logo

trugen jacn

ھەقنامە – ئابدۇرەھىم پاراچ

ھەقنامە

ئابدۇرەھىم پاراچ

 

قۇشلار بىلەن يىلانمۇ، ھەتتا توشقان، قاۋانمۇ
ئۆز غېمىدە ئالدىراش.
ھەر قىپقىزىل يالغانمۇ، مونەك-مونەك ئالغانمۇ،
ئۆز گېپىدە ئالدىراش

يىغىن، سالۇن، مىنبەرلەر، نامى ۋەتەنپەرۋەرلەر،
سۆز پىيىدە ئالدىراش.
ئوماق تۇلۇم خۇمپەرلەر، قېنى بۇزۇق بەربەرلەر،
خۇش كۈلكىدە ئالدىراش.

ۋەتەن قىزىل قىيامەت، تۇرسا تاغدەك جىنايەت،
تەنتەنىدە ئالدىراش.
قىززىپ كەتكەچ تاپاۋەت، تالاشتۇرۇپ ئىناۋەت
ئەنئەنىدە ئالدىراش.

«مىم»نى «چوماق» دېگەنلەر، دىن تونىنى كەيگەنلەر،
دېمىدىدە ئالدىراش.
ئالداپ بىزنى مىنگەنلەر، شۇ ئادەتكە كۆنگەنلەر،
توي پەتىدە ئالدىراش.

تۇغقان ئىزدەپ يېنىغا، ياغ-ماي سۈركەپ نېنىغا،
مەنپەئەتتە ئالدىراش.
مېتىر تۇتۇپ بويىغا، ماسلاشتۇرۇپ ئويىغا،
ئالدى رەتتە ئالدىراش.

كەپسەن يىغىپ ھەرەمدىن، بىنا سېلىپ بەلەندىن،
پۇل كېمىدە ئالدىراش،
مۇھتاج، پېقىر يېگەندىن، ھىساپ ئېلىپ كۈلگەندىن،
گال قەستىدە ئالدىراش.

تەنقىد قىلىش چوڭ گۇناھ، تەييار شۇئان پەتىۋا
دىن ئۈستىدە ئالدىراش،
چاپان ياپقان ئەتىۋا، (دەپ قالىمىز ۋاي توۋا)
گۈل دەستىدە ئالدىراش.

ياۋغا يۇمۇپ كۆزىنى، ئاجىز ساناپ ئۆزىنى،
ھەق زىكرىدە ئالدىراش،
يېگەن بولغاچ تۇزىنى، قىلماي يامان سۆزىنى،
خوش، شۆكۈردە ئالدىراش.

پاراچ ئەمدى بولدىلا، دېسەڭ يەنە سۆز تولا،
سەن پىكىردە ئالدىراش.
«بۇنى خاتا قىلدىلا»، دىگەن كىشى ئەتىلا،
سوت، تۈرمىدە ئالدىراش.

Share
1275 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.