logo

trugen jacn

ۋاشىنگتون پوچتىسى: «شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقانلار ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر»

ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن بولغان «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقانلارنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىدى. مەزكۇر گېزىت 6-ئىيۇن كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى ھەققىدە ئېلان قىلغان تەھرىرات ماقالىسىگە «شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقانلار ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر» دەپ ماۋزۇ قويغان.

ماقالىدە مۇنۇلار بايان قىلىنغان: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا قىلىۋاتقان زىيانكەشلىكى ھەققىدە مەلۇم بولغانلار ھازىرغىچە پەقەت مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا مەركەزلەشكەنىدى. يەنى، جازا لاگېرلىرى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تىلى، ئەنئەنىسى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى يوقىتىلماقچى بولدى، دېيىلدى. مانا مۇشۇنىڭ ئۆزىمۇ يېتەرلىك دەرىجىدە رەھىمسىزلىك ئىدى. ئەمما يېقىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ھالدا تۇغماس قىلىش ۋە نوپۇسنى ئازايتىشنى مەقسەت قىلغان باشقا تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق نوپۇس قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى توغرىسىدا يېڭى پاكىتلار ئوتتۇرىغا چىقتى.»

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى تەھرىرات ماقالىسىدە، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتى ۋە تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنزنىڭ يېڭى تەتقىقات دوكلاتىدا ئاشكارىلانغان پاكىتلارنىمۇ تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ: «يېڭى پاكىت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، خىتاي سىستېمىلىق ھالدا ھامىلىدارلىقنى تەكشۈرۈش، بالىياتقۇغا چەكلەش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىش، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ھەتتا بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيىسىلىرىنى مەجبۇرىي ئىشلىتىپ، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ نوپۇسىنى ئازايتقان» دېگەن.

ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆپ بالىلىق بولغانلارنى جازا لاگېرلىرىغا قامىغانلىقى، ئاقىۋەتتە ئۇيغۇرلار ئەڭ زىچ بولغان قەشقەر ۋە خوتەندىن ئىبارەت ئىككى ۋىلايەتنىڭ نوپۇسىدىكى ئۆرلەش نىسبىتىنىڭ 2015-2018 غىچە 60 پىرسەنت تۆۋەنلىگەنلىكىدەك پاكىتلاردىن مىسال بەرگەن.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» تەھرىرات ماقالىسىدە خىتاينىڭ بۇ قىلغانلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا بېرىلگەن ئىزاھاتلارغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «يېڭىدىن ئاشكارىلانغان بۇ مەلۇماتلار خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ بۇ ۋەھشىيلىكى ئۈچۈن بېسىمغا ئۇچرىشىنى يەنىمۇ تەخىرسىز قىلدى. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ۋاسىتىلەر 1948-يىلى ئېلان قىلىنغان ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش ئەھدىنامىسى› دا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا بېرىلگەن ئىزاھاتلارغا چۈشىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭغا ‹مەلۇم بىر توپلۇمنىڭ كۆپىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش، › دېگەن تۈرمۇ كىرگۈزۈلگەن» دەپ يازغان.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» تەھرىرات ھەيئىتى ماقالىسىنى تۆۋەندىكى جۈملىلەر بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان: «پرېزىدېنت ترامپ شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە مەسئۇلىيىتى بار، دەپ قارالغان شەخسلەرگە قارىتا جازالاش تەدبىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جازا قانۇنىغا ئىمزا قويدى. ئەمما خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى ئىنتايىن قاتتىق ئەيىبلەشكە تېگىشلىككى، ئۇ كىشىدە خىتاينىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ساھىبخانىلىقىنى قىلىشىغا يول قويۇش كېرەكمۇ-يوق؟ دۇنيادىكى تەنتەربىيە ساھەسى نېمە ئۈچۈن ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان بىر دۆلەتنى بۇنداق بىر شەرەپكە لايىق كۆرىدۇ، دېگەندەك سوئاللارنى پەيدا قىلماي قالمايدۇ».

https://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/washington-pochtisi-07072020141012.html

Share
6694 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.