logo

trugen jacn

ھىندونېزىيە پارلامېنت ئەزاسى ۋە ئۆلىمالار مەجلىسى خىتاينى تەنقىد قىلدى

ھىندونېزىيە پارلامېنت ئەزاسى ۋە ھىندونېزىيە ئۆلىمالار مەجلىسى ئارقا – ئارقىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم ۋە باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلدى.

ھىندونېزىيە ئاۋام پالاتاسى بىرىنچى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھارىس ئەلمايسىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان -ت)دا مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان كەمسىتىش سىياستىنى تەنقىد قىلدى.

خەۋەر قىلىنىشىچە، ئۇ 17- دىكابىر دۈشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، 2014- يىلىدىن بۇيان رايوندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلار ئۇچرىغان چەكلىمىلەرنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «ئەگەر يۈز بەرگەن ئەھۋالار راست بولسا، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېرورىزمنى ئۇيغۇرلار ۋە مۇسۇلمانلارغا ئارتىپ قويغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ» دېگەن.

ئۇ ئۆز پارتىيسىىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنۋاتقانلىقى ۋە تەڭسىز مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى زۇلۇم، ئىرقىي كەمسىتىش، دىنىي ئىبادەتلەرگە بولغان چەكلىمە، نامراتلىق ۋە ئىشسىزلىق مەسىلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ھەمدە بۇلارنىڭ دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىشى ۋە ئەيىبلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتنىڭ خىتاينى مۇستەقىل تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ رايونغا كىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشقا دەۋەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

ھىندونېزىيە ئۆلىمالار مەجلىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى زۇلمىنى تەنقىد قىلدى

ھىندونېزىيە ئۆلىمالار مەجلىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلمىنى تەنقىد قىلدى.

ھىندونېزىيە ئۆلىملار مەجلىسى مەسلىھەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى دىن سيامسۇددىن خەلقئارا تاراتقۇلاردا چىققان خەۋەرلەردىن ئېرىشكەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ياشايدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ قىيىن – قىستاق، كەمسىتىش ۋە دىنىي ئىبادەتلىرىنىڭ چەكلىنىشى قاتارلىق زۇلۇملارغا ئۇچراۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى، بۇ ئەھۋالنى قاتتىق تەنقىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

سيامسۇددىن ب د ت پۇقرالار ۋە سىياسىي ھوقۇق كېلىشىمىگە ئاساسەن رايون نوپۇسىنىڭ كۆپ سانلىقىنى تەشكىل قىلغان مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئىبادەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش ئەركىنلى بارلىقىنى تەكىتلەپ، رايوندىكى باستۇرۇشنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

ئۇ، رايوندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز ئەھۋالىغا تاشلاپ قويۇلماسلىقى ۋە قانۇنىي ھەق – ھوقۇقلىرىنىڭ قوغدىلىشى ھەققىدە خىتاي دائىرىلىرىگە قارشى قاتتىق پوزىتسىيەدە بولۇش ئۈچۈن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە چاقىرىق قىلغان.

سيامسۇددىن يەنە ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ خىتاي دائىرىلىرىگە قارشى كەسكىن پوزىيتسىيەدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

http://turkistantimes.com/uy/news-9842.html

Share
1577 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.