logo

trugen jacn

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەھبەرلىرىنىڭ بېيجىڭدا بەرگەن زىددىيەتلىك باياناتلىرى سوئال بەلگىسىگە دۇچ كەلدى

9b66827d-180e-49ba-89c9-33f4a9171269

قۇتلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

مەلۇم بولۇشىچە، 3-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭدىكى «ئىككى يىغىن» غا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋەكىللەر ئۆمىكى خىتاي ۋە چەتئەللەردىن بولۇپ يۈزدىن ئارتۇق مۇخبىرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.

مەزكۇر پائالىيەتتە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 6 نەپەر كاتتىۋېشى – جاڭ چۈنشيەن، شۆھرەت زاكىر، خۋاڭ ۋېي، جارۇللا ھېسامىدىن، چې جۈن ۋە لى شۆجۈن قاتارلىقلار مۇخبىرلارنىڭ تۈرلۈك سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.

ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتلىرى ئۆز-ئارا زىددىيەتلىك بولۇپ، سۆزىنىڭ ئالدىنقى بۆلىكىدىكى ھۆكۈم خاراكتېرلىك بايانلىرىنى كېيىنكى بۆلەكتىكى تەپسىلاتلىرى بىلەن كەلتۈرگەن سان-سىپىرلىرى ئىنكار قىلىدۇ.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كومپارتىيە سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن خوڭكوڭ مۇخبىرىغا «ھازىر ساياھەتچىلەر شىنجاڭغا، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭغا بارسا بولىدۇ. ۋەزىيەت ئومۇمەن كونترول ئاستىدا تۇرۇۋاتىدۇ» دەيدۇ-يۇ، سۆزىنىڭ ئاخىرىدا بۇنى ئىنكار قىلىپ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «شىنجاڭ مۇقىملىق ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلەۋاتىدۇ. شىنجاڭدىكى كادىر-ساقچىلارنىڭ ھاياتىنى قۇربان قىلىش نىسبىتى ئىچكى ئۆلكىلەردىكى ساقچىلارغا سېلىشتۇرغاندا 5.4 ھەسسە كۆپ. 2014-يىلى شىنجاڭدىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىدىن خىزمەت ئۈستىدە ئۆلتۈرۈلگەنلەر 230 نەپەردىن ئاشىدۇ، بۇ سان ئىچكى ئۆلكىلەردىكى مۇشۇنداق ئەھۋاللار بىلەن سېلىشتۇرغاندا خېلى زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ. شىنجاڭدىكى ‹ئىنقىلابىي قۇربانلار› نىڭ سانى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ.»

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى جاڭ چۈنشيەننىڭ يۇقىرىقى ئۆز-ئارا زىددىيەتلىك باياناتىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

جاڭ چۈنشيەن يەنە خوڭكوڭ مۇخبىرنىڭ «شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ ھەممىسىنى خەۋەر قىلىۋاتامسىلەر؟» دېگەن سوئالىغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: «شىنجاڭدا ئۇچۇرنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسى بىلەن ئاممىنىڭ ۋەقەلەردىن خەۋەردار بولۇش ئەھۋالى نىسبەتەن يۇقىرى. ئاشكارىلاش ھەم ئۆز ۋاقتىدا ئېلان قىلىش شىنجاڭدىكى پرىنسىپ.»

ھالبۇكى، ئۇ ئاخىرىدا بۇ سۆزىنى ئىنكار قىلىدىغان يەنە مۇنداق بايانلارنى بېرىدۇ: «بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەيمەنكى، ئاشكارىلاش ياكى ئاشكارىلىماسلىقنى مەلۇم بىر تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىق دېلوسىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم قىلغىلى بولمايدۇ… بەزىدە دېلونى پاش قىلىش ۋە بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مەخپىيەتلىكنى ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ.»

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن رەئىسى شۆھرەت زاكىر مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا جاڭ چۈنشيەننىڭ بايانلىرى بىلەن زىددىيەتلىك بولغان تۆۋەندىكى جاۋابنى بەرگەن:

«قانۇن بويىچە زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇققا زەربە بېرىش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىنى تولۇق كونتروللۇق ھالىتىگە كەلتۈردۇق. كۆپلىگەن تېررورلۇق دېلولىرى بىخ ھالىتىدە ئۇجۇقتۇرۇلدى. مەن ئىشىنىمەنكى، شىنجاڭدا تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىق دېلولىرى بۇندىن كېيىن ئازايسا ئازىيىدۇكى، ھەرگىز كۆپەيمەيدۇ.»

خوڭكوڭ مۇخبىرى يەنە شۆھرەت زاكىردىن: «سىز 62 يېشىڭىزدا شىنجاڭغا رەئىس بولدىڭىز، سىرتتىكىلەر بۇنى سىزنىڭ ‹قىزىل› ئارقا كۆرۈنۈشىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك دېيىشمەكتە. بۇ گەپكە قانداق قانداق قارايسىز؟» دەپ سورىغاندا، ئۇ مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «مەن بۇ يەردە ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسىنى ‹قىزىل› ئەۋلاد دەپ قارايمەن. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۆسۈپ يېتىلگەنلەرنىڭ قايسى بىرى پارتىيىنىڭ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلمىغان؟ قايسى بىرى قىزىل بايراق ئاستىدا چوڭ بولمىغان؟ تەبىئىيكى، مەنمۇ دەل سىز دەۋاتقان قىزىل ئەۋلادمەن!»

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى شۆھرەت زاكىرنىڭ رەئىسلىك ئورنىغا چىقىشىدا ئۇنىڭ دادىسى ئابدۇللا زاكىرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۇنجى ئەۋلاد «قىزىل كادىر» بولغانلىقىدەك سىياسىي دەسمايە سەۋەب بولغان دەپ قارايدۇ. ئۇ، ئابدۇللا زاكىر گەرچە 1940-يىللاردا ئىلىدىكى مىللىي ئىنقىلابقا قاتناشقان كادىر بولسىمۇ، لېكىن 1950-يىللاردىن كېيىن، بولۇپمۇ 1958-يىلىدىكى «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى ھەرىكەت» تە ئاكتىپ رول ئوينىغانلىقى ئۈچۈن ۋاڭ ئېنماۋ تەرىپىدىن ئالدى بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە، ئاندىن مۇئاۋىن سېكرېتارلىقىغا ئۆستۈرۈلگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۆجۈن مۇنداق دېگەن: «دىنىي ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش كۈرىشى ئەمەلىيەتتە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈندۇر.» خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇرەقىپ تۆمۈرنىياز لى شۆجۈننىڭ يۇقىرىقى سۆزىگە يانتاياق بولۇپ مۇنداق دېگەن: «جۇڭگونىڭ دىن سىياسىتى دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى سىياسەتتۇر.»

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، مەيلى لى شۆجۈننىڭ سۆزى بولسۇن ياكى ئابدۇرەقىپ تۆمۈرنىيازنىڭ سۆزى بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر ئېلىدا ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان دىنىي زۇلۇمنى پەردازلاپ كۆرسىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، دەپ كۆرسەتتى.

ئۇندىن باشقا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جارۇللا ھىسامىدىن، ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ سىياسىي كومېسسارى چې جۈن قاتارلىق كاتتىباشلارنىڭ باياناتلىرىدىكى تۈرلۈك زىددىيەتلىك نۇقتىلارمۇ سوئال بەلگىسى پەيدا قىلغان.

Share
1510 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.