logo

trugen jacn

ھۆرلۈككە تۆلەنگەن بەدەل

image

قۇتلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

– بىر نەپەر ئۇيغۇر شاھىتنىڭ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى قاچقۇنلۇق ھېكايىسى (1)

2013-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدىن 2015-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە بولغان جەرياندا ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان تارىخىدىكى كۆلىمى زور، تەسىرى چوڭقۇر بولغان شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان ھىجرەت دولقۇنى يۈز بەردى. مىڭلىغان ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ جەنۇبىي ئۆلكىلىرى ئارقىلىق ۋىيېتنام، لائوس، كامبودژا، تايلاند، مالايشىيا قاتارلىق ئەللەرگە قېچىپ باردى.

تايلاندنىڭ «چېگرادىن قانۇنسىز كىرگەن كۆچمەن» لەرنى تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرىغا يىللارچە قامالغان ئۇيغۇر مۇساپىرلار ئالدىنقى يىللاردا تايلاند، خىتاي ۋە تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۈچ بۇرجەكلىك دىپلوماتىك تارتىشمىلارغا سەۋەب بولدى. بۇ جەرياندا تايلاندتىكى مۇساپىرلار لاگېرىغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى خىتايغا قايتۇرۇلدى، بىر قىسمى تۈركىيەگە ئېلىپ كېتىلىپ يەرلەشتۈرۈلدى.

ئۇنداقتا، بۈگۈن تارىخنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان بۇ زور ھىجرەت دولقۇنى ھەققىدە ئاشۇ كەچمىشلەرنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن شاھىتلار نېمە دەيدۇ؟

تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىگە يەرلەشكەن، ئەمما نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر نەپەر شاھىت ئۆزىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرى ئارقىلىق شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرىگە قانداق قېچىپ چىققانلىقىنى، ئەركىنلىك ئۈچۈن بېسىلغان بۇ ئۇزاق ھەم بەدىلى ئېغىر سەپەردە ئۆز بېشىدىن قانداق كەچۈرمىشلەرنى كەچۈرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئۇ 2013-يىلىنىڭ دېكابىر ئايلىرىدا ئۆز ئانا يۇرتىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن تاشلانغان بۇ مۇشەققەتلىك سەپەرگە ئاتلىنىدۇ. يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ كۇنمىڭ شەھىرىگە بارغاندىن كېيىن ۋىيېتنامغا قانداق كىرىش ھەمدە خىتاي چېگرادىن قانداق ئۆتۈش توغرىلىق «ئادەم قاچاقچىلىرى» بىلەن مەخپىي كېلىشىدۇ.

ئەر-ئايال ۋە بالا-چاقىلاردىن تەشكىللەنگەن 12 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىر ئارقا كۆرۈنۈشى نامەلۇم بولغان «ئادەم قاچاقچىلىرى» غا ئالدى بىلەن پۇل تاپشۇرىدۇ.

چېگرادىن ئۆتكۈزۈشكە ھۆددە قىلغان خىتاي «ئادەم قاچاقچىلىرى» كىشى بېشىغا 12 مىڭ 500 سومدىن پۇل ئېلىپ، ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى ۋىيېتنام تەۋەسىدىكى ۋىيېتناملىق «ئادەم قاچاقچىلىرى» غا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ.

ئۇلار يېرىم كېچىدە خىلۋەت ئورمانلىق ئارقىلىق خىتاي چېگرا پونكىتىدىن ئەگىپ ئۆتىدۇ، ئاندىن «ئادەم قاچاقچىلىرى» ئالدىن تەييارلاپ قويغان ئۈستى يېپىق كېمە ئارقىلىق بىر دەريا ئېقىنىنى بويلاپ ئۇزۇن ماڭىدۇ. ئاندىن ۋىيېتنام چېگراسىدىكى قويۇق ئىسسىق بەلۋاغ ئورمانلىقىدا 5-6 سائەت پىيادە مېڭىپ، ئاخىرى ۋىيېتناملىق «ئادەم قاچاقچىلىرى» بىلەن ئۇچرىشىدۇ.

ۋىيېتناملىق «ئادەم قاچاقچىلىرى» بۇ 12 كىشىلىك ئۇيغۇر ھىجرەت گۇرۇپپىسىنى ساياھەتچى سۈپىتىدە ياساپ مىنىبۇس بىلەن خىلۋەت يوللار ئارقىلىق ۋىيېتنامنىڭ جەنۇبىغا يۆتكەيدۇ. ئۇلار مىنىبۇس بىلەن 48 سائەتتەك يول يۈرۈپ ئاخىرى ۋىيېتنامنىڭ خۇ جىمىن شەھىرىگە يېتىپ بارىدۇ

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/tolengen-bedel-03152016154419.html

Share
1317 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.