logo

trugen jacn

ھەق سۆز زىيان ئىلىپ كەلسىمۇ چوقۇم سۆزلىگىن 

 

 

مۇرات پەرھات ئاتامان

ھەق سۆز زىيان ئىلىپ كەلسىمۇ چوقۇم سۆزلىگىن
“پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام“

يىقىنقى ئايلاردىن بۇيان ئۇيغۇر تور دۇنياسىدا يۇز بىرىۋاتقان يىرگىنىشلىك ھادىسلەر رەزىل خىتاي ۋە ئۇلارنىڭ چۇماقچىللىرنى ئالامچە خۇش قىلۋاتقان بولسا، قەلبىدە ۋەتەن -مىللەت دەپ پۇچۇلىنىۋاتقان ئوت يۈرەك، قەلبى پاكىز ۋىجداننى ساپ ،كىچە-كۇندۇز بۇ تەلەيسىز،بەختىسز مىللەتنىڭ دەردىدە كۆيۋاتقان پىداكار قېرىنداشلىرىمىزنى قاتتىق ئازابلاۋاتىدۇ.بۇ ئاخىرى چىقمىغان ئۇرۇش جىدەلل، زىرىكىشلىك مەدھىيلەر،گورۇۋازلىقلاربۇگۇنكى داۋايىمىزغا تەسۋىرلىگۇسىز تۇسالغۇلارنى ئىلىپ كىلىۋاتىدۇ.داۋايىمىزنىڭ يۆلىنىشنى ۋە سۇرئىتىنى ئاستىلتىپ
باردۇ.دەۋانىڭ ئالدا كىتىۋاتقانلارنىڭ پۇتۇن كۇچى قانداق قىلىپ خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزدىكى زۇلۇمنى توختۇتۇشقا ئەمەس بەلكى ئىچىكى ئۇرۇش ۋە جىدەلگە قانداق تاقابىل تۇرۇش .ئۆزى ھەققىدە بۇلۋاتقان سۆز-چۆچەكلەرگە قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشقا مەجبۇرلاپ قويۋاتىدۇ.بىز بۇ يەردە بىر كۇننى بىخۇتلۇق ئىچىدە ئۆتكۇزسەك ۋەتىنىمىزدە يۇز قېرىندىشىمىز بىگۇناھ ئۆلىدۇ، بىز بۇ يەردە بىر كۇننى سوقۇشۇپ ئۆتكۇزسەك ۋەتىنىمزدە مىڭ قىرىندىشىمىز لاگىرلارغا سۇرگۇن قىلىندۇ.بىزدە بىر ماقال بار“ باش ئامان بولسىلا كىيىدىغانغا دوپپا تىپىلۇر“ دەپ بىز بۇنداق ئىچكى ئۇرۇشنىڭ پاتقىىقىغا پىتىپ كەتسەك كىيىن ۋەتەندە دوپپا كەيگۇدەك بىر باش قالمايدۇ. قېرىنداشلار.بىر-بىرىمىزگە ئىشنەيلى، كۇچىمىزنى بىر قىلايلى.بىز-بىرىمىزنىڭ كەينىدىن ئاساسىز تۆھمەت قىلىشمايلى ،ئەگەرقۇلىمىزدا بىرەر ئىسپاتىمىز بولسا بۇ مىدىيالاردا سوزلەپ يۇرمەي ئۇدۇللا مۇناسىۋەتلىك يەرگىلام بىرىپ ھەل قىلايلى.
تۇغلۇق ئابدۇرىزاق بىر كېچىدىلا قوپۇپ ئۆزنىڭ ئۇزۇن يىللىق بالا ئاغىنىسى رىشات ئابباسنى خىتاينىڭ جاسۇسى دەپ چىقتى، ھەم ئۆزنىڭ بۇنى ئۇزۇندىن بۇيان بىلىدىغانلىقىنى ئىيتتى.ئەگەر بۇ ئىش بۇ ئادەم ئىيىتقاندەك ھەقىقەت بولسا رىشات ئابباسقا بىرىدىغان 100 قامچىنىڭ 70 نى تۇغلۇققا بىرلىدىغانلىنقنى بىلمەسمۇ ؟ چۈنكى ئۇ ئادەمنىڭ ختتاي ئۇچۈن جاسۇسلۇق قىلىۋاتقىنىنى ئۇزۇندىن بۇيان بىلىپ تۇرۇپ توسمىغانلىقى ياكى ئۇنى مەلۇم قىلمىغانلىقى ئۇ ئادەمنىڭ جاسۇس بىلەن نېمە پەرقى قالدى ؟
ئالبىرت ئېينىشىن نىڭ بىر سۆزى بار“بۇ دۇنيانى يامان ئىش قىلىۋاتقانلار بۇزۇۋېتەلمەيدۇ،ئەمما شۇنداق يامان ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمىگەن بولۇۋالغانلار بۇزۇۋېتىدۇ.“
