logo

trugen jacn

ۋاشىنگتون پوچتىسى; گېزىتىنىڭ باش ماقالىسى: بىز بۇ رەھىمسىزلەرچە ئېتنىك تازىلاشقا قاراپ تۇرالمايمىز

بۈگۈن، يەنى 15-ئاۋغۇست كۈنى «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ تەھرىراتى باش ماقالە ئېلان قىلىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا داۋام قىلىۋاتقان ئېغىر ۋەزىيەت ھەققىدە پوزىتسىيە ئىپادىلىگەن.

«بىز بۇ رەھىمسىزلەرچە ئېتنىك تازىلاشقا قاراپ تۇرالمايمىز» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بۇ باش ماقالىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 18 ئايدىن بۇيان بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ لاگېرلارغا سولانغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنى ئىنتايىن مەخپىي يوسۇندا ئېلىپ بارغانلىقى، ئەپسۇسلىنارلىقى دۇنيانىڭ بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن ئانچە دىققەت قىلمىغانلىقى ۋە سۇس ئىنكاس قايتۇرغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

مەزكۇر باش ماقالىدە تېگىشلىك جازاغا تارتىلمىغان خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىنىڭ ئاخىرى ب د ت دا سوئالغا دۇچ كەلگەنلىكى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنجى قېتىم بۇ ھەقتە جاۋاب بېرىشكە مەجبۇر بولغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. باشقا ماقالىدا يەنە خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ خۇددى تەخمىن قىلىنغاندەك ئۇيغۇر دىيارىدا بۇ خىل لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ماقالىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئېتنىك تازىلاش ۋە باستۇرۇش قىلمىشلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە بېرمادىكى روھىنگا مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان باستۇرۇشلاردىن قېلىشمايدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ باش ماقالىدە يەنە پرېزىدېنت ترامپنىڭ ئامېرىكىلىقلاردىن باشقا كىشىلەرنىڭ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرى مەسىلىسىگە پەرۋا قىلمايۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىگەن. باش ماقالىنىڭ ئاخىرىدا ئەگەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتمىسە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بۇ مەسىلىنى كۆتۈرۈپ چىقىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئادەتتە غەرب ئاخباراتلىرىدا تەھرىرات نامىدىن بېرىلىدىغان باش ماقالە بەزىدە مۇھىم ۋەقەلەرگە قارىتا دىققەت تارتىش ئۈچۈن، بەزىدە بولسا مۇھىم ۋەقەلەرگە قارىتا مەزكۇر ئاخبارات ئورنىنىڭ مەيدانىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بېرىلىدۇ.

بۈگۈن يەنە كانادانىڭ مەشھۇر ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن «يەر شارى ۋە پوچتا» گېزىتىمۇ باش ماقالە ئېلان قىلىپ، ئەگەردە خىتاينىڭ ب د ت دا قىلغان سۆزلىرى ۋە سورالغان سوئاللارغا بەرگەن جاۋابلىرى راست بولسا، خەلقئارا تاراتقۇلار بىلەن مۇستەقىل تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا بېرىشىغا يول قويۇشى لازىملىقى ئوتتۇرىغا قويغان.

مەزكۇر باش ماقالىدە يەنە كانادا ھۆكۈمىتىنى ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتايغا قارىتا داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىشكە دەۋەت قىلىنغان.

https://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghur-mesilisi-08152018174515.html

Share
1451 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.