logo

trugen jacn

كۈندۈزئاي ھامۇت: ۋەتەن ئۈچۈن

ۋەتەن ئۈچۈن

كۈندۈزئاي ھامۇت

ۋەتەن ئۈچۈن ئۆلۈشنى
بىلگەنلەر قۇل بولمايدۇ.
قۇل بولغۇچى مىللەتنىڭ،
نەسەپ-نەسلى قالمايدۇ.

ۋەتەن دەيدۇ ھەممەيلەن،
سۇيەلەمدۇ ھەر كىملەر؟
ۋەتەن ئۇچۇن راستىنلا،
بېرەلەمدۇ جان كىملەر؟

ۋەتەندىكى زۇلۇمنى،
ئاڭلىغاندا ھاڭۋاقتۇق.
دۇئا قىلدۇق ئۇزاقتىن،
ئۈمىدلىنىپ كۆز باقتۇق.

نامايىشقا چىققاننىڭ،
ساڭا نىمە خەتىرى؟
ئەل سويمىسەڭ بولامدۇ،
ھاياتىڭنىڭ قەدىرى؟

ۋەتەن ئۈچۈن ھەي ئۇيغۇر،
نېمە قىلدىڭ سەن بۈگۈن؟!
دۈشمىنىڭگە بىر تال تاش،
ئاتالامسەن يا ئۆگۈن؟!

بۈگۈن زامان ئۆزگەردى،
تاش ئورنىغا ئىمزا ئات!
يىغلاپ كۆزلەر ئىششىدى،
يىغلاۋەرمەي ھەسسە قات!

زۇلۇم ھەجەپ ئۇيغۇرنىڭ،
جان-جېنىغا پاتتىغۇ.
ئويدىن چىقماي غىڭشىيدۇ،
كۆپلەر جىمجىت ياتتىغۇ…

ۋەتەن ئۈچۈن جان ئۇيغۇر،
سەلدەك ئاققىن كوچىغا.
ئىمزا قويساڭ مىليونلاپ،
تېتالايسەن خىتايغا!

تاجلار كىيگەن ،خان بولغان،
قېنى ئۇيغۇر بالىلىرى؟!
بۈگۈن ياتقان ئۇيغۇرنىڭ،
قۇل- دېدەكتۇر قىزلىرى!

2018-09-08 شىۋىتسىيە

Share
3322 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.