logo

trugen jacn

ھەقىقى ئىككى ئايرىلالماسلىق

 

plain-blue-background-wallpaper-3

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

 

ھەقىقى ئىككى ئايرىلالماسلىق

 

2014-يىلدىن كېيىن باشلاپ مانا 2016-يىلنىڭ ئاخىرىدىكى سوغۇق ئايلارغىچە ئۇيغۇرلار تۈركىيەگە ئايرۇپىلان ئايرۇپىلانلاپ كېلىشكە باشلىدى. كەلگەنلەرنىڭ ئىچىدە كۆپىنچەيلەن كۆچمەنلەر، ھىجرەتچىلەر، سۈرىيەچىلەر، ئىلتىجاچىلار، ئوقۇغۇچىلار، تەۋەككۇلچىلار ۋە ساياھەتچىلەر ئىدى. دۇنيادىكى ئون چوڭ شەھەرنىڭ بىرى بولغان زەھەردەك قىممەت ئىستانبۇل ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە سەپىرىدىكى تۇنجى مەنزىلى بولۇپ قالدى. بۇ دولقۇن بىلەن ئۇيغۇر ئاشخانىلىرى ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ، سەفاكۆي ۋە باشقا كوچا كويلىرىنى ئاۋات قىلىۋەتتى. ئاشخانىلاردا ۋەتەندىكىدەك ئۇيغۇرچە ناخشا چىقمىغاندىن باشقا، بىز كۆنگەن تۈرلۈك قورىمىلارمۇ چىقىرىلىشقا باشلىدى. ھەتتا ساماۋەر شورپىسى، قۇرۇق قازان قورىمىسى دېگەندەك ئۇيغۇرلارغا يېڭى ئومۇملاشقان  غىزالارنىڭمۇ ئىستانبۇلدا بولۇشى دىققەتنى بەكرەك تارتاتتى. يامان يېرى ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ ئىسمىمۇ تۈركلەرگە خەنسۇچە ئومۇملىشىپ كەتكىلىۋاتىدۇ. توخۇ قورداق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاغزىدا «داپەنجى» دېيىلگەن پېتى تۈركىيە تۈركچىسىگە يەرلىشىۋالدى.

قارىغاندا قورىمىلارغا سېلىنىدىغان تېتىتقۇلارمۇ ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا ئەرگىشىپ تۈركىيەگە كەلگەن بولسا كېرەك، بىر ئاشخانىنىڭ ئەينەك تېمىغا يوغان قىلىپ «“جىجىڭ“ (توخۇ گۆشى تېتىتقۇسى) ئىشلىتىلمەيدۇ» دەپ، جىجىڭ دېگەن خەنسۇچە گەپنى ئۇيغۇرچە يېزىپتۇ. تاماق تىزىملىكىدە تۈركىيەدە تېرىلمايدىغان، پۇرچاق ئۈندۈرمىسى، يېسىۋىلەك، كۈدە، كەرەپشە قاتارلىق ئوتياشلاردىن قىلىنغان قورۇمىلارنىڭمۇ بولۇشى ئادەمنى ئويلاندۇرماي قالمايتتى. ئاشخانىلاردا ئاچچىقسۇ، راڭپىزا، ھەتتا ئۇيۇقماش (دۇفۇ) بار بولۇپ، بۇ تېخىمۇ ئەجەپلىنەرلىك تۇيۇلىدۇ.

راڭپىزا بىلەن ئاچچىقسۇنىڭ سىرى جامائەتكە ئايدىڭ. ئىش ئورنىمۇ ئۇيغۇرلار توپلاشقان زەيتىنبۇرنۇ رايۇنىدا.ئىھسان ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر بۇلارنى ئىشلەپ تارقىتىپ تۇرۇپتۇ. مەھسۇلات مۇۋاپىق، تەملىك ۋە ساپ بولغاچقا بازا تېپىپ خېرىدارلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپتۇ. ئۇيغۇرچە ئاشخانىلار ئېچىلغان، ئۇيغۇرلار توپلاشقانلىكى رايۇندا ئىھسان ماركىلىق مەھسۇلاتلىرىنى تاپقىلى بولىدىكەن. ئەمما بۇ پۇرچاق ئۈندۈرمىسى، كۈدە، كەرەپشە، يېسىۋىلەك، مور…قاتارلىق جۇڭگۇدىنلا چىقىدىغان، تۈركىيەدە يوق كۆكتاتلارنىڭ نەدىن كېلىۋاتقانلىقى سىر پېتى تۇرۇۋاتقان ئىدى. ئاخىرى يېسىۋىلەكنىڭ سىرى تاسادىپى بىر پۇرسەتتە ئېچىلىپ قالدى.

