logo

trugen jacn

قۇرئان ۋە 21.ئەسىر-5

bismillah

مەھمەتىمىن ھەزرەت

ئاۋازدا: پەرىزات غەيرەت

5- ئاللانىڭ دۈشمىنى زۇلۇمدۇر

ئاللانىڭ بىرلا دۈشمىنى باردۇر.ئۇ دۈشمەن–زۇلۇمدۇر.

زالىم،شىرىك،ئىنكارچىلار زۇلۇمدىن ئۇزۇقلانغۇچى پارازىتلاردۇر.قۇرئاندا “زۇلۇم” سۆزى 300 دىن ئارتۇق يەردە تىلغا ئىلىنىدۇ.زۇلۇم تەرىپىدىن يارىتىلغان “زۇلمەت-قاراڭغۇلۇق” سۆزى 50 نەچچە يەردە تىلغا ئىلىنىدۇ

دىنلار تارىخى-زالىملارنىڭ ئاللاغا،پەيغەمبەرلەرنىڭ زالىملارغا قارشى ئىسيان قىلىش تارىخىدۇر.پىرئەۋىن ئاللاغا قارشى ئىسيان قىلئغان زالىمدۇر.مۇسا،پىرئەۋىنگە قارشى ئىسيان قىلغان پەيغەمبەردۇر.

ئىسلام-زۇلۇمغا قارشى ئىسياندۇر.چۈنكى،ئىسلام دىنى زۇلۇمغا قارشى كۈرەش ئۈچۈن تۇغۇلغان ۋە زۇلۇمغا قارشى كۈرەش جەريانىدا زورايغان دىندۇر.قۇرئانى-كىرىم ئالدى بىلەن زۇلۇمغا قارشى ياندۇرۇلغان مەشئەلدۇر.مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەقەتلا كەبىدىكى 360 بۇتنى پاچاقلاپ تاشلاش ئۈچۈنلا ئەمەس،بەلكى يەر يۈزىدىكى زۇلۇم ئۈستىگە قۇرۇلغان بارلىق تۈزۈملەرنى يىقىپ پاچاقلاش ئۈچۈن كەلگەن پەيغەمبەردۇر.“زىمىندا بۇزەك قىلىنغانلارغا مەرھەمەت قىلىشىڭنى ئىرادە قىلىمىز“ (قەسەس سۈرىسى 5.ئايەت).بۇ ئايەت ئاللانىڭ پەيغەمبەرگە بەرگەن ۋەدىسىدۇر. ئىسلام پەيغەمبىرى بولغان مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى زۇلۇمغا قارشى كۈرەش قىلىش، زۇلۇمغا ئۇچىرىغان مەزلۇملارنى ئازاتلىققا چىقىرىشقا بېغىشلانغان ھاياتتۇر. ئەگەر سۈيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز بۇگۈن ھايات بولغان بولسا ئىدى، ئالدى بىلەن يەر يۈزىدە ئەڭ دەھشەتلىك زۇلۇمغا ئۇچىراۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئازات قىلىپ ھۈرىيەتكە ئېرىشتۈرۈشنى ئەڭ بىرىنجى ۋەزىپىسى قىلغان بولاتتى. ئەي ئۇيغۇر مۇسۇلمان سەن رەسۇلىللانىڭ بىر ئۈممىتى بولۇش سۈپىتىڭ بىلەن ئۆزەڭنىڭ، ئائىلەڭنىڭ، دىنىڭنىڭ، ۋەتىنىڭنىڭ، مىللىتىڭنىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن قانچىلىك ھەسسە قوشتۇڭ؟ ياكى قوشۇش ئىرادەڭ بار؟ بۇ سوئالنى ئالدى بىلەن ۋىجدانىڭدىن سور. نامازدا ئاللا بىلەن يۈزمۇ يۈز تۇرغىنىڭدا، ئاللانىڭ قەلبىڭنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىغىنى ئۇنۇتما!

