logo

trugen jacn

ھەربىي پارات مەزگىلىدە يەكەن يېڭىئۆستەڭدە ۋەقە چىققانلىقى ئاشكارىلاندى

image

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

بۈگۈن خىتايچە دوۋېي ۋە ياپونچە Mainichi Shimbun قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرى خىتاينىڭ ھەربىي پارات ھارپىسىدا يەكەندە قوراللىق قارشلىق ھەرىكىتى يۈز بەرگەنلىكى ۋە بۇنىڭ بىلەن يەركەندە خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ جىددىي ھالەتكە ئۆتكەنلىكى خەۋەر قىلىندى. ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن بۇ خەۋەردە، يەكەن بازىرىدا شۇ مەزگىلدە پارتلاش ۋە ئوق ئاۋازى ئاڭلانغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. مۇخبىرىمىز بۈگۈن بۇ مەلۇماتقا ئاساسەن يەكەن ناھىيە بازىرى ۋە ئەتراپتىكى ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلىپ ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات سورىدى. بىر قسىم ساقچىلار ۋەقەدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتسا، بەزىلىرى ۋەقەلەرنى ئاشكارىلماسلىق ھەققىدە يۇقىرىدىن ئۇقتۇرۇش بارلىقىنى، شۇڭا بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى؛ يېڭىئۆستەڭ ساقچىخانىسىنىڭ خادىملىرى بولسا، ۋەقەنىڭ بىر ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىدىن 17 كىلومېتىر ئۇزاقتا يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە ساقچىلارنىڭ نۆۋەتتە ئۇرۇش ھالىتىدە تۇرىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يېڭىئۆستەڭ ساقچى خادىمى ئۆز تەۋەلىكىدىن 17 كىلومېتىر يىراقلىقتا ۋەقە چىققانلىقىنى، ۋەقەدە ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى بايان قىلدى، ئەمما مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردا يېڭىئۆستەڭ يېزىسىنىڭ ناھىيە بازىرىدىن پەقەت 8 كىلومتېر ئۇزاقلىقتا ئىكەنلىكى كۆرسىتىلمەكتە. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ساقچى خادىملىرىنىڭ جىددىي ۋە ئالاقزادە كەيپىياتى ھەربىي پارات ھارپىسىدا يەكەندە ۋەقە چىققانلىقىنى ۋە ۋەقە ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ قاتتىق كونترول قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/herbiy-parat-yeken-weqe-09032015233538.html

Share
1491 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.