logo

trugen jacn

ئۇيغۇرلارنىڭ خەتەرلىك ۋەزىيىتى ھەققىدە ئويلىنىش

مەھمەت ئمىن ھەزرەت
چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا بىر ۋەياكى بىر نەچچە تىل بىلىدىغانلار بار. بۇ زىيالىيلار ئارىسىدا ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىزنىڭ تارتىۋاتقان ئازاب-ئۇقۇبەتلىرى توغرىسىدا دەلىل، ئىسپاتى بولغان ئىلمى ماقالە يەزىۋاتقانلار بەك ئاز. چەتئەلدە سۈكۈت ئىچىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تەخەللۇس بىلەن بولسىمۇ مىللىتىنىڭ دەرتلرىنى يېزىۋاتقان، ئاڭلىتىۋاتقانلارغا ئەلۋەتتە ئاپىرىن ئوقۇشىمىز كېرەك. بىراق ئۇلار ياشاۋاتقان دۆلەتلىرىنىڭ تىلى بىلە ئەمەس، ئۇيغۇرچە يېزىپ، ئۇيغۇرغا ئۇيغۇرنى چۈشەندۈرۈش بىلەن ئاۋارە. ئەلۋەتتە مەنمۇ ئۇزۇن يىللاپ ئۇيغۇرچە يازدىم. خەلقىمىزنىڭ كۆزلىرىنى توسۇۋالغان پەردىلەرنى سۆكۈپ چىقىرىۋەتىشقا تىرىشتىم. ئۇيغۇرچە ماقالە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ ئازلىقىدىن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ  تەپەككۇر ۋە ئەقىلغا بەك ئېھتىياجى يوقلىغىنى چۈشۈنۈپ يەتتىم. كېيىنكى يىللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى مەن ياشاۋاتقان تۈركىيە خەلقىگە ئاڭلىتىشىنىڭ تېخىمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم ۋە تۈركچە يېزىشقا باشلىدىم. ئۇيغۇرلارنىڭ بىلىشى زۆرۈر دەپ قارىغان بەزى پىكىر، كۆزقاراشلىرىمىنى ئۇيغۇرچە يازغىنىمغا ئوخشاش، بۇ ماقالەمنىمۇ ئۇيغۇرچە يازدىم. چۈنكى، دەيدىغانلىرىم ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىم ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايمەن

ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تەقدىرى ئاسارەت بويۇنتۇرقى ئاستىغا چۈشكەن تارىختىن بويان كۆرۈلۈپ باقمىغان خەتەرلىك باسقۇچقا كىرىپ كەلمەكتە

گىتلېر، يەھۇدى خەلقىنى يېغىۋېلىش لاگىرلىرىغا توپلاپ يوق قىلغان ئىدى. بىراق گىتلېر ئارمىيىسىنىڭ كونترولى سىرتىدا قالغان زېمىنلاردا يەھۇدىلارنىڭ سانى كۆپ بولغانلىغى ئۈچۈن، يەھۇدىلار مىللەت سۈپىتىدە دۆلەت قۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولدى. بۇگۈنكى شەرقى تۈركىستان 21. ئەسىردىكى ئەڭ بۈيۈك يىغىۋېلىش لاگىرىدۇر. شەرقى تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىم “ سەن دىمىسەڭمۇ بىز بۇلارنى بىلىمىز” دېيىشى مۇمكىن. ئامما، دەل بۇ كۈنلەردە سىز بەك بىلمەيدىغان بەزى مەلۇماتلار بار. كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى “دىنى ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى” نى نېمە ئۈچۈن ھازىر قانۇن سۈپىتىدە يولغا قويدى؟ نېمە ئۈچۈن ئەرلەرنىڭ ساقال- بۇرۇت، ئاياللارنىڭ مەھرەم كىيىملىرى، دىنى نىكاھ، بالىلارغا قۇرئاندا بار بولغان ئىسىملارنى قويۇش “جىنايەت” سۈپىتىدە قانۇنغا رەسمى كىرگۈزۈلدى؟ نىمىشقا ھازىر؟