ئەجەبا تۇغلۇق ئابدۇرىزاقنىڭ ۋىجدانى ،مىللەتچىلىكى ئەمدى پەيدا بولۇۋاتامدۇ؟ ئەگەر بۇئادەم ۋەتىنىنى مىللىتىنى ھەققى سۆيسە ئۇزۇندىن بۇيان نېمە ئىش قىلدى؟ ئۇ جان-جىگەر دوستىنى ئۇنداق رەزىللىكتىن نېمىشقا بۇرۇنلام توسمىدى؟ ئەگەر تۇغلۇق ئابدۇرىزاق نىيىتىڭ ھەقىقەتەن جاسۇسنى پاش قىلىپ مىللىتىڭ ئۇچۈن كىچىكىپ بولسىمۇ بىرخىزمەت قىلىش بولسا بۇنداق ئىككى-ئۇچ كۇندە بىر مىدىيالارغا چىقىپ مانا دىيۋىتىمەن، ئەمدى پاش قىلىۋىتىمەن كىلەر قېتىم ئاشكارلايمەن دەپ تۇركىيەنىڭ كۆپ قىسىملىق كىنولىردەك يامان يىرىدە توختىتىپ قويۇپ يوقاپ كەتمەي ئەركەكتەك چىقىپ بىلدىغانلىرىنىڭنى پاش قىل. ياكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاغا بىرىپ ئەرز قىل،ئەگەر ئۇ ئادم راستلا سەن دىگەندەك شۇنداق جاسۇس بولسا جېنىمىز بىلەن مېلىمىز بىلەن كەينىڭدە تۇرىمىز، ئەگەر قولۇڭدا تۇتامغا چىققۇدەك بىرر نەرسە بولمىسا ئاغزىڭنى يۇم كۆتۈڭنى قىس……. بىزمۇ بۇرەزىل تىل -ھاقارەت.ئۇرۇش جىدەللەردىن ماختاش – مەدىيلەشلەردىن بىر قۇتۇلايلى.ئەتتىگەندە ئويغىنىپ تىلغۇنلىرمىزنى ئاچقاندابولسا دىلىمىز،قەلىبلىرىمىز ئازراق بولسمۇ سۆيۇنگۇدەك نەرسىلەرنى كۆرسۇن.پۇچۇلغان قەلىبلىرىمىز ئازراق دەرمان بولغۇدەك نەرسىلەر بىلەن سالاملاشسۇن.
بىزنىڭ ھازىر مۇشۇنداق بولمىغۇر ئۇرۇش جىدەللەرگە ۋاقىت بىرىدىغان ۋاقتىڭىزمۇ ھەي مىللەت ….
بىزنىڭ ھازىر خىتاينىڭ جاسۇسى رىشات ئابباس ، زەپەر قۇچقان ئالىم رىشات ئابباس، ئۇيغۇرنىڭ پەغىرى رىشات ئابباس دەپ تىللايدىغان ۋە مەرسىيە ئوقۇيدىغان ۋاقتىڭىزمۇ ، ئاۋۇ زىمىندا خىتايلار قېرىنداشلىرىمىزنى خۇمدانلاردا كۆيدۇرۇپ كۇلىنى سورۇۋاتىدۇ، قىزلىرىمىزنىڭ ،ھەدە-سىڭلىڭىزنىڭ ئىپپەتلىرىگە تاجاۋۇز قىلۋاتىدۇ،مىلىيۇنلىغان قىرىنداشلىرمىزنى تۇرمىلارغا تاشلاپ يوق قىلۋاتىدۇ، نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئاللاغا گە ئىبادەت قىلىپ كەلگەن مەسچىتلىرمىزنى كۆڭۇل ئچىش مەيدانلىرغا ئايلاندۇرۋىتىپ باردۇ،ئامما بىز بۈگۈنكى كۇندە بۇ يەرلەردە نېمە قىلۋاتىمىز؟ بۈگۇن رابىيە قادىرغا ھۇجۇم قىلساق ئەتسى دولقۇن ئەيساغا ھۇجۇم قىلۋاتىمىز؟ مەمەت توختىنى خىدىقلاپ ئىختىيارى مۇخپىرنى كالدىرلىتىۋاتىمىز ،ئىكرانغا پەرھات يۇرۇڭقاشنى چىقىرىپ قويۇپ دولقۇن ئەيسانى سۆزلىتىۋاتىمىز ،ئۆز ئارا كاللا سوۇشتۇرۇپ ئۇيغۇرنىڭ چەت-ئەلدىكى دەۋاسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلۋاتىمىز، بىر كۇن سالھنى قوللىساق بىر كۇن ئىلشات ھەسەننى تىللاۋاتىمىز.