھى ھەسەن تاۋغاچ بۇغراخاننىڭ قىزى- سالجۇقلار شاھىنىڭ خانىشى تۈركان خاتۇن ئۆزىنىڭ خانىشلىق ئۇنۋانى ۋە يۇقىرى بىلىم قابىلىيىتى بىلەن خانلىق ئىشلىرىغا ئارىلاشقان. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى جەڭلەردە قان چېچىلىشنى ئازايتىپ، ماسىلىلەرنى سۈلھى ۋە دوستانىلىق يولى بىلەن ھەل قىلىشنى تەكىتلاپ زور ئۇتۇقلارنى ياراتقان؛ قەدىمكى ئۇيغۇر شاھلىقىنىڭ ئايال پادىشاھى تۇمارىس ئۆز مەملىكىتىگە بېسىپ كىرگەن تاجاۋۇزچى خىسروۋنىڭ ھەر ھىل تەھدىتلىرىگە مەردانىلىك بىلەن تاقابىل تۇرغان ۋە ئاخىرىدا ئۇنى يېڭىپ “سەن ئۆمۈر بويى قانغا تويمىغان ئىدىڭ، ئەمدى قانغۇچە ئىچكىن”، دەپ ئۇنىڭ بېشىنى كېسىپ قان تولدۇرۇلغان كۈپكە چىلاپ قويغان

مەن يۇقىرىقىلارنى ھازىرقى زامان ئاياللىرى بىلەن سېلىشتۇرماقچى ئەمەسمەن. مېنىڭ مەقسىدىم بۇ زېمىندا مۇشۇنداق جاسارەتلىك ئاياللارنىڭمۇ ياشاپ ئۆتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ قويۇشتىنلا ئىبارەت

ئەمدى مەن ھازىرقى زاماندا ئاياللارغا ھەقىقى تەڭلىك، باراۋەرلىك ھوقۇقىنى بېرەلەيدىغان قانۇنغا مۇراجىئەت قىلدىم

-ھەي قانۇن، سەن شۇنچە مۇقەددەس ۋە قۇدرەتلىكسەن، سېنىڭ نامىڭ تىلغا ئېلىنغاندا ھەممە ئادەمنىڭ كۆڭلىدە ساڭا قارىتا ھۆرمەت ۋە ئىشەنچ تۇغۇلىدۇ. خەلق دۈشمەنلىرى سېنىڭ ئالدىڭدا لاغىلداپ تىترەيدۇ. مۆمىن پۇخرالار سەندىن كۈچ- قۇۋەت ئالىدۇ. سەن زوراۋانلارنىڭ ئەدىپىنى بېرىسەن، ئاجىزلارغا يار- يۆلەك بولىسەن. لېكىن ھازىر بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزدە سېنىڭ ھىمايەڭگە ئېرىشەلمەيۋاتقان، خورلۇق ۋە ئازابتىن يۈرىكى لەختە-لەختە قان ۋە زەرداپقا تولغان قانچىلىگەن ئاياللارنىڭ بارلىقىنى بىلەمسەن؟ ئۇلار سېنىڭ ئۆزلىرىگە باشپاناھ بولۇشىڭنى زارىقىپ كۈتمەكتە. ئۇلار سېنىڭ تېخىمۇ قۇدرەت تېپىشىڭنى، بارغانسېرى كۈچىيىشىڭنى ۋە مۇكەممەل بولۇشىڭنى ئارزۇ قىلماقتا. چۈنكى سەن، پەقەت سەنلا ئاياللارغا ھەقىقىي باشپاناھ بولالايسەن

مەن ئايالدىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ ئوبرازنى قەلبىمگە پۈكۈپ، ئۇلارنىڭ باخت سائادىتى، غورۇرى ۋە كۈلكىسى ئۈچۈن ئەقلىمنىڭ يېتىشىچە، شارائىتىمنىڭ يار بېرىشىچە ئىزدەندىم. شۇنداق قىلىپ ئارزۇ تىلەكلىرىم ۋە ئازابلىق كۆز ياشلىرىمنى قۇرلار ئارىسىغا سىڭدۈرۈپ، بۇ ئەدەبىي ئاخباراتىمنى يېزىپ پۈتتۈردۈم. مەن بىلىمەن، مېنىڭ بۇ ئەدەبىي ئاخباراتىم ئامانگۇلنىڭ ئازابلىرىنى يېنىكلىتەلمەيدۇ، تۇماخاننىڭ كۆز ياشلىرىغا بەرھەم بولالمايدۇ، قىمارۋازنىڭ خوتۇنىغا نىجاتلىق ئاتا قىلالمايدۇ. شۇڭا مەن يەنىلا ئەرلەرگە مۇراجىئەت قىلماقچى:

