logo

trugen jacn

ئۇيغۇر ئەجدادلىرى تارىختا ياراتقان يەتتە كەشپىيات ۋە ئۇنىڭ ئىلمىي ئاساسلىرى

قۇتلان

2015-u0127-pmq.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ەجدادلىرىنىڭ ئۇزاق تارىخ جەريانىدا بايقىغان ۋە كەشىپ قىلغان ئىختىرالىرىنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقانلىقى ھەممىگە ئايان.

ئارخېئولوگ ۋە قەدىمكى يېزىقلار تەتقىقاتچىسى قۇربان ۋەلى ئەپەندى ئۆزىنىڭ يېقىندا تاماملىغان «ئۇيغۇر تارىخىدىكى ھۈنەر – تېخنىكا: يەتتە كەشپىيات» ناملىق ئىلمىي ئەمگىكىدە بۇ ھەقتە سىستېمىلىق مەلۇمات بەردى.

ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا ئۇيغۇر ئەجدادلىرى ئۆز تارىخىدا ياراتقان كۆپلىگەن ھۈنەر – تېخنىكىلىرى ۋە ئىختىرالىرى ئىچىدىن ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە 7 كەشپىيات ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. بۇلار مەتبە، قەغەز، گىلەم، كۆن، كارىز، ئىگەر ۋە توپ (زەمبىرەك) قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇلار ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن.

قۇربان ۋەلى ئەپەندى ئۇيغۇر ئەجدادلىرى ياراتقان يەتتە كەشپىياتنىڭ بىرىنچىسى سۈپىتىدە مەتبە تېخنىكىسىنى تىلغا ئالدى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئالاھىدە ئورنى توغرىلىق پىكىر بايان قىلدى.

مەلۇمكى، قەغەزنىڭ كەشىپ قىلىنىشى ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە ۋەقە. خىتايلار ئۇزاقتىن بۇيان قەغەزنى ئۆز تارىخىدىكى 4 چوڭ كەشپىياتىنىڭ بىرى دەپ داۋراڭ سېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما قۇربان ۋەلى ئەپەندى ئۇيغۇر ئەجدادلىرى تۇرپان ۋە لوپنوردا كەندىر غولىدىن ياسىغان قەغەزنىڭ خىتايدىكى سەيلۇن ئىجات قىلغان قەغەزنىڭ يىل دەۋرىدىن ئاز دېگەندە 100 يىل بۇرۇنلۇقىنى ئەسكەرتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇ، ئۇيغۇر ئەجدادلىرى ياراتقان قەدىمكى ئۇلۇغ كەشپىياتلار ئىچىدە كارىز تېخنىكىسىنىڭ دۇنيادا ئاز كۆرىلىدىغان مەدەنىيەت ھادىسىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

تەتقىقاتچى قۇربان ۋەلى بۇداپېشتتا ئېچىلغان ھون قۇرۇلتىيىدا
تەتقىقاتچى قۇربان ۋەلى بۇداپېشتتا ئېچىلغان ھون قۇرۇلتىيىدا

قۇربان ۋەلى ئەپەندى يېقىندا تاماملىغان «ئۇيغۇر تارىخىدىكى ھۈنەر – تېخنىكا» ناملىق ئىلمىي ئەمگىكىدە گىلەمنىڭ ئۇيغۇر ئەجداتلىرى تەرىپىدىن تارىختا ئەڭ بۇرۇن توقۇپ چىقىلغان يېڭىلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئارخېئولوگىيەلىك تېپىلمىلار ۋە تارىخىي خاتىرىلەر كۆن – خىرۇم تېخنىكىسى بىلەن ئىگەرنىڭ ياسىلىشىنى مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئىجادىيىتى دەپ تەستىقلايدۇ. قۇربان ۋەلى ئەپەندىمۇ ئۆز تەتقىقاتىدا ئىلمىي پاكىتلار ئارقىلىق كۆن – خىرۇم تېخنىكىسى بىلەن ئىگەرنىڭ ياسىلىشىنىڭ ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭ ئىجادىيىتىگە مەنسۇپلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

ئۇ ئاخىرىدا توپ، يەنى قەدىمكى زەمبىرەكنىڭ كەشىپ قىلىنىشى ۋە جەڭلەردە ئىشلىتىلىشىدە ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭمۇ مۇئەييەن ئۆلۈشىنىڭ بارلىقىنى، تارىختا موڭغۇللارنىڭ ياۋروپاغا قىلغان يۈرۈشىدە ئۇيغۇر زەمبىرەكلىرىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

Share
1760 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.