logo

trugen jacn

ھەددىدىن زىيادە چارچاشنىڭ خەتەرلىك بىشارەتلىرى

 

 

ئەگەر بىئاراملىق ھېس قىلسىڭىز، ئارام ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىڭ. يىقىندا ئەنگىلىيەدىكى نوپۇزلۇق ساغلاملىق مۇتەخەسىسى ھېنىرى نىرىس ھەددىدىن زىيادە چارچاشنىڭ ئۇيقۇسىزلىق، باش ئاغىرىشتىن باشقا بىشارەتلىرنىڭمۇ بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى مۇتەخەسىسلەر ئوتتۇرغا قويغان خەتەرلىك بىشارەتلەر تۆۋەندىكىچە:
1. 30-50 ياشتىكىلەرنىڭ يوغان قورساق بولىشى ئۇلارنىڭ پىشىپ يىتىلگەنلىكىنىڭ ئالامىتى، ھەمدە قاندىكى ماي مىقدارى ئېشىپ كېتىش،  جىگەرنى ماي قاپلاپ كېتىش، يۇقىرى قان بېسىمى، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلارنىڭ بىشارىتىدۇر.
2.چاچ چۈشۈش، دائىرىلىك چاچ چۈشۈش (تەڭگە تاز)كېسىلى، تاقىرباش بولۇپ قېلىش قاتارلىقلارخىزمەت بېسىمى ئېغىر بولۇش، روھىي جەھەتتىن جىددىيلىشىش سەۋەبلىك كېلىپ چىقىدۇ.
3.ھاجەتخانىغا كۆپ بېرىش.30 -40ياشتىكىلەرنىڭ سۈيدۈك ئاجىرتىپ چىقىرىش قېتىم سانىنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭكىدىن كۆپ بولۇشى، ھەزىم قىلىش سېستىمىسى بىلەن سۈيدۈك ئاجىرتىپ چىقىرىش سىستىمىسىنىڭ نورمالسىزلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
4.جېنسىي ئىقتىدارى ئاجىزلىشىش. ئوتتورا ياشلىقلاردا بالدۇرلا بەل تېلىپ ئاغىرىش، جىنسىي ھەۋىسى تۆۋەنلەش قاتارلىقلارنىڭ پەيدا بولۇشى پۈتۈن بەدەن ئاجىزلاشقانلىقىنىڭ بىشارىتىدۇر.
5.ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كېتىش. تونۇش كىشىلەرنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپ قىلىش.
6.كۆڭلىدە ھېسابلاش ئىقتىدارى بارغانسىرى ئاجىزلاپ كېتىش.
7.ئىش قىلغاندا دائىم پۇشايمان قىلىش، ئاسان ئاچچىقلىنىش، ئىچى سىقىلىش، ھەسرەت چىكىش، مىجەزىنى تەڭشىيەلمەسلىك.
8.زىھنى كۈچىنى يىغالماسلىق.
9.ئۇخلاش ۋاقتى بارغانسىرى قىسقىراش ، دائىم مۈگىدەش.
10.دائىم باش ئاغىرىش، قۇلاق غۇڭۇلداش، كۆزى تورلىشىش، داۋالىسىمۇ ئۈنۈمى بولماسلىق.

ساغلاملىق ژۇرنىلىدىن ئېلىندى

http://bbs.xjtsnews.com/forum.php?mod=viewthread&tid=11437

Share
1806 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.