logo

trugen jacn

ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قاماپ قويىىشغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

بىرلەشمە ئاگېنتلىق، 2018- يىلى 14- سىنتەبىر

ھىندسىتان، بومباي: تەخمىنەن 150 دەك مۇسۇلمان جۈمە كۈنى ھىندىستاننىڭ پۇل – مۇئامىلە مەركىزى بومبايدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتايدىن شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان-ت) رايونىدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنى لاگىرلار ۋە سىياسىي تەربىيە مەركەزلىرىگە قاماشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.

جۈمە نامىزىدىن كېيىن مەسچىت سىرتىدا نامايىش ئۆتكۈزگەن كىشىلەر «خىتاينى يوقىتايلى» دەپ شوئار توۋلىدى.

نامايىشنى تەشكىللىگۈچىلەردىن بىرى بولغان مۇھەممەد سەئىد نورى خىتاينى نۇرغۇن مۇسۇلمانننى لاگىرلارغا قاماش ۋە «دىنىي ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىش» بىلەن ئەيىبلىدى.

خىتاي ئاز سانلىقلارنى ئېىتنىك خىتايلار ھۆكۈمرانلىقىدىكى خىتاي ئاساسى ئېقىمىغا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۈچۈن، ئىسلام دىنى ۋە ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشىغا بولغان چەكلىمىلەرنى كۈچەيتتى. خىتاي بۇنىڭ شىنجاڭدىكى نامرات خەلققە ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

خىتاي بۇ لاگېرلارنى ئىنكار قىلدى ھەمدە ئۆزىنىڭ تېرورلۇق، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە بۆلگۈنچىلىك بىلەن كۈرەش قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر تەدبىرلەرنى ئېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

http://turkistantimes.com/uy/news-3404.html

Share
2029 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.