logo

trugen jacn

ھۈسەيىن جېلىلنىڭ تۆۋبەنامىسى:دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن تەلتۆكۈس ئادا–جۇدا بولۇپ، قايتىدىن ھاياتلىققا ئېرىشىش

 ھۈسەيىن جېلىلنىڭ تۆۋبەنامىسى:دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن تەلتۆكۈس ئادا–جۇدا بولۇپ، قايتىدىن ھاياتلىققا ئېرىشىش

 

ئىسمىم ھۈسەنجان جېلىل بولۇپ، بۇ يىل 48 ياشقا كىردىم. مەن پەيزاۋات ناھىيەسىدە بىر دېھقان ئا’ئىلىسىدە تۇغۇلغان، ئا’ئىلەمدىكىلەرنىڭ تەسىرىدە كىچىكىمدىن باشلاپلا دىنىي بىلىملەرنى ئۆگەڭەچكە، مەدەنىيەت سەۋىيەم تۆۋەن ئىدى.

20 ياشقا كىرگەندە قارىغۇلارچە ھەر خىل قانۇنسىز كىتاب – جۇرناللارنى توپلاپ، بۇ كىتاب – جۇرناللاردا تارقىتىلغان دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى قوبۇل قىلدىم ھەم بۇ مەزگىلدە ‹‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى››نىڭ سابىق كاتتىبېشى ھەسەن مەخسۇم قاتارلىقلار بىلەن تونۇشۇپ، ئۇلار بىلەن دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ئۈستىدە پىكىرلەشتىم ۋە ئۇنى تارقاتتىم، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، مەسچىتنىڭ ئىمامىلىق ۋەزىپەمدىن پايدىلىنىپ، ئۆزۈمنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىق كەيپىياتىمنى ھەر خىل ۋاسىتە ئارقىلىق ئېتىقادچى ئاممىغا تارقاتتىم، جىنايى جاۋابكارلىقتىن قېچىش ئۈچۈن، چەت ئەلگە قېچىپ كەتتىم.

چەت ئەلدە تېررورلۇق تەشكىلاتى شايكىسىنىڭ كاتتىبېشى بىلەن كۆرۈشۈپ ھەم ئۇلار بىلەن باردى – كەلدى قىلىپ، جىنايەت پاتقىقىغا تېخىمۇ چوڭقۇر پاتتىم، مەن ياشلارغا بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسى بىلەن دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، ياشلارنى قايمۇقتۇرۇپ بۆلگۈنچىلىك قىلىشقا، زوراۋانلىق، تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتنىشىشقا قۇتراتتىم، مېنىڭ سەۋەبىم بىلەن ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھاياتى نابۇت بولدى.

جازا ئۆتىگەن دەسلەپكى چاغلاردا، ئۆز جىنايىتىمنىڭ ئېغىر ئاقىۋىتىنى تونۇپ يېتەلمەي، ماڭا بېرىلگەن جازا بەك ئېغىر بولۇپ كەتتى، دەپ نارازى بولدۇم، تۈرمە ساقچىلىرىنىڭ قايتا – قايتا چۈشەندۈرۈشى بىلەن قانۇن نۇقتىسىدىن تۇرۇپ، جىنايىتىمنى تونۇپ يەتكەن بولساممۇ، دىنىي نۇقتىدىن يەنە نۇرغۇن يېشىلمىگەن چىگىش بار ئىدى.

تۈرمىدە قانات يايدۇرۇلغان دىن ئارقىلىق يېتەكلەپ تەربىيەلەش ئارقىلىق، ئىسلام دىنىنىڭ ماھىيىتىنى توغرا تونۇپ، توغرا يولغا قايتىپ، قانۇن – ئىنتىزامغا ئەمەل قىلىدىغان ياخشى پۇقرالاردىن بولۇش كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتتىم، بۇنىڭ بىلەن كۆڭلۈمدىكى يېشىلمىگەن تۈگۈنلەرمۇ يېشىلىپ، قاباھەتلىك چۈشتىن ئويغىنىپ، دىن جەھەتتىمۇ ئۆزۈمنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يەتتىم. ھەر قېتىم لېكسىيە ئاڭلىغان چېغىمدا ئۆتكۈزگەن جىنايىتىمدىن نومۇس ۋە پۇشايمان قىلىپ، كۆزۈمگە ياش ئالدىم.

