logo

trugen jacn

ئۇيغۇر مىللىي چالغۇ ئەسۋابلىرى

082550za0n3vnx64nwx4vz.jpg.thumb

ناخشا ـ ئۇسسۇل بىلەن مەملىكىتىمىزگىلا ئەمەس بەلكى دۇنيا جامائەتچىلىكىگىمۇ تونۇلغان خەلقىمىز قەدىمدىن تارتىپلا چالغۇلارغا ئىنتايىن ئېتىبار بېرىپ كەلگەن. مىسالغا ئالساق دۇنيا مەدەنىيىتىدە «نوتا» دېگەن ئۇقۇم كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا يوق مەزگىللەردە دولان چالغۇلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئىپتىدائىي چالغۇ دولان راۋابى تەڭشەلگەن تارىلىرىنى چەككەندە يەتتە خىل ئاساسىي ئاھاڭ چىقىدىغانلىقىدىنلا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇزىكا، ئۇدار، رېتىمغا بولغان سەزگۈرلۈكىنىڭ شۇنداقلا چالغۇلارغا بولغان تەلەپنىڭ يۇقىرىلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. تۆۋەندە مەن كۆپچىلىككە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بىر قىسىم مىللىي چالغۇلىرىمىزنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.

تەمبۇر ئۇيغۇر چالغۇلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئۇزۇن چالغۇر بولۇپ، چالغۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر مېتىردىن ئاشىدۇ، باش قىسىمى يېرىم سۇ قوشۇقىغا ئوخشايدىغان بولۇپ، بۇ چالغۇ ئۈجمە ياغىچى ياكى قىزىل قارىغايدىن ياسىلىدۇ، بەش تال تارى بولىدۇ.

راۋاپ كۆپ ھاللاردا ياغاچتىن ياسىلىدىغان بولۇپم ئۈستى قىسمى ئىنچىكە ۋە ئۇزۇن، ئۈستى قىسمى ئەگرى، ئەڭ ئاستىنقى قىسمى يېرىم شار شەكىللىك ئاۋاز ساندۇقىدىن تۈزۈلىدۇ. چالغۇنىڭ ئۈستى ئېشەك ياكى قوي تېرىسى بىلەن ئورىلىدۇ، 5 تالدىن 7 تالغىچە تارى بولىدۇ، ئادەتتە ئەڭ سىرتىدىكى بىر تال تار بىلەن مىلودىيەگە تەڭكەش قىلىنىدۇ، باشقا تارلارنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق ئىشلىتىلىشى بار.

ئەنئەنىۋى دۇتارنىڭ قۇرۇلمىسى تەمبۇر بىلەن ئوخشىشىپ قالىدۇ، دۇتار ئادەتتە تەبىئىي قۇرۇتۇلغان ئۈجمە، ئۆرۈك ياكى ياڭاق ياغىچىدىن ياسىلىدۇ. ئۇزۇنلۇقى ئادەتتە ئەر ـ ئايال، بالىلارنىڭ ئوخشاش بولمايدۇ، ئادەتتە، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
غىجەك مەكىت، ئاۋات، قەشقەر، كۇچا قاتارلىق جايلاردا بىر قەدەر ئومۇملاشقان بولۇپ، دولان غىجىكى دەپ نام ئالغان، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر، ئۆزبىك، تاجىكلارنىڭ چالغۇسى بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا بىر قەدەر ئومۇملاشقان، ئادەتتە، خەلق ناخشىلىرى ۋە مۇقاملارنى ئورۇندىغاندا تەڭكەش قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ.

ساتار پارس تىلىدىكى سۆز بولۇپ، ئۈچ تارىلىق چالغۇ دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، ساتارنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى تەمبۇر بىلەن ئوخشىشىپ قالىدىغان بولۇپ، ئاۋازى جاراڭلىق بولۇپ، كۆپ ھاللاردا يالغۇز ياكى باشقا مۇزىكىلار بىلەن بىللە تەڭكەش قىلىنىدۇ.

داپ ئۇيغۇرلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان چالغۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇيغۇر مۇزىكا ئەترىتىنىڭ «روھى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. داپ ئادەتتە ياغاچتىن ياسىلىدۇ، يۇمىلاق ۋە بيايپاڭ بولۇپ، ئەتراپىدا نۇرغۇنلىغان كىچىك تۆمۈر ھالقىلار بولىدۇ، ئۈستى قوي تېرىسى، كالا تېرىسى ياكى مولۇن تېرىسى بىلەن قاپلىنىدۇ، ئادەتتە، مولۇن تېرىسى ئىشلىتىلگەن داپنىڭ ئاۋازى ئەڭ ياڭراق بولىدۇ.

چالغۇلار ئىچىدە سۇناينى كۆپچىلىككە ئەڭ تونۇش چالغۇمىكىن دەپ ئويلايمەن، سۇنايسىز مەشرەپ، توي بەزمىلىرىمىزنىڭ قىزىشىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ.

خۇشتار ـ بۇ چالغۇنىڭ ئىسمىدىنلا چالغۇنىڭ مۇزىكىسىنىڭ نەقەدەر يىقىملىق ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ. بۇ چالغۇ ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا بىر قەدەر ئالقىشقا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ چالغۇنى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىدىكى تۇرسۇنجفن قەدىمكى خۇيزۇلارنىڭ چالغۇسىدىن پايدىلىنىوياساپ چىققان.http://bbs.izdinix.com/thread-63625-1-1.html

 

Share
3252 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.