كۆرۈنگەنلەرنىڭ پەردە ئارقىسىدا كۆرۈنمىگەنلەر نېمە بولۇشى مۇمكىن؟

خىتاي دۆلەت رەئىسى شىجىنپىڭ 2017.يىلى 6-7. ئاپرىل كۈنى ئامېرىكا پىرىزدىنتى دونالد تىرامپ بىلەن فىلورىدادا كۆرۈشتى. شىجىنپىڭ، تىرامپنىڭ ئالدىغا بىر پىلان بىلەن كەلگەن ئىدى. بۇ شىمالى كورىيە پىلانى ئىدى. شىجنپىڭ، تىرامپقا ھېچكىم قىياس قىلمىغان بىر تەكلىپنى بەردى. بۇ تەكلىپ، خىتاي بىلەن ئامېرىكا بىرلىكتە شىمالى كورىيە دىكتاتور ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ يوق قىلىش تەكلىپى ئىدى. قۇلاقلىرىغا ئىشىنەلمىگەن دونالت تىرامپ تىۋىتتىردا شىجىنپىڭنى “ قالتىس ئادەم” دەپ ماختاپ تاشلىدى. خىتاينى پۇل مونوپول قىلىدىغان دۆلەت تىزىملىكىگە كىرگۈزمەيدىغانلىغىنى، ئەگەر خىتاي كورىيە مەسىلىسىدە ھەمكارلىشىدىغان بولسا خىتاي ماللىرىغا يۇقىرى تاموژنا بىجى قويۇش مەسىلىسىدىمۇ يۇمشاق پوزىتسىيىدە بولىدىغانلىقىنىڭ سىگنالنى بەردى. بۇ، تەختى تەۋرەپ قالغان خىتاي كوممونىستىك پارتىسى ئۈچۈن ھاياتى ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان مەسىلىلەر ئىدى
ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىگە ئائىت ئۇرۇش پاراخوتلىرى فىلوسى كورىيە يېرىم ئارىلىغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان ئىككى ھەپتە ئىچىدە خىتاي كورىيە چېگرىسىغا 200 مىڭ ئەسكەر يۆتكەپ بولدى. ئامېرىكا، شىمالى كورىيەنىڭ ئاتوم بومبا، قۇرال،ياراق ئىسكىلاتلىرى، ھەربىي ئائىرىپورت، دېڭىز پورتلىرى ۋە مۇھىم ئىستىراتېگىيىلىك نۇقتىلىرىنى بومبىلىغاندىن كېيىن، خىتاي، شىمالى كورىيەگە زور مىقداردا ئەسكەر ئەۋەتىپ بۇ دۆلەتنى ئىشخال قىلماقچى. ئىككى كورىيەنى بىرلەشتۈرمەسلىك نۇقتىسىدا خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئورتاق كۆزقاراشقا ئىگە بولغاچقا سودا ئاسانلا پۈتتى. كونكرېتنى مەسىلىلەردە تارالاش تارتىش داۋاملاشماقتا.
تەقدىرنىڭ كارامىتى ھەيران قالارلىق. خىتاي ئۆزى بېقىپ چوڭ قىلغان، ئاتوم بومبا ياساش تېخنىكىسىنى ئۈگۈتۈپ كۈچەيتكەن ۋە 67 يىل ئامېرىكىغا قارشى كوزۇر قىلىپ ئىشلەتكەن بىر جانىۋارنى ئەمدى ئامېرىكا بىلەن بىرلىشىپ يوقاتماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىم “كورىيە ئۇرۇشى بىلەن بىز ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى بار؟” دەپ سورىشى مۇمكىن. بۇ مۇناسىۋەتنى چۈشەندۈرۈشتىن بۇرۇن كورىيە ھەققىدە بىر ئابزاس توختىلىمەن. 1950- 51.يىلى كورىيە ئۇرۇشىدا ئۆلگەن بىر ئامېرىكا ئەسكىرىگە قارشىلىق 18 خىتاي ئەسكىرى ئۆلگەن ئىدى. بۇ قېتىم ئامېرىكا ئۇزاقتىن بومبا ئاتىدىغان بولغاچقا بەلكى ھىچ ئەسكىرى ئۆلمەسلىكى مۇمكىن. خىتاينىڭ كورىيەدە 500 مىڭ ۋەياكى بىر مىليون ئەسكىرى ئۆلسىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پەرۋايى پەلەك. چۈنكى، دېڭىزدىن بىر چوگۇن سۇ ئالساڭ دېڭىزنىڭ سۈيى ئازلاپ قالمايدۇ-دە

