logo

trugen jacn

ۋاشنگىتون پوچتىسى:ختتايدا <<ئىتنىك قىرغىنچلىق>> قايتىپ كەلدى

 

 

جوش روگىن
ئىلان قىلىنغان ۋاقتى:8-ئاينىڭ 2-كۇنى

ئۇيغۇر ئاگېىنىتلىقى ئۈچۈن تەرجىمە قىلغۇچى ؛تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

(مەن ھەر بىر ئۇيغۇرنى <<ئۇيغۇر -ختتاي ئاخبارات ئۇرۇشى >>غا قاتنىششقا ،ئۇيغۇر <<مۇخبىرلارغا سۆزلەش ھەرىكىتى>>گە ئاۋاز قوششقا چاقىرىمەن،بىز پەقەت رىئاللىقىمىزنى پۈتۈن دۇنياغا بىلدۈرگەندە ،ئۆزگىرىش بولىدۇ ،بىز ھەرىكەتكە ئۆتمەي،دۇنيا ھەرىكەتكە ئۆتمەيدۇ )

ئەگەر ختتايدا ئىرقى قىرغىنچىلىق يۈز بىرىپ ،بۇنىڭدىن ھىچكىم خەۋەرسز قالسا،سزگە بۇ قانداق تۇيۇلىدۇ؟مانا بۇ ختتاي خەلق جۇمھۇرىيتى ئىچىدىكى مىلىيونلىغان مۇسۇلمانلارنىڭ سۇئالى بولۇپ،ئۇلار خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خەلقنىڭ دىن ۋە مەدەنىيتنى يوق قىلىش ئۈچۈن قاماقخانا تورلىرىنى كىڭەيتىۋاتقانلىقىنى ،سستىمىلىق ھالدا ئنسانى ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقى ئىلىپ بىرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىدۇ.
ئۆتكەندىن يىلدىن بىرى،ختتاينىڭ غەربى شىمالىدىكى شنجاڭ (شەرقى تۈركستان -ت )رايونىدا يۈز مىڭلىغان ،بەلكىم مىلىيونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئېتنىك ئاز سانلىقلار ئادالەتسزلىك بىلەن تۇتۇلغان ، ئۇلار ختتاي ھۆكۈمىتى <<سياسى قايتا تەربىيلەش لاگىرى>>دەپ ئاتايدىغان جايلارغا سولانغان.مىڭلارچە كىشى يوقاپ كەتكەن.مەھبۇسلارنىڭ قاتتىق قېيىن-قستاققا ئىلىنغانلىقى ۋە ئۆلۈپ كەتكەنلىكىگە ئائىت ئشەنچلىك خەۋەرلەر بار.ختتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆزىنى <<تىرورىرىزىم>> ۋە <<دىنى ئېكستىرمىزىم>>غا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتىمىز -دەۋاتىدۇ.ئۇيغۇرلار بولسا ئۆزلىرىنى <<ختتايدىكى دىنى ۋە مەدەنى ئەركىنىلىكنى باستۇرۇش ھەرىكىتىگە قارشىلىق قىلىۋاتىمىز>> دەيدۇ.خەلقئارا جەمئىيەت بولسا پۈتۈنلەي سۈكۈت بىلەن ئىنكاس قايتۇرماقتا.
قورقۇنچلۇق لاگىرلار بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى تىرىشچانلىقىنىڭ پەقەت بىر قسمىنى تەشكىل قىلىدۇ.ختىتاي ھۆكۈمىتى مىڭلىغان دىنى ئىمارەتلەرنى ۋەيران قىلدى.ئۇزۇن ساقال قويۇشنى ۋە ئسلامچە ئېسملارنى چەكلىدى.كېشلەر دىنى ئېتىقادىغا خىلاپ ھالدا چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلاندى.ختتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىگۇناھ كېشلەرنى جازالىشى ھەتتا ئۇلارنىڭ ئۆلۇمىدىن كىينمۇ داۋاملاشماقتا.ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلۇكنى دەپىنە قىلىش ئادىتىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىش ئۈچۈن جەسەت كۆيدۇرۈش ئورۇنلىرى قۇرۇلماقتا.
بۇنىڭدىن باشقا ،شنجاڭ (شەرقى تۈركستان-ت ) مسلى كۆرۈلمىگەن بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى ۋە نازارەت ھالەتتە بولۇپ ، كىملىك كارتىسى ،تەكشۈرۈش پونكىتلىرى، يۈز تونۇش سستىمىسى ،مىلىيونلىغان شەخسلەرنىڭ دى ئەن ئاي ئۇچۇرىنى توپلاش ھەممە يەرنى قاپلىغان .ختتاي دائىرىلىرى بۇ ئۇچۇرلارنى سۈنئى ئىدراك ماشىنىسىغا سەپلەيدىغان بولۇپ،بۇ ئارقىلىق كىشلەرنى كوممۇنستىك پارتىيغا بولغان ساداقىتىنى باھالايدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ ھەممە قسمىنى كونتىرۇل قىلىدۇ.
