logo

trugen jacn

ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ خاتىبى جۈمە تاھىر ئۆلتۈرۈلگەن

c7b77b38-8217-4a33-8fa5-873350499be2

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

چارشەنبە كۈنى ئەتىگەندە، خىتاي دۆلەتلىك ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ خاتىبى جۈمە تاھىر ئۆلتۈرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە ۋەقە ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەن، ۋەقەدىن كېيىن قەشقەر شەھىرىگە كىرىپ-چىقىش چەكلەنگەن، شەھەردە دۇكانلار تاقالغان. شەھەر ئاسمىنىدا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان تىك ئۇچار ئايروپىلانلار ۋە ئادەتتىن تاشقىرى كۈچەيتىلگەن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى، جۈمە تاھىرنى ئۆلتۈرگەن ھۇجۇمچىلارنىڭ تېخى تۇتۇلمىغانلىقىدىن ئىشارەت بەرمەكتە.

جۈمە تاھىرنىڭ 5‏-ئىيۇل ۋەقەسى ۋە سېرىقبۇيا ۋەقەسى قاتارلىق ۋەقەلەردە خىتاي تەرەپتە تۇرۇپ پوزىتسىيە بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىغا ئۇچرىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

رويترۇرۇسنىڭ بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، فرانسىيەلىك بىر ساياھەتچى قەشقەر ھېيتگاھنىڭ ئالدىدا قان ئىچىدە ياتقان بىر كىشىنى ۋە قولىدا پىچاق تۇتقان ھالدا قېچىپ كېتىۋاتقان ئىككى كىشىنى كۆرگەن.

فرانسىيەلىك ساياھەتچى يەنە چۈشتىن كېيىندە قەشقەر شەھەر ئىچىگە كۆپ ساندا قوراللىق قىسىم ئەسكەرلىرىنىڭ شەھەرگە كىرىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ۋە ئوق ئاۋازىنى ئاڭلىغان.

بىز رويتېرسنىڭ خەۋىرىدىكى بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، قەشقەر شەھىرىدىكى ئاھالىلەر ۋە خادىملارغا تېلېفون قىلدۇق.

قەشقەرگە ساياھەتكە كەلگەن بىر ئۇيغۇر ساياھەتچى، شەھەرگە ئىچىگە كىرگۈزۈلمەي 8 سائەت شەھەر سىرتىدا ساقلىغانلىقى ۋە كەچقۇرۇن شەھەرگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنغان بولسىمۇ مېھمانخانىغا ئېلىنمىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن قەشقەردە دۇكانلار تاقالغان، كوچىلاردىن ئادەملەر تارقىتىۋېتىلگەن. بۇ ئۇيغۇر ساياھەتچى بىر ئەمەلدار دوستىنىڭ ياردىمى بىلەن بىر مېھمانخانىغا ئورۇنلاشقان. مەلۇم بولۇشىچە ساقچىلار مېھمانخانىلارنى 3 كۈنگىچە خېرىدار قوبۇل قىلماسلىققا بۇيرۇغان. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قوبۇل قىلغان ئاھالىلەردىن بىرى بۈگۈن قەشقەر ئاسمىنىدا تىكئۇچارنىڭ پەس ھالەتتە ئۇچۇپ چارلاش ئېلىپ بارغانلىقىنى ۋە شەھەردە ۋەزىيەتنىڭ ئالاھىدە جىددىي ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئاھالىلەردىن 3 كىشى، ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ خاتىبى جۈمە تاھىرنىڭ بۈگۈن ئەتىگەن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى.

يۇقىرىقى مەلۇماتلار، بۈگۈن رويتېرسقا چىققان خەۋەردىكى فىرانسىيەلىك يولۇچى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىماقتا. مەزكۇر ساياھەتچىنىڭ بايانلىرىدىن قارىغاندا، ھۇجۇمچىلار ئىككى نەپەر بولۇپ، ئۇلار جۈمە تاھىرنى بوغۇزلاپ ياكى چاناپ ئۆلتۈرگەن. ئەمما گۇماندارلارنىڭ تۇتۇلۇپ-تۇتۇلمىغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/jume-tahir-07302014171348.html

Share
2903 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.