logo

trugen jacn

ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغدىيالىغانلار ئىززىتى-ھۆرمىتى بىلەن ياشايدۇ

ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغدىيالىغانلار ئىززىتى-ھۆرمىتى بىلەن ياشايدۇ ۋە ياشنىيالايدۇ

مۇئەللىم

ھاياتلىق ئالىمىدە، ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغدىيالىغانلار ھامان ئىززىتى-ھۆرمىتى بىلەن ياشايدۇ ۋە ياشنىيالايدۇ. ھەققى-ھوقۇقى ئۈچۈن جېنى ۋە مېلىنى پىداكار قىلغانلار، ئاجىز بولسىمۇ ھامان ھەقسىزنى يېڭىپ ھەققىنى ئالالايدۇ. بىزنىڭ ئەڭ چوڭ قورالىمىز ”ھەقلىقلىقىمىز“ دۇر.
ئۇرۇشتا قەھرىمانلىق قىلىپ يېڭىلگەنمۇ بىر ھىساپتا يەڭگىچىدۇر، چۈنكى قەھرىمانلىق بىلەن يېڭىلگۈچى ھەقسىز يەڭگۈچىنىڭ روھىنى سۇندۇرۇپ ساراسىمگە سالغان بولىدۇ، ھەقسىزنىڭ ساراسىمگە چۈشۈشى، ئەلۋەتتە ھەقسىزنىڭ يېڭىلىشكە يۈزلەنگىنىدۇر…
خىتتايلار زىمىنىمىزغا بىلىپ – بىلمەي ئىشغالچى بولۇپ قالدى، بۇ ئىشغالنى خىتتاي ئۈچۈن ئەمەلىلەشتۇرگۈچى روسلاردۇر. روسلار ئىۋان گىروزنى باشچىلىقىدا 1547-يىلدىن باشلاپ مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلىپ تارىخى دۈشمىنى ھىسابىدا ، كۈشەندىسى تۈركى خەلقلەردىن ھىساپ ئېلىش ۋە زېمىنلىرىنى مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئىستىلا پىروجىلىرىنى ئاكادىمىك دەرىجىدە يۇقۇرى سەۋىيەدە پىلانلاپ ، تەدرىجى ئەمىلىلەشتۇرۇشكە مۇۋەققەت بولدى، چۈنكى بىزنىڭ تارىخى چۆكۈشىمىز روسلارنىڭ پەن-تېخنىكىنى ئاساس قىلغان تارىخى باش كۆتۇرۇشىگە ئوڭ تاناسىپ بولۇپ ئاجىزلىق(نامراتلىق، نادانلىق ۋە خۇراپىيلىق)نىڭ جازاسىنى نەچچە ئەسىرلەپ تارتتۇق ۋە ھالا تارتىۋاتىمىز…
روسلار 19-ئەسىرنىڭ كىرىشىدىن باشلاپ، ئەسلىدە بار ئەمما ئىشەنچىسى يوق خىيالىدىكى خىتتاينى، ئەمدى كارغا كېلىدىغان شېرىك قىلىپ ئەمەلىلەشتۇرۇشنى ئەمەلى ھەركىتى بىلەن باشلىدى، ياپون دېڭىزىغىچە سۇرۇلگەن چەكسىز بىپايان ئالتاي تىلغا تەۋە تۇركىي قەۋمىنىڭ زېمىنلىرىنى ئوڭۇشلۇق ئىستىلا قىلىپ، مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرىۋېلىش ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئوخشاشلا تۈۇركى قەۋىملەرنىڭ قەدىمدىن تارتىپ تەھدىتىدە قورقۇنچ بىلەن ياشاپ كەلگەن خىتتاينى شىرىك ۋە قول چۇماق قىلىپ تاللىۋېلىشى روسلار ئۈچۈن ئاقىللىقتۇر…