بارلىق جىنايەتلەر ئىچىدە، مەن ئۆتكۈزگەن جىنايەتنىڭ تەسىرى ئەڭ يامان، جەمىيەتكە كەلتۈرگەن خەۋپى ئەڭ زور ۋە ئەڭ ئېغىر. مەن ئۆتكۈزگەن جىنايەت ۋاسىتىسى قەبىھ زوراۋانلىق جىنايىتى بولغاچقا، ئېغىر ئاپەت پەيدا قىلدى، جەمىيەتتىن، زىيانكەشلىكىم تۈپەيلىدىن زوراۋانلىق، تېررورلۇق ئىدىيەسىنى قوبۇل قىلغان، ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارى ۋە ھاياتىنى نابۇت قىلغان ياشلار ۋە ئۇلارنىڭ ئا’ئىلىسىدىكىلەردىن چىن كۆڭلۈمدىن قايتا – قايتا ئەپۇ سورايمەن.

ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزگەن بولساممۇ، ھۆكۈمەت مېنى تاشلاپ قويمىدى، ھەر قايسى تەرەپتىن ماڭا تەربىيە بەردى. ئۆز كەچۈرمىشلىرىمنى بايان قىلىش ئۇسۇلى بىلەن باشقىلارنى مېنىڭدىن ئىبرەت ئېلىپ، جىنايەت يولىغا كىرىپ قېلىشتىن توسۇش نىيىتىگە كەلدىم. بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن جىنايىتىمنى يۇيماقچى بولدۇم. مەن جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقان 1 – تۈرمىدە ئۆز كەچۈرمىشلىرىمنى سۆزلىگەندىن باشقا، يەنە، باشقا تۈرمىلەردە، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئاممىغا ئۆز كەچۈرمىشلىرىمنى سۆزلەپ بېرىش ئارقىلىق خاتالىقىمنى تونۇدۇم. مېنىڭ ئۆزگىرىش نەتىجەم مۇ’ئەييەنلەشتۈرۈلگەنلىكتىن، ‹‹چوڭ خىزمەت كۆرسەتتى›› دەپ تەقدىرلەندىم.

بۇلتۇر تۈرمىگە خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈش ۋە يېتەكچىلىك قىلىشقا كەلگەن ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن قاتارلىق رەھبەرلەرنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇم ھەم ئۇلارغا ئىدىيە ئەھۋالىمنى دوكلات قىلدىم. مەھبۇس كىيىمىنى كىيىپ، ئۇلار بىلەن كۆرۈشكەندە ئىنتايىن خىجىل بولدۇم، ھەم ھاياجانلىنىپ كۆزۈمگە ئىسسىق ياش ئالدىم، ئۇلار مەندەك جىنايەتچىنى دۈشمەن قاتارىدا كۆرۈش ئۇياقتا تۇرسۇن، ماڭا غەمخورلۇق قىلىپ، مەدەت بېرىپ، مېنى تىرىشىپ ئۆزگىرىشكە دەۋەت قىلدى. ئۇلارنىڭ كەڭ قورساقلىقى مېنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى.

مېنىڭ جازايىم كېمەيتىلدى، بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان كۈن مەن ئۈچۈن ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز، ئەڭ ھاياجانلىق ۋە ئەڭ تەسىرلىك بىر كۈن بولدى. مەن غەمخورلۇق ۋە كەڭچىلىككە ئېرىشىپ، ئەسلىدىكى ئۈمىدسىزلىك، قايغۇ، تەشۋىش ۋە ھەسرەتكە تولغان كۆز ياشلىرىم بىلەن خوشلىشىپ، ئۈمىدكە تولغان كىشىلىك ھايات مۇساپىسىگە قەدەم قويدۇم.

مەن ماڭا غەمخورلۇق قىلغان، مېنى تەربىيەلىگەن، يېڭى ھاياتلىق مۇساپىسىگە مېڭىشقا يېتەكلىگەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە، تۈرمە ساقچىلىرى ۋە دىنىي ئۆلىمالارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن.

مەن شۇنداق بايانات ئېلان قىلىمەنكى، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆزگىرىپ، ئىلگىرى قوبۇل قىلغان ۋە تارقاتقان دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى، ئۆزۈم تەشكىللىگەن ۋە قاتناشقان زوراۋانلىق، تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن مەڭگۈ تەلتۆكۈس ئادا – جۇدا بولۇپ، تىرىشىپ قانۇن – ئىنتىزامغا ئەمەل قىلىدىغان پۇقرالاردىن بولىمەن.

ھۈسەنجان جېلىل ئاغزاكى سۆزلەپ بەردى، مۇخبىر سۈي يۈنيەن رەتلىدى

مەنبە: تەڭرىتاغ تورى

 

http://uy.ts.cn/homepage/content/2016-02/03/content_495478.htm?lang=uy

Share
2222 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.