خىتاينىڭ پىلانى بىر چالمىدا بىر قانچە قۇش ئۇرۇش

خىتاي كېيىنكى 40 يىللىق دىپلوماتىسىدە كاۋاپمۇ، زىخمۇ كۆيمەيدىغان يولنى تۇتۇپ زىيانسىز پايدا ئېلىشقا ئۈگۈنۈپ قالدى. ئامما ئىچكى،تاشقى زىددىيەت چەمبىرى خىتاينى بارغانسېرى قىستاپ كەلمەكتە. خىتاي بۇ قېتىم بىر چالمىدا بىر قانچە قۇشنى ئۇرۇش ئارقىلىق ئىچكى، تاشقى كىرزىسلارنى بىرتەرەپ قىلىشنى پىلانلانماقتا
بىرىنچى: دونالد تىراپ تەرىپىدىن ۋىلادېمىر پۇتىنگە تەييارلانغان دوستلۇق ئۇرۇندۇرىغىغا شىجىنپىڭ غىپپىدە كېلىپ ئولتۇرۇۋالدى
ئىككىنجى: خىتاي خەلقىنى خۇددى تىرامپقا ئوخشاش“ئۆز يولباشچى” سىنىڭ “ قالتىس ئەقلى”گە ھەيران-ھەس قالدۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى
ئۈچىنچى: دېڭشائوپىڭ 1979 يىلى ئامېرىكىغا بېرىپ پىرىزدېنت رېگان بىلەن ۋېتنام توغرۇلۇق مەخپى كېلىشىم ھاسىل قىلىپ كېلىپلا ئىككى ھەپتىدىن كېيىن جەنۇبتىكى كوممۇنىست قېرىندىشى بولغان ۋىتنامغا 400 مىڭ كىشىلىك ئەسكەر بىلەن ھۇجۇم قىلغان ئىدى.خىتاي ئارمىيىسى ۋىتنامدا ئامېرىكىنىڭ ئىنتىقامىنى ئەلىپ بەرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا تەخنىلوگىيە ۋە مەبلەغلىرى خىتايغا يامغۇرغا ئوخشاش يېغىشقا باشلىغان ئىدى. بۇ قېتىم شىمالدىكى كوممۇنىست قېرىندىشىنى يوق قىلىش ئۈچۈن يەنە ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە ھەركەت قىلىش قارارىغا كەلدى. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇزۇن يىللار ئۇرۇش كۆرمىگەن خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇش قىلىش، قۇرال ۋە ئەسكەرلىرىنى سىناقتىن ئۆتكۈزۈشكە ئېھتىياجى بار
تۆتىنچى: بىر قاراقچى دۆلەتنى يوقىتىپ بېرىش خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئېتىبارىنى ئاشۇشقا ياردەمچى بولىدۇ
بەشىنچى: يىڭى بىر ئىستراتېگىيىلىك زېمىننى قولغا كەلتۈرۈپ ئۆزىگە بېقىندى دۆلەت قىلىۋالالايدۇ
ئالتىنچى: ۋاشىڭگىتوننىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرگەن خىتاي كوممونىستىك پارتىسى دۆلەت ئىچىدىكى بارلىق ئۆكتىچىلەرنى سۈپۈرۈپ تازىلىۋېتىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ
يەتتىنچى: غەرب دۇنياسىنىڭ مۇسۇلمانلارغا بولغان نەپرىتى ئۆرلەۋاتقان بۇگۈنكى كۈندە خىتاي، ئۇيغۇرلار ئىچىدە كېرەككە كىلىدىغان بارلىق كىشىلەرنى تازىلاپ تۈگىتىۋېتىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى چۇشۇنۇۋاتىدۇ

خىتاي ھاكىمىيىتى، شەرقى تۈركىستاندا ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان مەدەنىيەت قەتلىيامىدىن، قىسقا ۋاقىتتا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بۆلىدىغان ئىنسان قەتلىيامىغا ئۆتۈش تەييارلىقىغا كىرىشمەكتە
شەرقى تۈركىستاندا 500 مىڭ ئەتراپىدا خىتاي ئەسكىرى، 300 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي ساقچى قىسىملىرى مەۋجۇت. ئۇنىڭدىن باشقا بىڭتۇۋەن ۋە بۇخىرا خىتاي ئاھالىسى ئىچىدە ئەسكەرلىك خىزمىتىگە چاقىرالايدىغان 2- 3 مىليون ئەتىراپىدا خىتاي كۆچمەن بار. خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندا ئۇيغۇر مىللىتى زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا بۇرۇن سىناق قىلىپ كۆرگەن خىمىيىلىك، بىيولوگىيەلىك قوراللار بولۇپلا قالماي، ئاتوم بومبۇسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنسان ۋە جانلىقلارنىڭ نەسلىنى توپتىن قىرىپ تاشلىغۇچى رادىئاكتىپ قوراللار مەۋجۇت