روسلار ئۈستۈنلۈك بىلەن ئىچكى ۋە شەرقىي شىمالى ئاسىيانى مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرۇپ بولغاندىن كىېيىن مەرگىزى ئاسىيانىڭ كېندىكى بولغان بىزلەرنىڭ ئەسلىگە كەلتۇرگەن قەشقەرىيە خانلىقىمىز ۋە ئىلى سۇلتانلىقىمىزنى، ناھايتى ئۇستىلىق بىلەن نامىدىلا مانجۇ ئىمپىريەسى ئاتىلىپ قالغان، ئەمەلىيەتتە خىتتايلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن مانجۇ(تاتار) ئىمپىريەسىگە(ئاتالمىش ئىگىسىگە) قايتۇرۇپ بېرىش ئويۇنىنى خەلقئارادا مۇۋاپىقىيەتلىك ئويناپ، بۈگۈنكىدەك خىتتاينىڭ ئىشغالىغا تولۇق چۈشۈپ قېلىشىمىزنىڭ تۇنجى باسقۇچىنى باسقان بولدى…
1917-يىلىغا كەلگەندە، قىزىللاشقان روسلار تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ، بىزنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىمىزنى ئەسلىگە كەلتۇرۋېلىشىمىزنى، ئۆزلىرىگە ئەڭ زور تەھدىت ھىساپلاپ، ئاخىرى 1949- يىلدا ئۆزىلىرى تەرىپىدىن قىزىللاشقان خىتتايغا زورلاپ تاڭدى ۋە تاكى 1959-يىلغىچە خىتتايلارنىڭ بىزنى باشقۇرۇپ كېتەلىشىگە ئىشەنچ قىلالماي، ھەر جەھەتتىن باشقۇرۇش سېستىمىسىنى بەرپا قىلىشىقا ياردەملىشىپلا قالماي، خىتتاي نامىدا بارلىق ئاساسى ئەسلىھە ۋە باشقا كان-كارخانا،زاۋۇت قۇرلۇشلىرىنىمۇ قىلىشىپ بەردى. ئاخىرى 1962- يىلغا كەلگەندە، بۇ قىزىل ئاتا-بالا ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت ئۆتكۈرلىشىپ، ئۆرۈشۈش دەرىجىسىگە كەلگەندە ، سوۋېت چېگراسىنى تولۇق تاقىۋېلىپ خىتتايغا ئوڭچە تاشلاپ بەرگەن بولدى، خىتتاي مىللىتى تارىختىن بۇيان ئۆزىدىن باشقا مىللەتنى مۇۋەپىقىيەتلىك ئەل قىلالىغان ئەمەس، ھۇنلار، ئۇيغۇرلا،جۇرجىتلار(ئەسلى تاتارلار) موڭغوللارنىڭ ئىستىلاسى بىلەن نورمال تېنچلىق، نورمال ھايات ۋە نورمال تەرەققىياتقا ئىرىشكەن، ئۆزلىرى مۇستەقىل بولغاندا پەقەت سەدىچىن مۇداپىيە قورغىنى ياساش ۋە رېمونت قىلىش ئىشلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ خىتتايلىرىغا زۇلۇم سالغان تارىختۇر، خىتتاينىڭ پۇقرالىرى پەقەت شىمالدىكى تۇركى قەۋملەرنىڭ ئىستىلاسىدىلا خاتىرجەم ياشىيالايدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكەچ شۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە ھاكىم بولۇشنى خالاپ قالغان ۋە ئارزۇدا بولغان.
