logo

trugen jacn

ھىندىنوزىيەدە 4 نەپەر ئۇيغۇر قولغا ئىلىنغان

150125025545_cn_is_militants_624x351_afp

 

ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى: ب.ب.س. خىتايچە تورىنىڭ 2.ئاينىڭ 11.كۈنى خەۋەر قىلىشىچە ھىندىنوزىيەنىڭ  جەلەبەس رايونىدا تىرور گۇماندارى دەپ قارالغان 7 كىشى قولغا ئىلىنغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا 4 نەپىرى ئۇيغۇر ئىكەنلىگى بىلدۈرۈلگەن

ئۇلار بىلەن بىرگە قولغا چۈشكەن ماشىنىدا ،ئىراق-شام  ئىسلام دۆلىتى، تەشكىلاتىغا ئائىت دەلىللەر بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.ئاما كىشلەرنىڭ كىملىكى،قولغا چۈشرۈلگەن دەىللەرنىڭ نىمە ئىكەنلىكى،ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھىندىنوزىيەگە قانداق ۋە قاچان بىرىپ قالغانلىقى توغرىسىدا ھىچقانداق مەلۇمات بىرىلمىگەن

ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا شۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويۇشىمىز زۈرۈركى،ب.ب.س خەۋەر ئاگىنىتلىقى دۇنيادا ئەڭ ئىشەنچىلىك،ھۆرمەتكە ئىگە خەۋەر مەركىزى بولسىمۇ،ب.ب.س. خىتايچە بۆلۈمىدە ئىشلىگۈچىلەر خىتايلاردىن تەركىپ تاپقانلىقى ئۈچۈن،ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق خەۋەر بەرگەندە بىر تەرەپلىمىلىك،ھەتتا يالغان خەۋەر تارقاتقانلىقى ئىسپاتلانغان.مەسىلەن شاۋگۇۋەن ۋەقەسىدە،ۋەقەنىڭ كىلىپ چىقىشىنى ئۇيغۇرلار 2 نەپەر خىتاي قىزغا تاجاۋۇز قىلغان،دەپ خەۋەر قىلغان،كىيىن خىتاي بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى،بۇ خەۋەرنىڭ يالغانلىقىنى ئىلان قىلغاندىن كىيىنمۇ،ب.ب.س. خىتايچە بۆلۈمى خاتالىقى توغرىسىدا ھەرقانداق بىر ئىپادە بىلدۈرمىدى.شەرقى تۈركىستاندا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەلەردەدىمۇ ھەر زامان خىتاي ھۈكۈمەت تەرەپنىڭ دىگەنلىرىنى تەكرارلاپ كەلمەكتە.ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىغا قويغان دەلىللەرگە ئىتىۋارسىز قارىماقتا

شۇڭا،ب.ب.س نىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى باشقا تىللاردىكى خەۋەرلىرى بىلەن خىتاي تىلىدىكى خەۋەرلىرىنى پەرىقلەندۈرۈپ تەھلىل قىلىشىمىز كىرەك

مەنبە

据报印尼逮捕了涉嫌伊斯兰国的维吾尔人

Share
4478 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.