ئادەم ۋەتەننى سېغىنغاندا ئەسلىمىگە ئايلانغان ھەممە نەرسىگە زار بولىدۇ. دەپ كۆنگەن تىل، يەپ كۆنگەن تاماق، كىيىپ كۆنگەن كىيىم، مېڭىپ كۆنگەن كوچىلارغىچە سېغىنىدۇ. ۋەتەننى ئەسلىتىدىغان ھەممە نەرسە كۆزىگە ئوت كۆرۈنىدۇ. تۈركىيەدە مۇساپىر ئۇيغۇرغا ۋەتەننى ئەسلىتىدىغان تىپىك كۆكتاتلارنىڭ بىرى يېسىۋىلەك. تۈركىيەدە يوق، ھەتتا ئىسمى ئۇيغۇرچىمۇ دېيىلمەيدىغان بۇ ئوتياش بۇ ئەلدە ئۇيغۇرلار بۇيرۇتۇپ سېتىۋالىدىغان «تۇتىيا»لارنىڭ بىرى. يېقىندا بىر قىزغىن دوستىمىز ھەممەيلەنگە يېسىۋىلەك بۇيرۇتتى. ھاياجان بىلەن ساقلىغان كۈنلەر كېلىپ قارىساق، تەتۈرىسىچە ئەپسۇسلۇق ئۇچۇر كەپتۇ. يېسىۋىلەك تۈگەپتۇ. سەۋەبى، ئەنقەردە ئېچىلغان ئۇيغۇر ئاشخانىسىغا قىلىنغان زاكاسقا قوشۇلۇپ بىزگە بۇيرۇلغان تۇتىيا يېسىۋىلەكلەرنى جوڭگۇ ئەلچىخانىسى توپ سېتىۋاپتۇ. سۈرۈشتۈرسەم بۇ يېسىۋىلەكلەرنى تۈركىيەدە بىر خەنسۇ تېرىيدىكەن.

تۈركىيەدىكى خەنسۇ ئوتياشچى ئەسلى بىر كارىخانىچى بولۇپ تۈركىيەدە ئالدانغان. سوتتا پۇلىنى ئۈندۈرۈپ بولغىچە دەسمايەسى غالتەككە چىقىپ قاق سەنەم بولۇپ كەتكەن ئىكەن. ئەمما بۇ جاھىل پۇلدار تۈركىيەلىك  قويمىچىنىڭ پېشىغا چىڭ ئېسىلىپ مەلۇم كۆلەمدىكى يەرگە ئېرىشكەن. نەتىجىدە ئۇتۇق قازىنىپ تۈركىيەدە تېرىلمايدىغان جوڭگۇچە ئوتياشلارنى توپ تارقىتىدىغان خوجايىنغا ئايلانغان ئىكەن.

ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئاشخانىلارنىڭ خەنسۇ ئوتياشچىغا ھاجەتمەن بولۇشى چۈشىنىشلىك. ئەمما ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تاماقخانىلار كۆكتاتتا خەنسۇغا بېقىنسا، ئوتياش ئۇلاردىن ئاشمىغان ھامان ئامالسىز قالسا ئويلىنىپ كۆرگۈلۈك. ئۆزۈمدىن سورايمەن، تۈركىيەدە بولسىمۇ تايانمىساق، كۆكتاتنى ئۆزىمىز تېرىساق بولماسمىدى؟ بىرى ئاشخانا ئاچسا ھەممەيلەن تەڭ دورىغاندىن، ئاشخانىغا كېرەكلىك ئوتياش تېرىسا بولماسمىدى؟ بۇ ماڭا تۈركىيەدىكى«ئىككى ئايرىلالماسلىق»نىڭ ئىپادىسىدەك تۇيۇلۇپ ئويلىنىپ قالدىم. زادى بۇ شۇئارمۇ، رىياللىقمۇ؟ ئەگەر شۇئارلا بولسا بوپتۇ. مەسۇم ئۇيغۇر توۋلىمىغان، ئەرگەشمىگەن، بويۇن پۈكمىگەن قايسى شۇئار قالغان. ھالبۇكى، «ئىككى ئايرىلالماسلىق» دېگەن شۇئار ۋەتەندە توۋلانغان بىلەن ئەمەلىيىتى تۈركىيەدە كۆرۈلۈپتۇ ئەمەسمۇ! بۇنى كىمدىن كۆرىسەن؟ جاھان كۆز يېشىڭغا باقمايدۇ. بۇ دېگەن سەۋەپ ئالەمى. تاقابىل تۇرغىدەك ئىقتىدارىڭ، مۇھتاج بولمىغىدەك  ماجالىڭ، غالىپ كەلگىدەك پىلانىڭ بولمىسا، قاساپ، قاقشاپ قۇرۇپ كېتىسەن، دەردىڭ چىقمايدۇ. چىقسا ئىچ پۇشىقىڭ چىقار بەلكىم

Share
2229 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.