قۇرئاننىڭ مۇنۇ ئايىتىنىڭ مەزمۇنىنى مۇتائالا قىلىپ كۆرەيلى؛ “ئەي مۆمىنلەر! سىلەر ئاللاغا ياردەم بەرسەڭلار،ئاللا سىلەرگە ياردەم بىرىدۇ.” (مۇھەممەد سۈرىسى 7.ئايەت) قۇدىرىتى تەڭداشسىز بولغان ئاللا،قانداقچە ئاجىز ئىنساندىن ياردەم تەلەپ قىلدى؟ نىمە ئۈچۈن؟ ئاللانىڭ ئىنساننىڭ ياردىمىگە ئىھتىياجى بارمۇ؟ بۇ قانداق ياردەم؟ بىرمۇنچە مۇسۇلمان دىن ئەھلى بۇ سۇئالغا جاۋاپ بىرەلمەيدۇ،ياكى خاتا جاۋاپلايدۇ.ئالدى بىلەن ئاللانىڭ دۈشمىنى نىمە؟ دىگەن سۇئالغا جاۋاپ تىپىلىشى لازىم.ئاللانىڭ دۈشمىنى-زۇلۇمدۇر.شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانلارغا قىلىنغان زۇلۇمغا قارشى كۈرەش قىلىشنىڭ ئۆزى ئاللاغا ياردەم قىلىغانلىق بولىدۇ.

قۇرئان،يەريۈزىگە ئادالەت ئورنۇتۇش ئۈچۈن چۈشۈرۈلگەن كىتاپتۇر.كۇپۇر ئۈستىگە قۇرۇلغان تۈزۈملەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشى مۇمكىن.چۈنكى،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ۋاختىدا كۇپۇر ئۈستىگە قۇرۇلغان بىر قىسىم دۆلەتلەر بىلەن كىلىشىم ھاسىل قىلغان.بۇگۈنمۇ مۇسۇلمان دۆلەتلەر،مۇسۇلمان بولمىغان دۆلەتلەر بىلەن دىپلوماتىك،دوسلۇق مۇناسىۋەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ.بىراق زۇلۇم ئۈستىگە قۇرۇلغان تۈزۈملەرنىڭ مەۋجۇدىيىتىگە بويۇن ئىگىش،ياردەم بىرىش ئاللانىڭ ئىرادىسىگە خىلاپتۇر.چۈنكى،زۇلۇم ئاللانىڭ دۈشمىنىدۇر،ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنىدۇر.ئاللا،ئەركىن ياراتقان ئىنسان روھى زۇلۇمنى رەت قىلىدۇ. زۇلۇمنى قولىدىكى بىلەيزۈك دەپ خوشلانغۇچى ئىنساننىڭ بويۇندۇرقىغا ئاشىق ئۆكۈزدىن ھېچبىر پەرقى يوقتۇر.

ئىسيان روھى يىڭى تارىخى دەۋىرلەرنىڭ يارىتىلىشىنىڭ موتۇر كۇچىدۇر.ئىبىراھىم ئەلەيھىسسالام،ئاللانى رەت قىلغان دادىسىغا قارشى ئىسيان قىلمىغان بولسا،مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۆزىنى بىقىپ چوڭ قىلغان ئامما ئۆزىنى ئاللا ھىساپلايدىغان پىرئاۋىنغا قارشى ئىسيان قىلمىغان بولسا،ئەيسا ئەلەيھىسسالام،تەۋراتنى پۇل تىپىشنىڭ سەرمايىسى قىلىۋالغان يەھۇدى خاخام (يەھۇدى دىنى موللىلار)غا قارشى ئىسيان قىلمىغان بولسا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام،جاھالەت ئەسەبىيلىگى بىلەن ياۋايى ۋە بىدئەت ھايات ئادەتلىرىنىڭ بويۇنتۇرىغى ئاستىدىكى قەۋمى قۇرەيىش زالىملىرىغا قارشى ئىسيان قىلمىغان بولسا،ئىنسانىيەت مەدىنىيىتى يىڭى-يىڭى پەللىلەرنى ھالقىپ ئۆتۈپ بۈگۈنكى دەۋىرلەرگە كىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

