logo

trugen jacn

ۋىتناملىقلار يەنە 21 ئۇيغۇرنى تۇتۇۋالدى

Witnam Uyghur

 

ۋىتنام دۆلەت ئاخباراتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە 2014.يىلى 4.ئاينىڭ 20.كۈنى (يەكشەنبە) 21 نەپەر ئۇيغۇر ۋىتنامنىڭ دەڭىز تەۋەسىدىن ۋىتنام قۇرۇقلىقىغا چىققان.خىتاي تەرەپ ۋىتناملىقلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ بىر توپ خىتاي پۇخراسى ئۇيغۇرنىڭ ۋىتنام چىگىرىسى ئىچىگە قەچىپ كىرىۋالغانلىغىنى خەۋەر قىلغاندىن كىيىن،ۋىتنام چىگرا قىسىملىرى ئۇيغۇرلارنى ئىزدەپ تاپقان
Uygur
ۋىتنام مەتبۇاتلىرى،4.ئاينىڭ 16.كۈنى  ۋىتنام تەۋەلىگىگە قاچاق كىرگەن 16 نەپەر ئۇيغۇر توغرۇلۇقمۇ خىتاي تەرەپ خەۋەر بەرگەندىن كىيىن،خىتاينىڭ كۆرسەتكەن مەنزىلدىن ئۇيغۇرلارنى ئىزدەپ تاپقانلىغى ۋە خىتاينىڭ تەلىۋى بىلەن ئۇلارنى قايتۇرغانلىغىنى،ئۆلتۈرۈلگەن 5 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ جەسىدىنىمۇ تىرىكلەر بىلەن قوشۇپ خىتايغا بەرگەنلىگىنى يازدى

رويتەس خەبەر ئاگىنىتلىغى،ۋىتنامدا 18.چىسلا قايتۇرۇلغان تىرىك ۋە ئۆلۈك 16 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ 10 نەپىرى ئەركەك،4 نەپىرى ئايال ( ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھامىلدار ئاياللارمۇ بار) 2 كىچىك بالا بار ئىكەنلىگىنى خەۋر قىدى

ئۆتكەن ھەپتە تايلانت چىگرا مۇداپىيە قىسىملىرى 14 ئۇيغۇرنى تۇتۇۋالغان بولۇپ،ئۇلارنىڭ ئىچىدە 6 نەپەر كىچىك بالا،3 نەپەر ئايال بار ئىدى

يەكشەنبە كۈنى ۋىتنامدا تۇتۇۋەلىنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھازىرچە تەپسىلى مەلۇمات يوق

خىتاي چىگىرا مۇداپىيە قىسىملىر ئۇيغۇرلارنى كۆرمەسكە سەلىپ ئۆز چىگىرىسىدىن خىتاي ئادەم بىدىكلىرىنڭ قولى بىلەن چىقىرىۋەتكەندىن كىيىن،دەرھال ئۇيغۇرلار ئۆتۈپ كەتكەن دۆلەتكە ئۇلارنى پاش قىلىپ قويىشى كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان بىر ئەھۋال

Share
2588 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.