خىتاي دۆلەت رەئىسى شىجىنپىڭ، تىرامپ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئامېرىكىغا يولغا چىقىشتىن بۇرۇن، پىلانلىرىنىڭ ھېساب – كىتابلىرىنى تەپسىلى تۈزۈپ چىققانلىقى ئۈچۈن، پەقەتلا شەرقى تۈركىستاندىلا ئىجرا قىلىنىدىغان ئىسلامى “ ئەسەبىيلىك ۋە تەرورىزىمغا قارشى كۈرەش” نىزامنامىسىنى ئېلان قىلدى. خىتاي ھاكىمىيىتى ئىشنى ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا قارشى ئومۇميۈزلۈك كۈرەش بىلەن باشلاش بىلەنلا قالماي، ئۇيغۇر مىللىتىنى قىردۇرۇشتا ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن تاللاپ ئىشلەتكەن ساتقىنلارنى ھوقۇقتىن ئېلىپ جازالاش ئارقىلىق، خائىنلارنىڭ ئۆز مىللىتىنى قىرغىن قىلىش قانلىق ئوپىراسيۇنغا ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يۈرىكىگە ۋەھىمە سالماقتا. بۇ خىل جازالاشلار دەرھال ئۈنۈم بەرگىلى باشلىدى. خىتاي مېدايسىدا ئۇيغۇر مۇناپىق ئەمەلدارلارنىڭ “مەن ئۇيغۇر، مۇسۇلمان ئەمەس.” دەيدىغان تۆۋۋەنامىلىرى ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى. ساتقىن ئۇيغۇرلارنىڭ “مەن مۇسۇلمان ئەمەس” دەيدىغان باياناتلىرى تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىدى. ئىككىنجى قەدەمدە ئۇلارغا ”مەن ئۇيغۇر ئەمەس جۇڭگولۇق“ دىگۇزىشكە باشلايدۇ. ئۆتكەن ھەپتە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئورگان گېزىتىسى “خۇۋەنچىئۇ “ دا “ئۇيغۇر مائارىپ ساھەسىدىكى ئوقۇتقۇچىلار پارتىيىگە سادىق كۆرۈنىدىغان، ئامما كاللىسىدا بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسى بولغان ئىككى يۈزلىمىچىلەر” بولغانلىغى توغرۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىندى. بارلىق ئۇيغۇر مۇئەللىملەرگە كىم قەيەردە، قاچان، كىملەرگە بۆلگۈنچىلىك تىندىسسسىيەسى بولغان گەپ- سۆز، ھەركەتلەردە بولغان؟ دەيدىغان جەدىۋەل تارقىتىلىپ تولدۇرۇشقا قىستىماقتا. دۆلەتتىن مائاش ئالغان ھەممە كىشىنىڭ قاچان قايسى دۆلەتكە ساياھەتكە باردى، كىملەر بىلەن كۆرۈشتى. كىمنىڭ بالىسى قايسى دۆلەتتە، قايسى مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ؟ بۇ توغرۇلۇق مەسىلە تاپشۇرۇش ھەرىكتى باشلىتىلدى. چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان دۆلەت بورسىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇرسى توختىتىلدى. ئاتا- ئانىلىرى ئوقۇتىۋاتقانلارنىڭ ئاتا- ئانىسى تۇتۇپ سولاپ قويۇلۇپ، بالىلىرى قايتىشقا مەجبۇرلىماقتا. بىر مۇنچە ئوقۇغۇچىلار بېشىغا كېلىدىغان بالايۇ- ئاپەتنى بىلىپ تۇرۇپ، ئاتا-ئانىسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ۋەتەنگە قايتىپ كېتىۋاتىدۇ
خىتاي ھۆكۈمىتى، ئىزلىگەن ئۇيغۇر مىللىتىنى بىر بىرىنى ئېزىشكە مەجبۇر قىلغاندەك، خىتاي غالچىلىرى بولغان كادىرلارنىمۇ بىر بىرىنى پاش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە. ئىزىلگەن خەلقلەرنى بىر بىرىگە ئەزدۈرۈشتىن زوق ئېلىۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتى، ئۇيغۇر مىللىتىنى يەنە بىر قېتىم بىر بىرىگە قىردۇرۇش ئۈچۈن زور مىقداردا مۇكاپات پۇلى ئايرىماقتا ۋە بۇ پۇللارنى پاش قىلغۇچىلارغا مەرتلىك بىلەن تارقاتماقتا. بالىلىرىنى “كېلەچەگى ياخشى بولىدۇ” دىيىشىپ بەس – بەس بىلەن خىتايچە مەكتەپلەرگە ئاپىرىپ بېرىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنى “قوش تىللىق مائارىپ” ئىسمى ئاستىدا ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئۇيغۇر تىلىدىن، ئۇيغۇر روھىدىن، ئۇيغۇر مەدىنىيىتىدىن، ئۇيغۇر ئۆرپ- ئادىتىدىن ئايرىپ خىتايچە سۆزلەيدىغان خىتاي مالىيى يارىتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشقان “ئۇيغۇر كادىر- زىيالىي”لار تارىخى ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاپ بولغانلىغى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ كۆپ سانلىق قىسمىنى ئىشلەتمەسلىكى مۇمكىن

