logo

trugen jacn
10 ئىيۇن 2014

ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئىلىم-مەرىپەت ساھەسىدىكى تۇلپارلار بىلەن ئۇچراشتى

ilmiy-tetqiqat-yighini-alimlar
ئىرادە

6-ئاينىڭ 7-كۈنى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى شتاتلاردا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى ئۆزلىرىنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئالىم-مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلار بىلەن سۆھبەتتە بولدى. ئىلىم-پەن ساھەسىدە بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھازىر ئامېرىكىدىكى مۇھىم ئورۇنلاردا، مۇھىم تەتقىقات ساھەلىرىدە خىزمەت قىلىۋاتقان دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ باشچىلىقىدىكى ئالىم-مۇتەخەسسىسلەر قاتناشقان بۇ يىغىن، ئامېرىكىدا ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ۋە شۇنداقلا ئامېرىكىغا ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەن ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنى يېتەكلەيدىغان، ئۇلارغا مەدەت-ئىلھام بېرىدىغان ئەھمىيەتلىك بىر سورۇنغا ئايلاندى

تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئىرادە سىلەرگە بۇ پائالىيەت ئەھۋالىدىن تەپسىلىي مەلۇمات بېرىدۇ

894a2a40-27e0-4659-ab16-91e7fc17a236

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، 6-ئاينىڭ 7-كۈنى شەنبە، ۋىرجىنىيە شتاتىدىكى مېررىيات مېھمانخانىسىنىڭ يىغىن زالىدا ئۇيغۇر ئالىم-مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ۋە بۇ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش جەريانىدا بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىلىرى ھەققىدە دوكلات بېرىش، ياش ئەۋلادلار بىلەن ئۇچرىشىش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ۋاشىنگتون ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى شتاتلاردا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار جۈملىدىن ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار، بالىلار ۋە ياشلار بىلەن لىق تولغان يىغىن زالى قىزغىن كەيپىياتقا چۆمگەن ئىدى. مەزكۇر يىغىندا ئامېرىكىدا ھەر ساھەدە ئوقۇپ، بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن، دۇنياغا داڭلىق بىئولوگىيە ئالىمى دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ، ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى ئىدارىسى ناسانىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور ئەركىن سىدىق، ئامېرىكىدىكى دورا تەتقىقات بىرلەشمە ئىدارىسى راك كېسەللىكلىرى تەتقىقات تارمىقىنىڭ يېتەكچىسى دوكتور رىشات ئابباس، ئامېرىكا كالىفورنىيە شتاتلىق ئانتىلوپ ۋەللېي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا پروفېسسورى دوكتور تاشپولات روزى، ئامېرىكا ۋېللىس فارگو بانكىسىنىڭ مالىيە مەسلىھەتچىسى دوكتور گۈلناز ئابدۇقادىر، يۇتا شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى ئېلىكتېر ئىنژېنېرلىقى فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى دوكتور رەيھان بەكتۇر ۋە شاكىر شەمسى قاتارلىق ئالىم-مۇتەخەسسىسلەر تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشتى. يىغىن ۋاشىنگتون ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 1:00 دە رەسمىي باشلاندى. يىغىن باشقۇرغۇچىسى ئابدۇراخمان ئابلىمىت ئەپەندى بۇ نۆۋەتلىك يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇش مەقسەتلىرىنى ۋە يىغىننىڭ كۈن تەرتىپىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. كېيىن ئابدۇراخمان ئەپەندى بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇش، تەشكىللەش ئىشلىرىدا كۈچ چىقارغان ئامېرىكا مېلۋېىس شىركىتىنىڭ سانلىق مەلۇمات مۇتەخەسسىسى تۇغلۇق ئابدۇرازاق ئەپەندى ئېچىلىش سۆزىنى قىلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.

