logo

trugen jacn

ھىندونېزىيە 3 نەپەر ئۇيغۇرنى «تېررورلۇق» بىلەن ئەيىبلەپ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى

rius2ru1rqb3777

ھىندونېزىيەنىڭ جەنۇبىي جاكارتا رايونلۇق سوت مەھكىمىسى دۈشەنبە كۈنى 3 نەپەر ئۇيغۇر مۇھاجىرنى ھىندونېزىيە تېررورلۇق گۇرۇھى بىلەن تىل بىرىكتۈردى، دەپ ئەيىبلەپ، ھەر بىرىنى 6 يىللىقتىن قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلغان ۋە ھەر بىرىگە 7535 دوللار جەرىمانە قويغان.

سوت مەھكىمىسى 20 ياشلىق ئەخمەت ماخمۇت، 24 ياشلىق ئابدۇباسىت تۈزەر، 28 ياشلىق ئابدۇللانى ھىندونېزىيە كۆچمەنلەر قانۇنى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن.

ھىندونېزىيە دائىرىلىرىنىڭ قارارى يېقىندا تايلاند 109 نەپەر ئۇيغۇرنى مۇساپىرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، قاتتىق خەلقئارا نارازىلىققا ئۇچرىغان پەيتتە ئېلان قىلىنىپ دىققەت قوزغىدى.

ئەخمەت ماخمۇت، ئابدۇباسىت تۈزەر ۋە ئابدۇللالار بىلەن بىللە ئەخمەت بوزئوغلان ئىسىملىك يەنە بىر ئۇيغۇر ۋە 3 نەپەر يەرلىك ھىندونېزىيەلىك 2014‏-يىلى 9‏-ئايدا ھىندونېزىيەنىڭ مەركىزى سۇلاۋاسى ئۆلكىسى پوسو بازىرىدا قولغا ئېلىنغان.

دائىرىلەر ئۇلارنى ئابۇ ۋارداھ سانتوسو رەھبەرلىكىدىكى ھىندونېزىيە ئىسلامى غازاتچى گۇرۇھىغا قاتنىشىشقا ماڭغان، دېگەن گۇمان بىلەن قولغا ئالغان. ھىندونېزىيە ئاخباراتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سوت ئەخمەت بوزئوغلان ۋە قالغان 3 نەپەر ھىندونېزىيەلىك ئۈستىدىن بۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا قارار چىقىرىدىكەن.

لېكىن، ئەخمەت ماخمۇت، ئابدۇباسىت تۈزەر ۋە ئابدۇللانىڭ ئادۋوكاتى ئاسلۇدىن خاتجانى، ئۈچەيلەننىڭ ھۆكۈمگە نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەرزىيەت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/hindinoziye-uyghur-07132015151124.html

 

Share
1383 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.