بىدئەت،پاسىق،بۇزۇقچىلىققا پاتقان،ئۆز زامانىدىكى مەدىنىيەت مەركەزلىرىدىن ناھىيىتى ئۇزاقتا بولغا ن قالاق،بۇتپەرەس قۇرەيىش قەبىلىسى كىچىككىنە شەھەر بەگلىكى بولغان مەككىدە ياشايتتى ۋە كەبىنى ئانىدىن تۇغما قىپ-يالىڭاچ چۆگىلەپ بۇتقا تازىم قىلىشنى ئىبادەت ھىساپلايتتى.ئەنە شۇنداق بىر ئازغۇن جەمىيەتتە،مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قۇرئاندىن ئىبارەت نۇر ئارقىلىق جاھىلىيەت قاراڭغۇلىقىغا قارشى ئىسيان بايرىقىنى كۆتۇرۇپ چىققانلىقى ئۈچۈن ئەرەپ يىرىم ئارىلىنىڭلا ئەمەس،دۇنيا تارىخىنىڭ يۈنۈلۈشى ئۆزگەردى.ئىنسانىيەت يىڭى بىر مەدىنىيەت دەۋرىگە كىردى.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام،مەككىنى تاشلاپ مەدىنىگە ھىجىرەت قىلىپ چىققان ھىجىريە 622.يىلىدا بىر نەچچە يۈزلا مۇسۇلمان بار ئىدى.630.يىلى رەسۇلىللا مەككىنى فەتىھ قىلغىلى مەككىگە كەلگەندە،باش قۇماندان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇماندانلىقى ئاستىدا 10 مىڭدىن ئارتۇق ئىسلام مۇجاھىت قۇشۇنى بار ئىدى.

مىلادى 632.يىلى سۈيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ۋاپات بولغاندا،جەنۈبى ئەرەبىستان ئىسلام بايرىغى ئاستىدا بىرلىشىپ بولغان ئىدى.ئۇ كۈنلەردە ئەرەپ يىرىم ئارىلىنىڭ شىمالىدا ساسانىلارنىڭ كۈچلۈك پەرس ئىمپىرىيىسى،غەرىبى شىمالدا پايتەختى كۇنىستانتىنىپول (ئىستانبۇل) بولغان شەرقى روم ئىمپىرىيىسى بار ئىدى.ھەر ئىككى ئىمپىرىيە مەدىنىيەت،ئەسكىرى كۇچ ۋە دۆلەت باشقۇرۇش تەجىربىسى جەھەتتە مۇتلاق ئۈستۈنلۈكتە ئىدى.مۇسۇلمانلار ئاز ۋە ئەسكىرى كۈچى ئىنتايىن يىتەرسىز ئىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغان،مۇسۇلمانلار ماتەم قايغۇسىدا ئىدى.مۇسۇلمانلار دۇنيادا يىتىم ۋە ئاجىز بولسىمۇ،بىراق ئۇلارنىڭ قولىدا ئاللانىڭ قۇرئانى بار ئىدى.شۇڭا،مىلادى 642.يىلىغا كەلگەندە مىزىپوتامىيە،سۈرىيە،پەلەستىن،مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەر ئىسلام ئارمىيەسى تەرىپىدىن فەتىھ قىلىنىپ بولۇنغان ئىدى.