تۇغلۇق ئەپەندىنىڭ سۆزى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن سەھنىگە دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ ئەپەندى تەكلىپ قىلىندى. قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە سەھنىگە چىققان شۆھرەت ئەپەندى يىغىن ئەھلىگە ئۆزىنىڭ ئىنسان تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسى ئۈستىدىكى تەتقىقاتى ۋە ھازىرغىچە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلىرى ئۈستىدە تونۇشتۇرۇش بېرىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى «2013-يىللىق مېدىتسىنادىكى 10 چوڭ بۆسۈش» نىڭ بىرى دەپ ئېلان قىلىنغان. ئۇ شۇنداقلا يەنە ئەنگلىيەدىن چىقىدىغان دۇنياغا داڭلىق تەبىئىي پەن ئىلمىي ژۇرنىلى «تەبىئەت» ژۇرنىلى تەرىپىدىن «بۇ يىللىق تەسىرى ئەڭ زور 10 ئالىم» نىڭ بىرى، دەپ باھالانغان ئىدى

ilmiy-tetqiqat-yighini-zal

شۆھرەت مۇتەللىپ ئەپەندىنىڭ دوكلاتى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، سەھنىگە ئۇيغۇرلارغا تونۇشلۇق بولغان، ئالىم ئەركىن سىدىق ئەپەندى تەكلىپ قىلىندى. ئەركىن سىدىق ئەپەندى ئۆزىنىڭ ناسادىكى تەتقىقات ساھەسى ۋە ھازىر ئامېرىكىنىڭ ئالەم بوشلۇقى تەتقىقاتى ساھەسىدە قولغا كەلگەن نەتىجىلەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى. ئۇ، ئۆزىنىڭ قانداق جاپالىق شارائىتلاردا تىرىشىپ ئوقۇپ، ھازىرقى ئورۇنغا كەلگەنلىكىنى، ھازىرقى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئامېرىكىدا چوڭ بولۇۋاتقان، بۇ يەرگە ئوقۇغىلى كەلگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بۇ ئەۋزەل شارائىتلاردىن قانداق پايدىلىنىپ تۇرۇپ ئوقۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتى.

ئارقىدىن كۈن تەرتىپ بويىچە، دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى سەھنىگە چىقتى. رىشات ئابباس ئەپەندىمۇ ئۆزى ئىشلەۋاتقان راك كېسەللىكلىرىگە قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنى داۋالاش دورا تەتقىقاتى جەھەتتىكى يېڭى ئۇچۇرلاردىن يىغىن ئەھلىنى خەۋەردار قىلدى. ئۇ ھازىر بۇ ساھەلەردە زور تەرەققىياتلارنىڭ بارلىققا كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى، شۇڭا دورىگەرلىككە قىزىقىدىغان ئۇيغۇر ياشلىرى بولسا، مۇشۇ ساھەگە يۈزلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ئارقىدىن ئامېرىكا كالىفورنىيە شتاتلىق ئانتىلوپ ۋەللېي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا پروفېسسورى دوكتور تاشپولات روزى سەھنىگە چىقىپ سۆز قىلدى. تاشپولات ئەپەندى پەقەت ئۆزىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەنلا ئەمەس، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى يېتەكلەش، چەتئەللەردىكى مائارىپ تەربىيىسى قاتارلىق ياشلار قىزىقىدىغان نۇرغۇن تېمىلاردا باغداش ۋە مىسرانىم قاتارلىق تور بەتلەردە ئېلان قىلغان ماقالىلىرى بىلەنمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى تورداشلار ئارىسىدا كەڭ تونۇلغان بىر شەخستۇر. تاشپولات ئەپەندى سۆزىنىڭ بېشىدا ماتېماتىكا ساھەسىدىكى يېڭى تەتقىقاتلار ۋە ئۆزىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى مېھمانلارغا چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەندىن كېيىن ئانا تىلنى قوغداش مەسىلىسى ئۈستىدە ئالاھىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ياشلارنى يېتەكلەشتىكى مەسئۇلىيىتى ئۈستىدىمۇ توختالدى.