ئەگەر بۇمۇ سزنىڭ خيالىڭىزغا كىرىپ چېقمىسا،ئۇنداقتا سز ختتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل زۇلۇمنى ھەتتا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە دۇنيا بويلاپ ياۋۇزلارچە كېڭەيتىۋاتقانلىقىنى ئويلاپ بېقىڭ.بېيجىڭغا قارشى سۆزلىگەن ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ئائىلە ئەزالىرى بېيجىڭنىڭ خەلقئارادىكى بارلىق قارشى تەنقىدلەرنى تۇنجۇقتۇرۇش ئۈچۈن زەربە نشانى بولماقتا.ئەركىن ئاسيا رادىئوسى ئۇيغۇرچە بۆلۈمى ئامېرىكا پۇقراسى گۇلچىھرە خوجانىڭ يىگىرمىدىن ئارتۇق ئائىلە ئەزاسى لاگىرلارغا قامالغان.بۇلارنىڭ ئېچىدە ئۇنىڭ ياشىنىپ قالغان ئاتا-ئانىسى بىلەن بىر ئىنسىمۇ بار.گۇلچىھرە ئېنىسى ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغاندىن كىين ھازىرغىچە ئۇنىڭ ھىچقانداق خەۋىرىنى ئاڭلاپ باقمىغان.ئۇنىڭ ئەركىن ئاسيا رادىئوسدىكى باشقا نۇرغۇن خىزمەتداشلىرىنىڭمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش ھېكايىلىرى بار.
<<مەن ئائىلەمنىڭ ئەركىنلىكككە چېقىشنى ئۇمىد قىلىمەن ۋە دۇئا قىلىمەن،بىراق ئەگەر ئۇلار قويۇپ بىرىلگەن تەقدىردىمۇ ئۇلارنىڭ قاتتىق تەھدىت ئىچىدە ياشايدىغانلىقىنى بىلىمەن >>.گۈلچىھرە ئۆتكەن ھەپتە دۆلەت مەجلىسنىڭ ختتاي ئشلىرى مەمۇرى كومېتىتىدا ئسپات بەردى:<<مەن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىغا بىر ئارزۇ بىلەن كەلگەن،ھەقىقەتنى ھىچ قورقماستىن سۆزلىيەلەيدىغان بولۇشتىن ئىبارەت بىر ئارزۇ بىلەن كەلگەن >>.
بېيجىڭ يوشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشۋاتقان بولسمۇ،لاگىرلار ھەققىدىكى تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتكەن ئسپاتلار تاشقى دۇنياغا تارقىلىش ئىمكانىغا ئېرىشتى.غايەت زور كۆلەمدىكى لاگىر قۇرۇلۇشلىرىنى سۈنئى ھەمرا ئارقىلىق كۆرگىلى بولدى،يېڭى لاگىر قۇرۇلۇشى ھەققىدىكى توختام ئىلانلىرى ھىلىھەم ئاشكارا تارقىلىپ يۈرىدۇ.گۇۋاھچىلار بولسا كۆرگەنلىرىنى سۆزلەپ بەرمەكتە،بىراق دۇنيا داۋاملىق جاۋاپسز قالماقتا.
تىرامپ ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسى ئىچىدە،ئاخىرى بىر ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن.ئۆتكەن ھەپتىدىكى دۆلەت مەجلىسى ئسپات ئاڭلاش يېغىنىدا،ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بولغان باش ئەلچى كەللې كۇررى ختتاي ھۆكۈمىتىنى شنجاڭ (شەرقى تۈركستان -ت )دىكى باسمىچى سياسىتىنى توختىتىشقا ،مەجبۇرى قامالغان بارلىق كىشلەرنى قويۇپ بىرىشقا چاقىردى.
ئەلچى كەللى گۇۋاھلىق سۆزىدە مۇنداق دىدى: ختتاي ھۆكۈمىتى <<دىننى ختتايچىلاشتۇرۇش >>،<<دىن ۋە مىللەتنى ختتاي جەمىيتىگە ئۆزگەرتىپ كىرگۈزۈش >>كە ئۇرۇنۇۋاتقان بولۇپ ،بۇ ماۋزىدۇڭنىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدىنمۇ خەتەرلىك بولغان كۆلەمدە ئىلىپ بىرىلماقتا.بۇ ھەرىكەتنىڭ كۆلىمى ئنساننى چۆچۈتىدۇ >>.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ختتايغا بېسم چۈشۈرەلەيدىغان ۋە بەدەل تۆلىتىدىغان ۋاستىلىرى بار بولۇپ،ئامېرىكا ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كىرەك.كومېتىت رەئىسى ،پارلامنىيت ئەزاسى ماركۇ رۇبىئو ئامېرىكا شركەتلىرىنى ختتايغا دى ئان ئا تېخنىكىسى ۋە ۋىدئو ئارقىلىق نازارەت قىلىشقا ئوخشاش باسمىچى سياسەت ئۈچۈن ئشلىتىدىغان مەھسۇلاتلارنى سېتىشنى توختىتىشقا چاقىردى.ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەنە <<يەرشارى ماگېنتسكى قانۇنى>>بويىچە ئنسانى ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشقا جاۋاپكار ختتاي يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزەلەيدۇ. كوممۇنست پارتىيسى <<شنجاڭ>> سكىرتارى چىن چۋەنگو نەق جازالاش نشانىدىن بىرى بولۇپ،ئۆزىنىڭ باسمىچى سياسەتلىرىنى تېبەتتە تاۋلاپ كەلگەن ۋە ھازىر مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە كىېڭەيتىپ ئشلەتكەن.

