logo

trugen jacn

تۈرك چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى سۈرىيەگە ئۆتمەكچى بولغان 5 ئۇيغۇرنى قولغا ئالغان

isid-e-en-cok-yabanci-savasci-bakin-hangi-ulkeden-geliyor_m

تۈركىيە ئاخباراتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئىككى كۈن ئاۋۋال تۈرك چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى تۈركىيە چېگراسىدا، سۈرىيەگە بېرىپ جىھادچىلارغا قېتىلماقچى بولغان 10 نەپەر چەتئەللىكنى قولغا ئالغان. قولغا ئېلىنغانلارنىڭ 5 نەپىرى ئۇيغۇر، 3 نەپىرى تاجىكىستانلىق بولۇپ، تۈرك ئاخباراتى قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن

لېكىن 5 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ قايسى دۆلەتكە قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئەگەر ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلسە، ئۇلارنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچراش، ئۆلۈم جازاسى ۋە ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىش ئېھتىماللىقى زور.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ئىراق ۋە سۈرىيەدە ئۇيغۇر ئىجادچىلىرىنىڭ ھەربىي تەلىم ئېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ پىلانى قايتىپ كېلىپ، خىتاي بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن، بەزى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر خىتاينىڭ قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى بەزى ئۇيغۇرلارنى خەلقئارا رادىكال ھەرىكەتلەردىن ئۈمىد كۈتۈشكە قىستاپ ئاپارغان

5 ئۇيغۇر سۈرىيە چېگراسىدا قولغا ئېلىنغان بۇ ۋاقىت، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب تۈركىيەگە كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، خەلقئارا جىھادچىلارنىڭ تۈركىيە ئارقىلىق ئىراق، سۈرىيەگە كىرىشىنى توسۇشنى تەلەپ قىلىۋاتقان مەزگىلدە يۈز بەرگەن

 

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/suriye-turkiye-09262014173321.html

Share
1938 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.