مەن 1997.يىلى يازغان “ مۇستەقىللىق كۈرىشى” كىتاۋىمدا “ئۇيغۇر مىللىتى يوقۇلۇش باسقۇچىغا كىرگەندىن كېيىن، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر خائىنلارغا ئېھتىياجى قالمايدۇ” دەپ يازغان ئىدىم. بۈگۈن خىتايلار، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يوقىلىشىنى تىزلىتىش ئىستىراتىگىيەسىدە مىللىي زۇلۇم ۋاستىسى قىلىپ ئىشلەتكەن ئۆزلىرىگە سادىق ئۇيغۇر مالايلارغا ئىھتىياجى چۈشمەيدىغانلىغىغا ئىشەنمەكتە. “ئۇيغۇر كادىر، زىيالىي” دىيىلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى، خىتاينىڭ يۇقىرى مائاشى بىلەن بوينى باغلانغان گىلاشتۇكلۇق قۇللارغا ئايلاندۇرۇلغان كىشىلەر ئىدى. ئۇلار، ئۇيغۇر مىللىتى كۈچلۈك بولغان دەرۋىرلەردە ئۇيغۇر مىللىتىگە قارشى ئىشلىتىلگەن. ئەمدى ئۇلارغا بېرىدىغان پۇلنى خىتاي ھاكىمىيىتى خىتاي كۆچمەنلىرىگە بېرىپ، ئۇيغۇرلارنى تىز ۋە ئومۇميۈزلۈك يوقۇتۇش ئۈچۈن بىۋاستە خىتاي كادىرلارنى ئىشلىتىشكە قارار قىلدى

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ قېتىمقى ئاساسى نىشانى ئۇيغۇر پۇلدارلاردۇر

مەدەنىيەت بايلىقسىزمۇ ياشاۋېرىدۇ. بىراق بايلىق مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئامىلىدۇر. ناھايىتى يېقىن كېلەچەكتە ئومۇميۈزلۈك زەربە بېرىش نۆۋىتى پۇلدار ئۇيغۇرلارغا كېلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدا دۆلەت يوق، ئەسكەر يوق. كۈچسىز ئۇيغۇر مىللىتى ئىچىدە بىر قىسىم كىشىلەر پۇل تېپىپ باي بولدى. بايلىق كۈچ دېمەكتۇر. ئۇيغۇرلاردا “بۇقىنى ھۆكۈرەتكەن ئىككى تاشاق” دەيدىغان گەپ بار. ئاختا قىلىۋېتىلگەن بۇقا ئۆكۈزگە ئايلىنىدۇ. ئۆمۈر بويى قوش سۆرەش، جۇگاز چۆرىشتىن باشقا ئىشقا كېرەككە كەلمەيدۇ. بايلىقتىن ئىبارەت كۈچتىن ئايرىلغان ئۇيغۇرلارنى مۇھتاج ھالدا قويۇپ، ئاز- ئازدىن “ياردەم” تاشلاپ بېرىپ “پارتىيىگە رەخمەت” يېگۈزۈپ ئەزمەك ۋە ئىزلىگەن ئاچلار ئارىسىغا سۆڭەك تاشلاپ بىر بىرى بىلەن تالاشتۇرماق ئاسان بولىدۇ. بىراق ئۇيغۇر بايلارنىڭ كۆپۈنچىسى پۇلىغا ئىشىنىپ شىرىن ئۇيقۇسىنى ئۇخلىماقتا. تىز باي بولغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار، پارىخور خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ھىمايىسىدە باي بولغان. ئۇلار” ۋاڭ شۇجى، جاڭ شۇجىغا پارا بەرسەم مېنى قوغدايدۇ” دېگەن خام- خىيال بىلەن ئاچ بۆرە، يولۋاسلار ئارىسىدا بەخىرامان ئويناپ يۈرگەن قۇزىلارغا ئوخشايدۇ. ئۇيغۇر بايلار ئارىسىدا چەتئەلگە ساياھەتكە چىقمىغىنى يوق. بالىلىرىنى چەتئەلگە ئوقۇشقا ۋەيا تىجارەتكە ئەۋەتمىگەنلەر ئاز. خىتايلار، ئۇلارنى “تېرور”غا ناھايىتى ئاسانلا چېتىپ بارلىق مال- مۈلۈك، پۇللىرىنى مۇسادىرە قىلىشقا باشلايدۇ. بۇ قېتىم بىر قانچە باي ئۇيغۇرنى “ئۇيغۇرلاردىمۇ بايلار بار” دەپ چەتئەللىكلەرگە كۆرسىتىش ئېھتىياجى ئۈچۈنلا قوغداپ قېلىشى مۇمكىن

