logo

trugen jacn

ۋالل سترېت ژۇرنىلى;دا ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە ئىلھام توختى ئالاھىدە تىلغا ئېلىندى

el-profesor-ilham-tohti-en-su-casa

مېھرىبان

ئامېرىكىدا چىقىدىغان خەلقئاراغا مەشھۇر «ۋالل سترېت ژۇرنىلى»دا 6-يانۋار ئېلان قىلىنغان «خىتاي ئىمپېرىيىسىنىڭ چېگراسىدا ئوت كۆيمەكتە» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە، ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە ئىلھام توختى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ، بۇ مەسىلىلەرنىڭ خوڭكوڭ ۋە تەيۋەن مەسىلىسىگە قوشۇلۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

مۇخبىر داۋىد فېئىتخ تەرىپىدىن يېزىلغان ماقالىدە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بۇلتۇر فىرانسىيەگە قىلغان زىيارىتىدە «تىنچ مۇھىت يارىتىش»نى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئەمما 2014-يىلنىڭ خىتاي ئۈچۈن ئەڭ تىنچسىز يىل بولغانلىقى بايان قىلىنغان.

ماقالىدە يەنە 2014-يىلى 2 ئاي داۋاملاشقان خوڭكوڭلىقلارنىڭ دېموكراتىك سايلام ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىش نامايىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشىغا قارىتا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ ۋەقەلەرنىڭ خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىگە بولغان نارازىلىقلاردىن كېلىپ چىققانلىقىغا ئائىت قاراشلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى قاتارلىقلار ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئىلھام توختى ئەپەندى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلاردا ھەر خىل ئانالىز ماقالىلىرى ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئېلان قىلىندى ۋە بېيجىڭنىڭ بۇ ھەرىكىتى تەنقىد قىلىنغان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghur-weziyiti-01062015154453.html

Share
1527 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.