logo

trugen jacn

ھىندىستان خىتاي چېگراسىدىكى رايونلار ئۈچۈن يېڭى قارار چىقاردى

737782362500007059101

ھىندىستان ھۆكۈمىتى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىگە بىر قانچە كۈن قالغاندا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تالاش – تارتىشلىق چېگراغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم قارار ئالدى.

ھىندىستان شەرقىي شىمالدىكى ئارۇناچال پرادېش دەپ ئاتىلىدىغان تالاش – تارتىشلىق خىتاي چېگراسىغا يېقىن رايوندا يېڭى يول ياساش ۋە ھەربىي بازا قۇرۇش ئۈچۈن مۇھىت قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزىدۇ. خىتاي «جەنۇبىي تىبەت» دەپ ئاتايدىغان ۋە ھازىرمۇ خەرىتىدە خىتاي رايونى سۈپىتىدە كۆرسىتىلىدىغان ھىمالايا رايونى، 1962 – يىلى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا قىسقا داۋاملاشقان ئۇرۇشقا سەۋەب بولغان ئىدى. رايوننىڭ خىتاي تەۋەلىكىدىكى جايغا، يول ۋە ئايرودۇرۇملار ياسالغان بولۇپ، ئامېرىكا بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ 2010 – يىلىدىكى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 300 مىڭ كىشىلىك ھەربىي بازا ۋە يادرو ئوق بېشىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان

ھىندىستاندا مۇھىت قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش، باش مىنىستىر نارەندرا مودىنىڭ يېڭى تاشقى سىياسىتى بىلەن بىرلىكتە كۈنتەرتىپكە كەلدى. مەزكۇر رايون بۇنىڭدىن بۇرۇن ھۆكۈمەتلەرنىڭ سىياسىتى تۈپەيلىدىن نەزەردىن ساقىت قىلىنىپ كەلگەن ئىدى. بۇنىڭ شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىدىن سەل ئىلگىرى بولۇشى، ھىندىستاننىڭ ئىستراتېگىيەسىدە تۈپتىن ئۆزگىرىش يۈز بېرىشى سەۋەبىدىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارالدى

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى داۋامىدا رايونغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى

Share
1832 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.