ئۇيغۇر مىللىتى يېقىنقى 100 يىل ئىچىدە 6 قېتىم خىتايلار تەرىپىدىن سويغان پىيازغا ئايلاندۇرۇلۇپ قويغان. بۇ 7. قېتىم ئۇيغۇرلارنى بايلىقتىن ئايرىش ھەركىتى بولىدۇ. خىتاينىڭ بۇ پىلانىنىڭ شەپىسى ھازىردىن باشلاپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ قېتىم ئۇيغۇر مىللىتىنى توپتىن يوق قىلىشىنىڭ تەييارلىقلىرى ھەر تەرەپلىمە، ئەتراپلىق ئىشلەنمەكتە. دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى خىتاي تەرەپتە تۇرىۋاتىدۇ. ئامېرىكا، شىمالى كورىيە مەسىلىسىدە خىتايدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن بەل باغلىغان ۋەزىيەتتە. دۇنيادا مۇسۇلمانلارغا قارشى نەپرەت كۈچىيىۋاتقان بۇ كۈنلەردە، خىتاي، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دىنى ۋە مىللىي ۋىجدان ئىگىلىرىنى، پۇلدارلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تازىلىۋېتىشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى دەپ قارىماقتا. ئېزىز ئۇيغۇر مىللىتى تارىختىكى ئەڭ خەتەرلىك مىللىي كىرىزىسكە دۇچ كەلمەكتە

ئۇيغۇرلار نېمە قىلىشى كېرەك؟

بۇگۇنكى كۇندە مىللەتنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ قېلىش مۇھىملارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە. مىللەت سۈپىتىدە سۈكۈت ئىچىدە سەبىر قىلىپ تۇرىشىمىز لازىم. گەرچە خىتاي ، ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا “سەبىر” سۆزىنى ئىشلەتكەنلەرنى “تېرور گۇماندارى” دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، “سەبىر” سۆزىنى ئىشلەتمەي تۇرۇپمۇ سەبىر قىلغىلى بولىدۇ. مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام كەبىدە نامازدا سەجدىگە بارغاندا مۇشرىكلار تۈگىنىڭ پوق تولغان ئۈچەي- قېرىنلىرىنى بېشىغا ئارتىپ قويغاندا، نەپەسسىز قېلىپ ئۆلۈشكە ئاز قالغاندىمۇ سەبىر قىلغان. مۇسۇلمانلارنىڭ تۇنجى شېھىدى سۈمەييە مۇشرىكلار تەرىپىدىن پارچىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەندىنمۇ سەبىر قىلغان. ۋاقتى- سائىتى كەلمەي تۇرۇپ كوللېكتىپ ئىسيان قىلىش، مىللىتىمىزنىڭ يوقىلىشىنى تىزلىتىشكە ياردەملىشىشتىن باشقا پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ. بەزى ياشلىرىمىزنىڭ بىر ۋەياكى بىر قانچە كىشىلىك گۇرۇپ بولۇپ تەشكىللىنىپ خىتاي ئارمىيىسى ۋە ساقچىلىرىنىڭ زوراۋالىقىغا قارشى جىھات قىلىپ شېھىتلىك يولىنى تاللىشى مىللى ۋە دىنى روھىمىزنى جانلاندۇرىشىمىز ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك ئىلھام مەنبەسىدۇر. ئۇلارنى ئېيىپلىگەنلەر ۋەتەن خائىنىدۇر. مىللەت دۈشمەنلىرىدۇر. بىراق كوللېكتىپ ھالدا مىللىي ئازاتلىق ئۈچۈن قۇراللىق كۈرەش قىلىدىغان كۈن بۈگۈن ئەمەس. بۇ قېتىم ئۇيغۇر مىللىتى سان جەھەتتىن ئازىلىشىمىز مۇمكىن. بىراق بىر مىللەت سۈپىتىدە مىللىي مەۋجۇدىيىتىمىزنى ساقلاپ قىلالىساقلا نەسلىمىزنىڭ كۆپىيىش، ئەركىنلىككە ئېرىشىش پۇرسىتىگە ھامان بىر كۈنى ئېرىشەلەيمىز. بۈگۈن خەلقىمىز خىتايدىن مەرھەمەت كۈتمىگىنىگە ئوخشاش، تاشقى دۇنيادىنمۇ ھەرقانداق بىر ياردەم كېلىپ قالارمىكىن دەپ خام- خىيالدا بولماسلىقى لازىم