مىلادى 711.يىلغا كەلگەندە شىمالى ئاپىرىقىنىڭ تامامى ئىسلام خەلىپىلىگى تەۋەلىگىگە ئۆتۈپ بولغان بولۇپ،ئىسلام ئارمىيەسى ھەبەشىستان بىلەن ئىسپانىيە ئارىسىدىكى جەبىرى تارىق بۇغىزىدىن ئۆتۈپ ۋىزگۇت پادىشالىغىنى تارىمار قىلدى ۋە داۋاملىق ياۋرۇپانىڭ يۇقىرى تەرىپىگە قاراپ ئىلگىرلىدى.ئىسپانىيە زىمىنىنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمانلارنىڭ قولىغا ئۆتتى.ئىسپانىيەدە ئەزان ساداسى ياڭرىمىغان بىرمۇ شەھەر،بىرمۇ يىزا قالمىدى.پەيغەمبەر ئارمىيىسىنىڭ پىرانسىيە زىمىنىدا ئىلگىرلەۋاتقان قۇشۇنى تۇنجى قىتىم 732.يىلى تۇر ئۇرۇشىدا پىرانسۇز ئارمىيەسى تەرىپىدىن قىسمەن چىكىندۈرۈلگەنگە قەدەر ھىچبىر ئۇرۇشتا ئارقىغا چىكىنىپ باققان ئەمەس.بۇ يىللاردا ئىسلام ئارمىيەسىنىڭ بىر قىسمى ئورتا ئاسىيا ۋە ھىندىستان تەرەپلەردە سۈرئەت بىلەن ئىلگىرلەۋاتاتتى.

ئاتلانتىك ئوكىياندىن ھىندى ئوكىيانىغىچە،ياۋرۇپا،ئاپىرىقا،ئورتا ئاسىيا،جەنۇبى ئاسىيا،ھەتتا شەرقى ئاسىياغىچە ئىسلام دىنى سۈرئەت بىلەن تارالدى.ئىسپانىيەدە قۇرۇلغان ئەندۇلۇس دۆلىتى،مۇسۇلمان دۇنياسى ئۈچۈن بىلىم ئەھلى يىتىشتۈرۈپ بىرىشتە غايەت زور تارىخى رول ئوينىدى.خىرىستىيان دۇنياسىنىڭ بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ توختاۋسىز ۋە شىددەتلىك ھۇجۇمى ئاستىدىمۇ،ئىسلام ئارمىيەسى ياۋرۇپادا 700 يىل پۇت تىرەپ تۇردى.

ئىسلام دىنى نىمە ئۈچۈن ئىككى –ئۈچ ئەسىر ئىچىدە پۈتۈن يارشارىدا بۇنچىۋالا تىز ۋە كەڭ كۈلەملىك غەلىبىگە ئىرىشتى؟چۈنكى،ئىسلام،بارغانلا يەردە زۇلۇم قەلئەلىرىنى پاچاقلاپ تاشلاپ،ئەركىنلىك،ئادالەتنى بەرپا قىلغانلىقى ئۈچۈن.قۇللۇق تۈزىمىنى بىكار قىلىپ،ئىنسانلارنىڭ ھەقىقى باراۋەرلىگىنى كاپالەتكە ئىگە قىغانلىغى ئۈچۈن.زۇلۇمغا قارشى ئىسيان،يىڭى بىر زۇلۇمنى ئىلىپ كىلىش ئۈچۈن ئەمەس،ئەبىدىلىك ئادالەتنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان قۇرئانى كىرىمنى ئەكەلگەنلىكى ئۈچۈن ئەنە شۇنداق مۆجىزىۋىي،ئالەمشۇمول تارىخى غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

ئىمان بار يەردە زۇلۇم بولمايدۇ.زۇلۇم بولغان يەردە ئىمان بولمايدۇ.شۇنى بىلىشىمىز لازىمكى،كۆپلىگەن مۇسۇلمان دۆلەتلەردىكى دىكتاتۇر-مۇستەبىت تۈزۈملەر،قانۇنلىرىنىڭ مەنبەسى قۇرئان ئىكەنلىگىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ،ئەمىلىيەتتە قۇرئاننى مۇسۇلمانلارغا زۇلۇم قىلىشنىڭ ۋاستىسى قىلىپ كەلمەكتە ياكى مۇسۇلمانلارغا زۇلۇم قىلغان زالىم،قانخور تۈزۈملەرگە يانتاياق بولماقتا.بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆزلىرىگە ھالاكەت،خەلىقلىرىگە بالايى ئاپەت ئەلىپ كەلدى.

