logo

trugen jacn

ۇما يېزىلىرىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ 50 پىرسەنتى ئاقسۇدىكى بىڭتۇەننىڭ كېۋەزلىكلىرىدە ياللىنىپ ئىشلىمەكتىكەن

Pamuk Tarlası

قۇتلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە يەرسىز قېلىپ بىڭتۇەننىڭ كېۋەزلىكلىرىدە ياللانما ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە ئىشلەشكە مەجبۇر بولۇشى دىققەت قوزغىماقتا.

بۇ ئەھۋالنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر قىسىم رايونلاردا، بولۇپمۇ گۇما ناھىيەسىنىڭ بىر قىسىم يېزىلىرىدا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇتلۇقى بىلىنمەكتە.

بۇنىڭدىن بىرقانچە ھەپتە ئىلگىرى گۇما ناھىيەسىنىڭ مۇجى يېزىسىدىكى مەلۇم باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تەۋەلىكتىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ پاختا تېرىش ئۈچۈن ئاقسۇدىكى بىڭتۇەننىڭ كېۋەزلىكلىرىگە كەتكەنلىكىنى ئاشكارا قىلغان ئىدى. ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېزىدىكى ئەمگەك ئىقتىدارى بار ئەر، ئاياللارنىڭ كۆپ قىسمى ئاي-ئايلاپ سىرتلاردا ياللىنىپ ئىشلىگەچكە، ئۇلارنىڭ مەكتەپ يېشىدىكى پەرزەنتلىرى ئاتا، ئانا تەربىيەسىدىن خالىي ھالدا قارانچۇقسىز ياشىماقتىكەن.

بىز بۇ ئەھۋالنى گۇما ناھىيەسىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ بايانىدىن دەلىللەپ كۆرۈشكە تىرىشتۇق. گۇما ناھىيەسىنىڭ موكۇيلا يېزىلىق ساقچىخانىسى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يەرلىكتىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يىللاردىن بۇيان بىڭتۇەندىكى كېۋەزلىكلەرگە ياللانما ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە ئېقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى.

ساقچىخانىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇجى ۋە موكۇيلا يېزىلىرى گۇما ناھىيەسى بويىچە ئاھالىسى بىر قەدەر زىچ، تېرىلغۇ يېرى ئاز، سۇ مەنبەسى كەمچىل ھەمدە تۇرمۇش سەۋىيەسى تۆۋەن جايلار بولۇپ، ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ سىرتقا ئېقىپ كېتىشى ئومۇميۈزلۈك كۆرۈلۈۋاتقان ھادىسە ئىكەن.

موكۇيلا يېزىسىدا 21 مىڭدىن ئارتۇق تۇراقلىق ئاھالە بولۇپ، ھەممىسى دېگۈدەك ئۇيغۇرلار ئىكەن. ھەر يىلى 4-ئايدىن 12-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا موكۇيلا يېزىسىنىڭ ئۆزىدىنلا 10 مىڭدىن ئارتۇق ئەر، ئايال ئەمگەك كۈچى ئاقسۇ ۋە كورلا تەۋەسىدىكى بىڭتۇەننىڭ كېۋەزلىكلىرىگە ئىشلىگىلى كېتىدىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 1500 دىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچى بىر يىلنىڭ سەككىز ئېيىدا سىرتتا ياللىنىپ ئىشلەيدىكەن. 8 مىڭدىن ئارتۇق ئەر، ئايال ئەمگەك كۈچى ھەر يىلىنىڭ تۆت ئېيىدا، يەنى سېنتەبىردىن تاكى دېكابىرنىڭ ئاخىرىغىچە سىرتتا بولىدىكەن.

ئاقسۇ ۋە كورلا تەۋەسىدىكى بىڭتۇەننىڭ كېۋەزلىكلىرىگە كەتكەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەش رەسمىيەتلىرى گۇمىدىكى ھەرقايسى ساقچىخانىلار تەرىپىدىن بېجىرىلىدىكەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە «يېشىل كارتا» بېجىرىلىپ، ئاندىن كوللېكتىپ ئېلىپ مېڭىلىدىكەن. ئۇلار ئىش ئورۇنلىرىغا يېتىپ بېرىشتىن بۇرۇن ئۇلارنىڭ تىزىملىكى ۋە كونكرېت شەخسىي ئۇچۇرلىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى تورى ئارقىلىق ئاقسۇ ۋە كورلىدىكى بىڭتۇەننىڭ ساقچىخانىلىرىغا يوللىنىپ بولىدىكەن. ئىش ئورۇنلىرىدا ئۇلار بىردەك بىڭتۇەن ساقچىخانىلىرى تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدىكەن.

موكۇيلا ساقچىخانىسىنىڭ خادىملىرى بۇ يىل 7-ئايدا گۇمىدا يۈز بەرگەن قاتتىق يەر تەۋرەشتىن كېيىن دېھقانلارنىڭ تېخىمۇ زور ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گۇمىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرى بۇ يىل پاختا تېرىش باھاسىنىڭ چۈشۈپ كەتكىنىگە قارىماي داۋاملىق سىرتقا ئاقماقتىكەن. سىرتقا كەتكەن ياللانما ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ سانى ئالدىنقى يىلىدىنمۇ كۆپ ئىكەن.

ساقچىخانا خادىملىرى يەنە زور تۈركۈمدىكى ئاتا، ئانىلارنىڭ سىرتقا ئىشلىگىلى كېتىشى سەۋەبلىك مەكتەپ يېشىدىكى بالىلارنىڭ قارانچۇقسىز قالغانلىقىنى شۇنداقلا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بېسىمىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/iqtisad/uyghur-dehqan-12232015133002.html

Share
2008 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.