ئارقىدىن يىغىندىكى ئىككى نەپەر ئايال دوكلات بەرگۈچىنىڭ بىرى بولغان، ۋېللىس فارگو بانكىسىنىڭ مالىيە مەسلىھەتچىسى گۈلناز ئابدۇقادىر خانىم سۆزگە چىقتى. گۈلناز ئابدۇقادىر خانىم بۇ يەردە چوڭ بولۇۋاتقان ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ سۆزىنى تولۇق چۈشىنىشى ئۈچۈن پايدىسى بولار، دېگەن ئۈمىدتە بۈگۈنكى نۇتقىنى ئىنگلىزچە سۆزلەشنى تاللىۋالغانلىقىنى ئېيتتى. گۈلناز خانىم سۆزىدە كىچىكىدە خىتايچە مەكتەپتە ئوقۇغان بىردىن-بىر ئۇيغۇر قىزى بولۇشنىڭ ئۆزىگە ئېلىپ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرىنى ۋە بۇ قىيىنچىلىقنىڭ قانداق بولۇپ ئۆز ئىرادىسىنى تاۋلىغانلىقىنى ۋە شۇندىن كېيىن ھازىرقى ئورۇنغا كېلىش ئۈچۈن قانداق مۇساپىلەرنى بېسىپ ئۆتكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. گۈلناز خانىم ئامېرىكىدا ھەرقانداق ئادەمنىڭ پۇرسەت ئالدىدا باراۋەرلىكى، ئۇنىڭ مىللىتى، رەڭگى، جىنسىنىڭ ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىنى نامايان قىلىش، ئۇنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن توسالغۇ ئەمەسلىكىنى، قابىلىيەت ۋە تىرىشچانلىقلا بولىدىكەن، ئامېرىكىدا ھەرقانداق كىشىنىڭ ئۆزىگە لايىق ئورۇنغا كېلىدىغانلىقى، شۇڭا ياشلارنىڭ چوقۇم ياخشى نىشان بەلگىلەپ، شۇ نىشان بويىچە پىلانلىق، سىستېمىلىق ھالدا، بەل قويۇۋەتمەي ئالغا ئىلگىرىلىشى كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

ئەڭ ئاخىرىدا، ئامېرىكا يۇتا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دوكتور رەيھان بەكتۇر خانىم سۆز قىلدى. رەيھان بەكتۇر ئۆزىنىڭ فىزىكا تەتقىقات ساھەسىدىكى نەتىجىسىگە ئائىت رەسىملەرنى كۆرسەتكەچ، يىغىن مەيدانىدىكى بالىلاردىن سوئال سورىغاچ داۋام قىلدى. ئۇنىڭ دوكلاتى ئۆزگىچىلىكى ۋە قىزىقارلىقلىقى بىلەنمۇ يىغىن ئەھلىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى. ياش ئۆسمۈر بالىلار رەيھان خانىمنىڭ سوئاللىرىغا قىزغىنلىق بىلەن جاۋاب بەردى، توغرا جاۋاب بەرگەنلەر رەيھان خانىم ئالغاچ كەلگەن كىچىك خاتىرە بويۇمى بىلەن تەقدىرلەندى.

يىغىنغا دوكلات بەرگۈچى ئالىم-تەتقىقاتچىلارغا ئەسلىدە ھەر بىرىگە يېرىم سائەتتىن ۋاقىت بېرىلگەن ۋە سۆزىدىن كېيىن ئون مىنۇت سوئال-جاۋاب ۋاقتى بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما يىغىن ئەھلىنىڭ قىزغىنلىقى كۈچلۈك بولغانلىقتىن سۆزلەش ۋاقتىنى ئارقا-ئارقىدىن ئۇزارتىشقا توغرا كەلدى، يىغىن ئاڭلىغۇچىلىرى قايتا-قايتا ئالىملاردىن سوئال سورىدى. ئاخىرىدا يىغىن باشقۇرغۇچىسى ئابدۇراخمان ئەپەندى يىغىننىڭ بىرىنچى قىسمنىڭ يەنى ئالىملارنىڭ دوكلات بېرىش قىسمىنىڭ ئاياغلاشقانلىقىنى، يېرىم سائەتلىك چاي ۋاقتىدىن كېيىن ئىككىنچى بۆلۈمى يەنى سوئال-جاۋاب ۋە ئەركىن سۆھبەت قىسمىغا ئۆتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. چاي ۋاقتىدا يىغىن قاتناشچىلىرى ھەممىسى بۇ ئالىملارنى ئورىۋېلىشتى، سۆھبەتلەشتى ۋە بەس-بەستە خاتىرە رەسىمگە چۈشتى

 

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/maarip/ilmiy-tetqiqat-06092014153949.html

Share
2353 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.