زۇلۇمغا ئىتائەت قىلىش بولسا،زۇلۇمغا ئورتاق بولغانلىقتۇر.”پىرئەۋىن قەۋمىنى گوللىغانلىقتىن،قەۋمى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلدى.(بۇ جۇملىنىڭ ئەسلى مەزمۇنى؛پىرئەۋىن قەۋمىنى كەمسىتىپ خورلىدى.قەۋمىمۇ ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلدى).ئۇلار ھەقىقەتەن پاسىق قەۋىم ئىدى.ئۇلار بىزنى دەرغەزەپ قىلغاندا،ئۇلارنى بىز جازالىدۇق.ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى (دىڭىزدا)غەرىق قىلدۇق.ئۇلارنى بىز كىيىنكىلەرگە نەمۇنە ۋە ئىبرەت قىلدۇق” (زۇخرۇف سۈرىسى 54-55.ئايەت).بۇ ئايەتتە،پىرئەۋىننىڭ قەۋمىنى (خەلقىنى) خورلاپ ئىزىشى بىلەن قەۋمى(خەلقى)نىڭ ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت بايان قىلىنىدۇ.ئايەتنىڭ داۋامىدا “ئۇلار ھەقىقەتەن پاسىق قەۋىم ئىدى”دەپ يەكۈن چىقىرىلىدۇ.بۇ ئايەتتە،خەلقنىڭ زالىمغا قارشى چىقماي،بەلكى ئىتائەت قىلىشى ئاللانى دەرغەزەپ قىلغانلىقىنى كۆرىۋەلىش مۇمكىن.ئايەتتە،زۇلۇمغا ئىتائەت قىلغان خەلق زۇلۇمكار بىلەن بىللە ئاللا تەرىپىدىن ھالاك قىلىنغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.نىمە ئۈچۈن؟ “كىيىنكىلەرگە نەمۇنە ۋە ئىبىرەت” بولسۇن ئۈچۈن.چۈنكى،ئۆزىنى “تەڭرى” ئىلان قىلغان پىرئەۋىننى “تەڭرى”لىك دەرىجىسىگە كۆتەرگەنلەر،ئۇ زالىمنىڭ زۇلىمىنى تارتقان ۋە تىخىمۇ قاتتىق زۇلۇم قىلىشىدىن قورقۇپ خوشامەت يولىنى تاللىغان خەلق ئىدى. “پىرئەۋىن ۋە قەۋمىنىڭ چوڭلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە زىيانكەشلىك قىلىشىدىن قورققانلىقى ئۈچۈن،قەۋمى ئارىسىدىن بىر قىسىم ياشلاردىن باشقىلار مۇساغا ئىشەنمىدى.چۈنكى،پىرئەۋىن ئۆز زىمىنىدا ھەقىقەتەن مۇتەكەببىردى،ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشقان ئازغۇندى.” (يۇنۇس سۈرىسى 83.ئايەت).پىرئەۋىنلارنى ياراتقۇچى ئامىل،خەلىقنىڭ قۇللۇق پىسخولوگىيىسىدۇر.قۇل مەۋجۇت بولمىسا ئىدى،قۇلدارلار مەۋجۇت بولماس ئىدى.ئايەتتە،مۇسا پەيغەمبەرگە ئەگەشكەنلەرنىڭ پەقەتلا بىر قىسىم ياشلار ئىكەنلىگى كۆرسىتىلگەن.بۈگۈنكى جەمىيەتتىمۇ زۇلۇمغا قارشى كۆكرەك كىرىپ چىقىۋاتقانلار ياشلاردۇر.ئاللانىڭ، قىرىپ كەتكەنلەرنى ئۇ دۇنياغا ئىلىپ كىتىپ،يىڭى بۇۋاقلارنى بۇ دۇنياغا سوغا قىلغانلىقىنىڭ ھىكمىتىمۇ بۇ سەۋەپتىن بولسا كىرەك.

