logo

trugen jacn

ۋال ستىرېت ژۇرنىلى گېزىتى بىر خىتاي شىركىتىنىڭ ئاقسۇدىكى بىر لاگېر يېنىدا زور كۆلەملىك زاۋۇت قۇرۇپ، تۇتقۇنلارنى ئىشقا سالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى

The world street ile ilgili görsel sonucu

ئامېرىكىنىڭ «ۋال ستىرېت ژۇرنىلى» گېزىتى 16‏-ماي كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ، «خۇئافۇ مودا شىركىتى» ناملىق بىر خىتاي پاختا توقۇمىچىلىق گۇرۇھىنىڭ ئاقسۇدىكى بىر لاگېرنىڭ يېنىدا زاۋۇت قۇرۇپ، تۇتقۇنلارنى ئىشقا سېلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. مەزكۇر گېزىتنىڭ خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، يەرلىك دائىرىلەر چوڭ كۆلەملىك «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ تونۇشتۇرغان بۇ ئورۇن 2017‏-يىلى 12‏-ئايدا قۇرۇلغان ئىكەن. خەۋەردە، ئۇنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئارىلاشما رەڭلىك پاختا توقۇمىچىلىق فابرىكىلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. 

يېقىندا «ۋال ستىرېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ئاقسۇنى زىيارەت قىلىپ، بۇ ئورۇندىكى بەزى تەربىيەلەنگۈچىلەر ۋە يەرلىك دائىرىلەر بىلەن سۆزلەشكەن. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، يەرلىك دائىرىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ فابرىكىدا ئىشلەيدىغان سۈبھىنۇر غوجام ئىسىملىك 20 ياشلىق بىر ئۇيغۇر قىزى ئۆزىنىڭ بۇ ئورۇنغا «تەربىيەلەش مەركىزى» دىن كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ئۆزىدە بۇرۇن رادىكال ئىدىيە بارلىقىنى، لېكىن ھازىر ئۇنىڭدىن قۇتۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ «ۋال ستىرېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ تۇنجى قېتىم خىتاي توقۇمىچىلىقى كارخانىلىرىنىڭ لاگېر يېنىغا زاۋۇت قۇرۇپ، لاگېردىكى تۇتقۇنلارنى مەجبۇرىي ئىشقا سېلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلىشى ئەمەس. ئۇ ئۆتكەن يىلى خىتاي «تەيدا» توقۇمىچىلىق ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ خوتەندىكى بىر لاگېر يېنىدا زاۋۇت قۇرۇپ، تۇتقۇنلارنىڭ ئىشقا سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان. «تەيدا» شىركىتىنىڭ خوتەندىكى زاۋۇتىدىن كىيىم-كېچەك ئىمپورت قىلغان ئامېرىكىدىكى «باجېر تەنتەربىيە كىيىملىرى» شىركىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن كىيىم-كېچەك ئىمپورت قىلىشنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان. «ۋال ستىرېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارنى لاگېرلارغا قاماپ، ئۇلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشى ئادىداس، ھېننېس ۋە مائۇرىتېس، كرافتىز ھېينېس، گەپ ۋە كوكا كولادەك رايون بىلەن سودا ئالاقىسى بار چوڭ خەلقئارا شىركەتلەرنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويماقتىكەن.

https://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/wal-street-05172019173654.html
Share
1818 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.