ئۇنداقتا ئاقىۋىتىمىز نېمە بولىدۇ؟

ھەر يامانلىقتا بىر ياخشىلىق بار. بۈگۈن خىتاي بىلەن ئامېرىكا شىمالى كورىيەگە ئۇرۇش ئېچىش مەسىلىسىدە بىر مەخپى كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقى مەلۇم. بىراق ئولجىنى قانداق بۆلۈشۈش توغرۇلۇق ھەركىمنىڭ بىر پىلانى بار. ئەگەر ھەقىقەتەن ئۇرۇش پارتلايدىغان بولسا 3. دۇنيا ئۇرۇشى كورىيەدە ئولجا بۆلۈشۇشتىن پارتلايدۇ ۋە ئوت مۇقەررەر يۇسۇندا خىتايغا تۇتۇشىدۇ. ئۇ چاغدا خىتاينىڭ بارلىق دۈشمەنلىرى بىز ئۇيغۇرلارنى ئىزدەپ تاپىدۇ. ۋاقتى كەلگەندە خەلقىمىزنى تەشكىللەپ ئازاتلىق ئۈچۈن ئۈمۈمىيۈزلۈك قۇراللىق كۈرەشكە يىتەكچىلىك قىلىدىغان قابىلىيەلىك تەشكىلى ئاپاراتىمىز ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇگۈن خەلقىمىزگە دەيدىغان سۆزۈم شۇ: سەبىر ۋە سۈكۈت ئۆزىڭىزنى قوغدايدىغان قالقانىڭىز بولسۇن

چەتئەلدە مىللىي كۈرەش ئۈچۈن ھاياتىنى بېغىشلاۋاتقان قېرىنداشلىرىمغا ئىككى ئېغىز سۆز

چەتئەلدە بىر بىرىنى ياخشى كۆرمەيدىغان تەشكىلاتلىرىمىز، بىر تەشكىلات ئىچىدە تۇرۇپ بىر بىرىنىڭ ئورىسىنى كولاۋاتقان “رەھبەر”لەر، مەۋجۇت ئەھۋالىمىزنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولۇپ كۇچ ھاسىل قىلىشىمىز ئۈچۈن توسالغۇ تەشكىل قىلىۋاتقان ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرىدۇر. ئەسىرلەپ نام- شۆرەت، ھۇقۇق ئاچارچىلىغى ئىچىدە ياشاپ كەلگەن بىر مىللەت ئارىسىدا ھەر كوچىدىن بىر “داھى” چىقىشىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ. ۋەتەن ئىچىدە تەشكىللىك بىر ھەربىي كۇچ ۋە ئازاتلىق كۈرىشىگە يىتەكچىلىك قىلىدىغان بىر تەشكىلى ئورگان ئوتتۇرىغا چىققاندا، چەتئەلدىكى تەشكىلاتلىرىمىزنىمۇ رەتكە سېلىپ كۈچلەندۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولىمىز. چەتئەلدە مىللىي كۈرەش ئىچىدە پىشىپ يېتىلگەن، مىللەتكە سادىق، پىداكار، تىرىشچان، قابىلىيەتلىك كىشىلىرىمىز بار. بۇگۈنكى بۇ باسقۇچتا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ شەخسى بىخەتەرلىگىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى لازىم. خالىغان ئاشخانىلاردا، مىھماندارچىلىقتا، ئاممىۋىي سورۇنلاردا تاماق يىمەسلىگى ياكى دىققەت قىلىشلىرى لازىم. ۋەتەندىن كەلگەن ( ئەڭ يېقىنلىرى بۇلۇشتىن قەتئى نەزەر) سوغىلارنى يېمەسلىگى، كېيمەسلىگى، ئىشلەتمەسلىكىنى تەۋىسسىيە قىلىمەن. ۋەتەندىن كېلىپ تۇيۇقسىز “ياردەم سۈيەر” بولۇپ قالغان پۇلدارلاردىن ئۇزاق تۇرىشى لازىم. جورنالىست، مۇجاھىت، ئىنقىلاپچى، ئۇيغۇر دوستى… قىياپەتلىرى بىلەن يېقىنلاشقان چەتئەللىكلەرنىڭ ئەسلى كىم بولغانلىقى توغرىسىدا مۈكەممەل مەلۇماتقا ئېرىشمەي تۇرۇپ ئۇلار بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىشتىن، بىللە تاماق يېيىشتىن ساقلىنىشلىرى لازىم

