logo

trugen jacn

ۋودروۋ ۋىلسون مەركىزىنىڭ سوۋېت ئارخىپلىرى ئامبىرىدا ئەلىخان تۆرىنىڭ خېتى ئورۇن ئالدى

528201524210

ئامېرىكىدىكى ۋودروۋ ۋىلسون مەركىزىنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەتقىقات پروگراممىسى بويىچە تەييارلانغان بىر قىسىم سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مەخپىي ئارخىپ ھۆججەتلىرى ئامبىرىغا 1934-يىلىدىن 1949-يىللارغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئۇيغۇر دىيارىغا ئائىت سوۋېت ئارخىپ ھۆججەتلىرىمۇ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە مەلۇم سالماقتىكى ھۆججەتلەر 1944-1949-يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب دەۋرىگە مۇناسىۋەتلىكتۇر. ئەنە شۇ ھۆججەتلەر قاتارىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ئەلىخان تۆرىنىڭ 1945-يىلى، 22-ئاپرىل كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى ستالىنغا يازغان مەخسۇس خېتىمۇ ئورۇن ئالغان.

سوۋېت ئارخىپ ھۆججىتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، مەزكۇر خەت ئەلىخان تۆرە تەرىپىدىن تۈركىي تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، ئالدى بىلەن غۇلجىدىكى 2-دوم ۋەكىللىرى ئارقىلىق تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارى لاۋرېنتى بېرىياغا يەتكۈزۈلگەندىن، بېرىيا خەتنى ستالىن ۋە مولوتوۋغا يەتكۈزۈپ بەرگەن.

خەت ئاخىرىغا «ئەلىخان تۆرە شاكىرجان» دېگەن ئىمزا قويۇلغان بولۇپ، ئەلىخان تۆرە ئۆزىنىڭ بۇ قىسقا خېتىدە ستالىننىڭ بەرگەن ياردەملىرىگە رەھمەت بىلدۈرگەن ھەمدە ئۇنىڭدىن تېخىمۇ زور يادەملەرنى كۈتۈش ئۈمىدى ئىزھار قىلىنغان.

ئەلىخان تۆرە ستالىنغا خەت ئەۋەتكەن ۋاقىت ئىلى ۋىلايىتى تولۇق ئازاد بولغان ۋە مىللى ئارمىيە قۇرۇلۇپ، پۈتۈن شىمال، شەرق ۋە جەنۇبىي يۆنىلىشلەر بويىچە ھەربىي ھەرىكەت باشلاش ئىشەنچىسى كۈچەيگەن پەيت ئىدى.

ھازىرغىچە مەلۇم بولغان مەخپى ھۆججەتلەرگە كۆرە ئەلىخان تۆرىنىڭ سوۋېت ئالى رەھبەرلىرىگە يازغا ئۈچ پارچە خېتى ھەققىدە ئۇچۇر بار.

ۋودروۋ ۋىلسون مەركىزىنىڭ ئارخىپ ئامبىرىدا يەنە غۇلجىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى خادىملىرى، جۈملىدىن سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارىياتىنىڭ يۇقىرى دەرجىلىك ۋەكىلى گېنېرال مايور ۋلادىمىر ستېپانوۋىچ يېگناروۋنىڭ بىر قىسىم دوكلاتلىرىمۇ ئورۇن ئالغان. ئەلۋەتتە، يەنە كۆپلىگەن مەخپىي ھۆججەتلەر تېخى بۇ جايغا توپلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولمىغان

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/elixan-tore-11062016230215.html

Share
2373 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.