logo

trugen jacn

ۋىتنام-خىتاي چگىرىسىدا ئەتىپ ئۆلتۈرلگەنلەر ئۇيغۇرلار

Witnam Uyghur

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە ۋىتنام-خىتاي چىگىرىسىدا ئۆلتۈرۈلگەن (جۇڭگو پۇخراسى دىيىلگەن) كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىگى ئاشكارىلاندى. 2014.يىلى 4.ئاينىڭ 18.كۈنى كۈندۈزسائەت  11 دە 16 نەپەر ئۇيغۇرنى ۋىتناملىقلار خىتايغا تاپشۇرۇپ بىرىش رەسمىيىتىنى بىجىرىۋاتقان ۋاخىتتا تۇتقۇن ئۇيغۇرلار بىلەن ۋىتناملىق  ئەسكەرلەر ئارىسىدا تۇيۇقسىز ئەتىشىش باشلىنىپ كەتكەن.ۋىتناملىقلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا؛ ئۇيغۇرلار 4.ئاينىڭ 16.كۈنى خىتاي چىگرا قوغدۇغۇچى قىسىملارنىڭ قوغلىشىغا تۇتۇق بەرمەي ساق-سالامەت ۋىتنام چىگىرىسى ئىچىگە كىرىۋالغان خىتاي چىگرىسىدىن قەچىپ ئۆتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ كەلگەن خىتاي ئەسكەرلىرى ۋىتنام چىگىرىسىدىن كىرەلمەي توختاپ قالغان ۋە دەرھال قاچاق ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بىرىشنى تەلەپ قىلغان.ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ چىگىرىدا خىتايغا تاپشۇرۇپ بىرىش رەسمىيىتى بىجىرىلىۋاتقاندا،بىر ئۇيغۇر ۋىتنام ئەسكىرىنىڭ قولىدىكى مىلتىقنى تارتىۋەلىپ ئەسكەرنى ئەتىۋەتكەن.باشقا ئۇيغۇرلارمۇ،خىتاينىڭ قولىغا چۈشكەندىن ئەتىشىپ ئۆلۈپ كىتىش نىيىتىدە ۋىتنام ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلغان.قولىدا قۇرال بولمىغان ئۇيغۇرلاردىن 7 نەپىرى ۋىتناملىق  ئەسكەرلەر تەرىپىدىن نەخ مەيداندا ئەتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ۋىتناملىق 1 ئەسكەر ئۆلگەن 5 نەپىرى يارىدار بولغان،بىر نەپەر يارىدار قۇتقۇزىۋەلىنالماي ئۆلگەن

çatışma yeri

خىتايلارنىڭ بەزى مەنبەلىرى شۇنداق يازغان؛،قايتۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرغان ئۇيغۇرنىڭ سانى 20 نەپەر.ئىتىشىش ,    رەسمىيەتنى بىجىرىپ بولۇپ خىتاي چىگىرىسى تەرەپكە ئەلىپ ماڭغاندا  يۈزبەرگەن . ۋىتنام ئەسكەرلىرىنىڭ قولىدىكى قۇرالنى تارتىۋەلىشقا ئۇرۇنغان 5 نەپەر ئۇيغۇر ئەتىپ ئۆلتۈرۈلگەن
خىتاينىڭ دۆلەتلىك ئاخباراتىدا بۇ ۋەقە توغرۇلۇق ھىچقانداق مەلۇمات يوق
ۋىتنامدا ساق قالغان ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ كونتىروللىغىدا بولغىنى ئۈچۈن ئۇلاردىن ھەر قانداق بىر خەۋەرگە ئىرىشىش ھازىرچە مۇمكىن بولمىدى

مەنبە

博讯

13557194764272819994

Share
3707 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.