چەتئەلدە ۋەتەن سۆيگۈسى بىلەن ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ مۈھىم ۋەزىپىسى، شەرقى تۈركىستاندا خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن سادىر قىلىنىۋاتقان دۆلەت جىنايىتىنى دۇنياغا بار كۇچىمىز بىلەن ئاڭلىتىش. خىتاي شەرقى تۈركىستاندا مىللىي قىرغىنچىلىق قىلىشتىن قورقمايدۇ. قورقىدىغىنى بۇ قىرغىنچىلىق پاكىتلىرىنىڭ دۈنيا جامائەتچىلىگى تەرىپىدىن بىلىنىپ قېلىشىدۇر. ۋەتنىمىزدە يۈز بىرىۋاتقان قانلىق پاجىيەلەردىن تۇنجى خەۋەر تاپىدىغانلار يەنە بىز ئۇيغۇرلار. قولى قەلەم تۇتالايدىغان ۋىجدان ئىگىسى بولغان ئۇيغۇر زىيالىلىرى، ئۇيغۇرغا ئۇيغۇرنى چۈشەندۈرۈش پائالىيەتلىرىنى بىر مۈددەت توختۇتۇپ، ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتنىڭ تىلىدا يېزىپ،سۆزلەپ ئۇ دەلەت خەلقلىرىگە شەرقى تۈركىستاندىكى مىللىي قىرغىنچىلىقنىڭ ھەققىقى ئەھۋالىنى ئاڭلىتايلى، دوستلىرىمىزنى كۈپەيتەيلى. دېموكىراتىك دۆلەتلەردە خەلق ئاۋازى ھۈكۈمەتلەرگە جىددى تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئەستىن چارماسلىقىمىز لازىم
چەتئەلدىكى مىللىي كۈرەشنى جان بېقىشنىڭ كەسپى سۈپىتىدە ئىشلىتىپ كېلىۋاتقانلارمۇ، يىللار بۇرۇن يادىلىۋالغان، قىممىتىنى يوقاتقان كونا گەپلەرنى تاشلاپ، يېڭى مەلۇماتلارنى، ھىچ بولمىسا يازغانلىرىمىزنى ئوقۇپ ئاندىن تېلىۋىزور، گېزىتلەرگە يۈگرىسۇن. بۇ كۈنلەر ھەممەيلەن ۋەزىپىسىنى چىن يۈرەكتىن قىلىشقا تىرىشىدىغان كۈنلەردۇر

چەتئەلدە جان بېقىشنى ماھارەت دەپ چۈشۈنۈپ، ھەقىقەت ئالدىدا گاس ۋە قارغۇ بۇلۇۋېلىپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ بۇگۈن خاتىرجەم ئەمەس. چۈنكى، خىتاي ئۇلارغىمۇ خاتىرجەملىك بەرمەيۋاتىدۇ. شۇنى بىلىشىمىز لازىمكى، مىللەت خاتىرجەم بولمىسىمۇ مەن خاتىرجەم ياشاش يولىنى تاللايمەن دىگۈچىلەر ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلىغىنى ئۇنۇتۇپ قالغان ئۇيغۇرلاردۇر. سىز ئۆزىڭىزنىڭ كىملىگىڭىزنى ئۇنۇتسىڭىزمۇ، خىتاي سىزنىڭ كىملىگىڭىزنى ئۇنۇتمايدۇ. مىللەت خاتىرجەملىككە ئېرىشمەي تۇرۇپ سىزنىڭ خاتىرجەملىككە ئېرىشىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس

كېچىنىڭ ئەڭ قاراڭغۇلاشقان ۋاقتى، تاڭنىڭ ئەڭ يېقىنلاشقان ۋاقتىدۇر. خىتايدا ۋە ئەتىراپىدا كۈتۈلمىگەن بىر ئەھۋال تۇيۇقسىز يۈز بىرىپ قېلىشى مۇمكىن. ھەر ئىھتىمالغا قارشى جىددىي تەييارلىق ئىچىدە تۇرىشىمىز لازىم

Share
5200 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.