سالىھ خۇدايارنىڭ نامايىشى قوللىمىدى دەپ ئىلشات ھەسەننى مۇناپىقتىن مۇناپىققا، خائىن دىن خائىنغا چىقىرىپ تىللاپ جەمىيەتكى ئوبىرازىنى خۇنىكلەشتۇرۋاتىمىز. ۋەتەنپەرۋەر مىللەتچى قېرىنداشلىرىمىزنى قىلغان بىرئىش بىلەنلا ئۇلارنى يەر بىلەن يەكسەن قىلىۋىتىشكە ھەر زامان تەييارلام تۇرىمىز.شۇ سەۋەبلىك نەچچە يۇز ئۇيغۇر ياشايدىغان بىر شەھەردە ئوخشاش كۇندە ئىككى يەردە نامايش قىلشقا مەجبۇرلىنىپ قىلۋاتىمىز، ئەمدىلىكتە بولسمۇ توختايلى قېرىنداشلار،بۇ ئىشلار ئاللىبۇرۇن چېكىدىن چىقىپ كىتپ بولدى، ئىشىنىمەنكى بۇلۇۋاتقان بۇ ئىشلاردىن ھەممىمىز راھەتسىز بولىۋاتىمىز، نومۇس قىلۋاتىمىز ئامما قايسى مەۋقەدە تۇرۇپ بۇ ئىشنى توختىتىشنى بىلمەيۋاتىمىز بىلسەكمۇ جۈرئەت قىلالمايۋاتىمىز.بىزدە ھەق سۆزنى قىلشقا قادىر بولالمىساڭمۇ، ناھەق سۆزگە چاۋاك چالما دېگەن بىر ئاتا سۆزى بار، جېنىمىز چىقىپ كەتسىمۇ ھەق مەيداندا تۇرۇپ بۇ پەسكەشلىكتە خاتىمە بىرەيلى .ئەگەر ئۆزىمىز بېرەلمىسەكمۇ بەرگەنلەرگە ھۇجۇم قىلمايلى ،ئۆزىمزنىڭ زىيالىيلىرىمىزنىڭ، ئىنقىلابچىللىرىنىڭ شان -شەرىپنى قوغدايلى، “غورورى،شان-شەرەپ قوغدالمىغان يەردە ساتقىنلارنىڭ نەسلى كۆپىيىدۇ“ دېگەن ھىكىمەتنى ئۇنتۇمايلى.
بۇ مىللەتنىڭ ھازىر رىشات ئابباسنىڭ ئىلم -پەنگە قوشقان تۆھپىسىدىن بەكرەك بۇ شۇ بىگۇناھ قېرىنداشلىرىمىزنى قانداق قىلغاندا شۇ دار ئالدىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالالايمىز،شۇ دەرىزىسى يوق شۇ قاراڭغۇ تۈرمىلەردىن قانداق قۇتۇلدۇرىمىز، قانداق قىلساق شۇ لاگېرلارنى تاقاشقا مۇۋەپپەق بولىمىز،قانداق قىلساق شۇ خەلقىمىزنىڭ بېشىدىكى زۇلۇمنى ئازايتىمىز،قانداق قىلساق چەتئەلدىكى داۋايىمىزنى خەلقئارا سەۋىيەگە يەتكۇزۇلەيمىز،قانداق قىلساق بۇ ئىچىكى زىدىيەتلەرنى تۇگۇتۇپ پۇتۈن دىققىتىمىزنى داۋاغا مەركەزلەشتۇرمىز دېگەن تېمىلارغا بەكرەك ئىھتىياجى بار.ئاۋۋال بۇ مىللەتنى قۇتۇلدۇرايلى ئاندىن ئاللاغ شۇنداق ئالىىملىرىمىز ئۆز مىللىتى ئۇچۈن تۆھپە قوشۇش پۇرسىتىگە مۇۋەپپەق بولسۇن!!!
ئاللاغ بۇ مىللەت ئۇچۈن ئالدىنقى سەپتە كۈرەش قىلۋاتقان جەڭچىلىرىمىزنى ھەر يەردە ئامان قىلسۇن ،دۇشمەننىڭ قۇرۇق-سۆز قۇرۇق تۆھمىتىدىن يىراق قىلسۇن شۇ قاتاردا ھەممىزنى بۇ مىللەت ئۇچۈن خىزمەت قىلىشقا،ھەقتىن يىراقلاپ كەتمەسلىككە، مىللەتنىڭ ئالدىدا يۈزىمىزنى يورۇق قىلىشقا نىسىب قىلسۇن !!!!
گەپلىرىم ئارتۇق كەتكەن بولسا ماڭا ئايرىم ئۇچۇر يىزىڭلار ،بۇ يازمىنىڭ يەنە بىر ئارتۇق كىرەكسز مۇنازىرگە سەۋەپ بولۇپ قىلشىنى خالىمايمەن ،

مۇرات ئاتامان
ۋاشنگىتون ،16 ئىيۇل 2018

Share
1360 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.