1512-يىلى ياۋۇز سۇرلتان سېلىم، ئوتتۇرا يەر دېڭىزىنىڭ كىرىش ئېغىزى بولغان، جەبىلتارىق بوغۇزىنى كونترولىغا ئالغاندىن كېيىن، ياۋرو ئاسىيانىڭ تىجارى ھەقلىرى بوغۇلغاندىن تارتىپ، 1600-يىللىرىدىن باشلاپ غەرپتىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ پۇقرالىرىغا، ”بېرىتانىيە شەرقىي ھىندىستان شىركىتى“گە ئوخشاش شىركەتلىرىنى قۇرۇشقا ، ئىجازەت ۋە رىغبەت بېرىشى بىلەن، دېڭىز-ئوكيان تىجارى يوللىرىنىڭ راۋانلىشىشى سەۋەپ، تېنچ ئوكياننىڭ غەربى قىرغاقلىرىدىكى قالاق قۇل مىجەز خىتتايلارنىڭ، قۇللۇق خارەكتىرى غەرپ كاپىتالىنىڭ خىتتايغا ئېقىشىغا سەۋەپ بولدى، شۇندىن باشلاپ 3 ئەسىرلىك جاھان كەچتى كاپىتالىستلار ئۈچۈن،تەبىئىتى قۇل مىجەز خىتتايلار، ئەرزان ئەمگەكچىگە ئىھتىياجى بولغان غەرپنى ئەڭ قانائەتلىنەرلىك قاندۇرغان بولدى، 1900- يىلىغا كەلگەندە، خىتتاينىڭ دېڭىز بويلىرى شەرقنىڭ ئەڭ تەرەققىي قىلغان زامانىۋى پورت شەھەرلىرىگە ئايلاندى، شاڭخەي شەرقنىڭ پارىژىغا ئايلانغان بولۇپ ، شۇ مەزگىلدىكى دۇنياۋى داڭلىق بانكىرلار ، مۇكەممەل پۇل-مۇئامىلە سېستىمىسىنى شەكىللەندۇردى. بۇ سەۋەپ خىتتايلار قالاق قۇل مىجەزلىكتىن، سانائەت دەۋرىگە خاس ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە ئىستىمالچىغا ئايلىنىپ قالغان بولدى، بۈگۈنكى خىتتاينىڭ بۇ ھالەتكە كېلەلىشى شۇ غەرپنىڭ ئۇزۇن يىللىق ياردىمى(مەنپەئەتدارلىق تىجارى سەۋەپ) ۋە ئاخىرىدا غەرپ كاپىتالىزىمغا قارشى سوۋېت تەرەپتىن سىياسى،ئىقتىسادى ۋە ھەربى ياريۆلىكى بىلەن، خىتتايغا تەۋە بولمىغان (ئەسلىدە مانجۇ_تاتار ئىمپىريەسىگە ئەل بولۇپ قالغان)زېمىنلار، مەجبۇرەن خىتتايغا تېڭىلغان بولدى…
سوۋېت روسلىرى تەرىپىدىن، خىتتاي قىزىل ھاكىمىيىتى قۇرۇلغاندىن تارتىپ ، ماۋزىدوڭ ئۆلگىچە ئىنسانىيەت تارىخىدا يۈز بېرىپ باقمىغان ئەخمىقانە قىلىقلار ۋە ئاچارچىلىق يۈز بېرىپ، ئاخىرى ماۋزىدوڭ خىتتاينىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئاچارچىلىق ۋە قەھەتچىلىك ئاخىرلاشقىلى ۋە يەنە شۇ غەرپنىڭ ياردىمى بىلەن، ئىسلىھات قىلىپ ئىشىگىنى ئاچقاندىن كېيىن، ئاچارچىلىقتىن تەدرىجى قۇتۇلغان بولدى، ئەمما بۇ خىتتاي ھاكىمىيىتى يەنىلا قوسىقى تويغانلاردىن قورقىدىغان، ئەنئەنىسى بىلەن مۇتلەق مۇستەبىتلىكنىڭ چارىسىنى قىلىپ ،مانا ھەتتا بۈگۈنكىدەك ئۆز خىتتايلىرىنىڭ ئازادە ئەركىن ياشىشىدىنمۇ ئەندىشە قىلىدىغان ۋە مۇتلەق ھەربى تىرور ھالىتىدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان ھالەتكە كەلدى.