ھەي ئاتىلار، ئاكىلار، نەۋقىران يىگىتلەر، پالۋان قامەت ئەرلەر! سىلەر پۈتۈن كۈچۈڭلەر بىلەن ئاياللارغا يار -يۆلەك بولۇڭلار! ئاياللارنى ھۆرمەتلەڭلار، قەدىرلەڭلار! چۈنكى ئايال – سىلەرنىڭ ئاناڭلار، مەشۇقۇڭلار، ساھىپجامالىڭلار، ئۇ سىلەرنىڭ قېرىنداش ئاچاڭلار، سىڭلىڭلار ۋە قىزىڭلار، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئاتىلىق، ئاكىلىلىق، ئۇستازلىق، خىزمەتداشلىق ۋە ئەرلىك مەجبۇرىيىتىڭلارنى ئادا قىلىڭلار! ئۇلارنى ياۋۇز كۈچلەرنىڭ ھۇجۇمىدىن ۋە پىتنە –پاساتلاردىن قوغداڭلار، ئامانگۈل ۋە تۇماخانغا ئوخشاش ئاجىزلارنى تەگسىز خاڭنىڭ ئاغزىدىن تارتىۋېلىڭلار! ئەنە شۇنداق قىلغاندىلا مىللەت تەرەققى تاپىدۇ، كۈچىيىدۇ. ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىدا، دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىك قاتلاملىرى ئىچىدە، دۇنيا ئالىملىرى قاتارىدا كۆپلەپ بادام دوپپىلىق، شەھلا كۆزلۈك ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى كۆرەلەيسىلەر

بۇ ئەدەبىي ئاخباراتىمنى ئەمدى ئاياغلاشتۇرىمەن. ھۆرمەتلىك كىتابخان، بۇ سۇئاللار بىلەن تولغان ئېچىنىشلىق كارتېنىلاردىن سىز نېمىنى ھېس قىلدىڭىز؟ بۇ بەختسىزلىككە ئۇچرىغان ئاياللارنىڭ ئاھ- پەريادى! ئەلۋەتتە بۇنىڭدىكى سۇئاللار تولىمۇ قايغۇلۇق. بۇ سۇئال بەلگىلىرىنىڭ ھەر بىر سىزىقىدىن ئاياللارنىڭ كۆز ياشلىرى تامچىلاپ تۇرۇپتۇ. سۆيۈملۈك ئوقۇرمەنلەر، يۈرىكىڭلارنى قولۇڭلارغا سېلىپ بېقىڭلار، مۇشۇ دەقىقىدە ئۇ نېمە دەۋاتىدىكىن؟ سۇئاللارغا قانداق جاۋاب بېرىۋاتىدىكىن؟

خاتىمە

مان قايتىدىن ۋېناس ھەيكىلىدىن بىرنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن كوچا ئارىلاپ يۈردۈم. نېمىشقىدۇر بۇ نۆۋەت ئۇنى ئۇچرىتالمىدىم. ئالدىمدا “يىغىۋېلىش ئورنى”نىڭ كىچىك ئاق ئاپتوبۇسى ئۆتۈپ كەتتى. ئاپتوبۇس ئەينىكىدىن ئاپتوبۇس ئىچىدىكى ئاياللارنىڭ تەلۋىلەرچە مەنىسىز ھىجىيىشلىرىنى كۆرۈپ، مېنى قايتىدىن خىيال باستى. دەل شۇ چاغدا 12 ياشلار چامىسىدىكى ئاق سۈزۈك يۈزلۈك ، كىيىملىرى جۇل- جۇل بولۇپ كەتكەن بىر قىزنىڭ ئىنچىكە، قانسىز بارماقلىرىنى ماڭا ئۇزارتىپ تۇرغانلىقىنى كۆردۇم.

-چىرايلىق ئاچا، ماڭا بىرەر موچەن بەرسىلە، سىلىگە خۇدايىم بېرەر، ئوبدان ئاچا

مەن “ئاھ!”دېگىنىمچە يىراقلارغا تىكىلدىم. ھېلىقى “يىغىۋېلىش ئورنى”نىڭ بىناسى يەنە كۆزۈمگە چېلىقتى.

ئۇنىڭ ئۆگزىسىگە پېتىۋاتقان قۇياشنىڭ قاندەك قىپقىزىل نۇرى چۈشۈپ تۇراتتى

ئۈرۈمچى. 1989 –يىل

ياشلار ئۆسمۈرلەر نەشرىياتىدا  1993- يىلى نەشىر قىلىندى

مەنبە

Wénas Heykilige Qarap Oylighanlirim

Share
2760 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.