پارلامنېت ئەزاسى رۇبىئو مۇنداق دىدى :<<بىز ھازىر ئۇيغۇرلارغا ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ئشلارنىڭ يۈز بىرىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز،ئۇلار نەدە خورلانغان بولسا،شۇ يەردە چوقۇم خورلىغۇچىلار بار >>،<<بۇ خورلاش ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتىدۇ،بۇ مەسىلىنىڭ ئەڭ ئېچىنىشلىق قسمىدۇر >>
ختتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا جەمىيەتتىكى ئىناۋىتى ھەققىدىكى سەزگۈرلۈكى ئۇنىڭ ئاجىزلىقىدىن ئىبارەتتۇر،ختتاينىڭ ۋەھشىيلىكنى خەلقئارا جامائەتچىلىككە ئاشكارىلاش ،بېجىڭنى بىۋاستە سازايى قىلىش -ئاچقۇچتۇر.
شنجاڭ <<شەرقى تۈركستان-ت >>دىكى قورقۇنچلۇق ئشلار ختتاينىڭ ئىچكى مەسلە ئەمەس،ئۇ بىر خەلقئارالىق مەسلە.ختتاي ئۆزىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئنسانى ھوقۇق كونسۇلى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسزلىك كېڭىشىدىكى ئورنىنى ئۆزىنىڭ قىلمىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشتىن چەكلەشكە ئشلەتمەكتە،شۇنداقلا خەلقئارا ئنسانى ھوقۇق ئۆلچەملىرىنى قايتا يېزىپ چېقىپ، ئۆزىگە ئوخشاش دىكتاتۇرلارنىڭ ئشلىتىشى ئۈچۈن تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن كىڭەيتمەكتە.
<<ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى تاشقى سياسەتلىرىمىزدە دىنى ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىدۇ،چۈنكى دىنى ئەركىنلىك پەقەت ئامېرىكىنىڭلا ھوقۇقى ئەمەس ،دىنى ئەركىنلىك خۇدا تەرىپىدىن بارلىق ئنسانىيەتكە بىرىلگەن ئۇنېۋرسال ئورتاق ھوقۇق >>.
ئەگەر شنجاڭ (شەرقى تۈركستان -ت )دا ۋەزىيەت ئىغىرلىشۋاتقان ئەھۋالدا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى كۆزىتىپ تۇرىۋاتسا،بۇ سۆزلەرنىڭ مەنسنىڭ قىممىتى بولمايدۇ.بىز بەلكىم كۆزىمىزنى ئىلىپ قېچىشىمىز مۇمكىن،بىراق بىز ئەمدى بىلمەيدىكەنمىز دىيەلمەيمىز .
2018-يىلى 3-ئاۋغۇست،كىچە سائەت 3:30 ،ۋاشنگىتون

Share
1292 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.