دۇنيا جامائىتى خىتتايلارنى دايىم ئىنسانىيەت جەمىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنيەتلىرى ۋە ئىقتىسادى تەرەققىيات قانۇنيەتلىرى بىلەن تەھلىل قىلىپ ئالدىنىپ كېلىۋاتىدۇ، بىزمۇ خىتتاينىڭ ئۆزلىگىدىن يىقىلىپ پارچىلىنىشىنى، تۆت كۆز بىلەن كۈتۈپ يىغلاپ قاقشاپ دەرت ئېيتىشتىن ئارتۇق ئىش قىلالماي كېلىۋاتىمىز…
ئەمەلىيەتتە خىتتاينى بىزدىن ياخشى چۈشىنىدىغان ۋە چۈشىنەلەيدىغان باشقا خەلق يوقتۇر. خىتتاي مىللىتى دۇنيادىكى ئەڭ قورقۇنچاق ۋە قۇل مىجەز مىللەتتۇر.
روسىيە ئىمپىريەسىنىڭ ئايال پادىشاھى 2- ئېكاتىرىنانىڭ، 1771-يىلى 3 ئايدا، فىرانسىيەنىڭ پەيلاسوپى ۋولتايغا يازغان خېتىدە : <<تاتارلار(قەدىمكى جۇرجىتلار ۋە كېيىنكى مانجۇرلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ) ئىستىلاسىغا چۈشۈپ قالغان چىنلىقلار ، قورقۇنچاق مىللەت ئىكەن، %1 گىمۇ يەتمەيدىغان تاتارلارغا ئەل بولۇپ كېلىۋېتىپتۇ ، چىنلىقلار، چاشقاننىڭ يۈرىگىچىلىكمۇ يۈرىكى يوق مىللەت ئىكەن>> دەپ يېزىلغان.
دىمىسىمۇ ھەقىقەتەن قورقۇنچاق مىللەتتۇر ، ھازىر ۋەتىنىمىز شەرقىي تۇركىستاندا تۇرىۋاتقان خىتتايلار، ھەر قانداق ئۇيغۇرنى كۆرسە ، بىلىپ – بىلمەي سۈر باسىدۇ ۋە قورقىدۇ، چۈنكى ئۇيغۇر دىگەنلىك زىمىننىڭ ئىگىسى دىگەنلىكتۇر، خىتتايلارنىڭ ئارزۇسى دۆلەت كۈچى بىلەن ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىۋېتىش، بولمىسا بۇ كۆچۈرۈلگەن ئاققۇن خىتتايلارنىڭ خاتىرجەم ياشىيالمۈيدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ.
بارىن ئىنقىلاۋىدا ئاتقان ئوقىمىز، خىتتايلارنى ئاجايىپ ساراسىم، ۋەھىمىگە سالغان بولۇپ، ئاشكارە قېچىشنىڭ ئىمكانى بولمىغاچ،ھەر باھانىلەر بىلەن يوشۇرۇن قېچىشلار ئۇزۇنغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن.
قىسقىسى ئەڭ ئاددىسى؛ خىتتايغا ئوق ئاۋازىنى يەتكۈزەلىسەك ۋە بىر مەزگىل داۋاملاشتۇرالىساق ئۈنۈمىنى كۆرەلەيمىز، ئۇندىن ئارتۇغىنى قىلالىساق ئىچىمىزدىمۇ ۋە تاشقى دۇنيادىمۇ ئىتراپ ۋە مەدھىيەلەرگە ئېرىشكەن زىمىن ئىگىسىگە لايىق ئىش قىلالىغان بولىمىز…
ئەسكىرى يوق مىللەت قانداقمۇ ھۆرمەتكە ئېرىشەلىسۇنكى …!؟

 

2023،8،31. ئىستانبۇل

Share
2209 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.