ناماز پەقەتلا باشنىڭ يەرگە ئۈسسۈشى ئەمەس،بەلكى ئاللا بىلەن يۈزمۇ يۈز دىدارلىشىشىدۇر،قەلپنىڭ ئاللاغا تەسلىمىيىتىدۇر.ئاللاغا تەسلىم بولغان قەلپ ھىچبىر زالىم كۈچكە تەسلىم بولمايدۇ.

ئاللا مۆمىنلەرنى “ گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار” (مائىدە سۈرىسى 2.ئايەت) دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ.مەسچىتتە ئاللاغا تازىم قىلىپ،تاشقىرىدا زالىمغا تازىم قىلىش مۇناپىقلىقنىڭ ئالامىتىدۇر.

ئۇيغۇر جەمىيىتىدە زۇلۇمغا قارشى ئىسيان بايرىغى ئاچقانلار بىلەن زۇلۇمنى قوللاپ ئۆز قېرىنداشلىرىنى كاپىرلارنىڭ دۇزاق ئوتىغا تاشلاش ئۈچۈن ياردەملەشكەنلەرنىڭ نىسپىتى قانچىلىك؟ زۇلۇم ئۆز بېشىغا كەلمەي تۇرۇپ زۇلۇم چېكىۋاتقان قېرىندىشىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەركەت قىلغۇچىلار قانچىلىك بولدى؟ ”قەھرىمان ئوق يەيدۇ، بالىلىرى پوق يەيدۇ“ دەيدىغان يىرگىنىشلىك خەلق ماقالىسىنى ئۇيغۇر مىللىتىدىن باشقا قايسى مىللەت ئىجات قىلالايدۇ؟ يېقىنقى تارىخىمىزدا باسقۇنچى كاپىرلار غا قارشى جەڭ قىلىپ ئوق يىگەن سان ساناقسىز ئۇيغۇر قەھرىمانلىرىنىڭ بالىلىرى پوق يېگەنلىكى, ھەتتا ئورگان ماپىيالىرىغا سېتىۋېتىلگەنلىكى راس ئەمەسمۇ؟ زۇلۇمغا يانتاياق بولغانلارنىڭ ئۆزلىرى بۇگۈن قانداق زۇلۇم كۆرەۋاتىدۇ؟  “سىلەرگە نىمە بولدى؟…. پىكىر قىلمامسىلەر؟” (ساففات سۈرىسى 153-154.ئايەت) .

زۇلۇم نىمە ئۈچۈن ئاللانىڭ دۈشمىنى؟ چۈنكى،زۇلۇم ئىنسانلارنىڭ قەدىر-قىممىتىنى،غۇرۇرىنى ئاياق-ئاستى قىلغۇچى،،روھىنى،ئەخلاقىنى،خاراكتىرىنى بۇزغۇچى ئامىلدۇر.بۇزۇلغان ئىنسانلاردىن چىرىگەن جەمىيەت مەيدانغا كىلىدۇ.زالىم تۈزۈملەر پەقەت چىرىگەن جەمىيتتىن ئۇزۇقلىنىش ئارقىلىق ئۆمرىنى ئۇزارتىدۇ.زۇلۇم،ئەركىنلىكنىڭ دۈشمىنىدۇر.زۇلۇم،ئەركىنلىككە سىلىنغان كويزا-كىشەندۇر.زۇلۇمدىن زالىم تۇغۇلىدۇ.زالىمنىڭ بىردىن بىر ئۇزۇق مەنبەسى زۇلۇمدۇر.زالىمنىڭ يارىتىدىغىنى زۇلمەتتۇر.شۇڭا ئاللا،زۇلۇمنى،زۇلۇم قىلغۇچىنى،زۇلۇمغا ئىتائەت قىلغۇچىنى لەنەتلەيدۇ.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەركىنلىكنىڭ سىموۋىلىمۇ ياكى سەللە-يەكتەكنىڭ سىموۋىلىمۇ؟ دىگەن ئۇقۇمنى مۇسۇلمان دۇنياسى،جۈملىدىن ئۇيغۇر جامائىتى تەكرار تەپەككۇر قىلىشى كىرەك.

Share
4039 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.