logo

trugen jacn

ھىندونېزىيە يەنە بىر ئۇيغۇرنى 6 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى

150729173009_ahmet_bozoglan_uighur_indonesia_court_512x288_bbc_nocredit

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھىندونېزىيە دائىرىلىرى بۇ دۆلەتتە ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان «تېررورلۇق» گۇمانى بىلەن تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بىرى ئەخمەت بوزئوغلاننى 29 – ئىيۇل 6 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

BBC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەخمەت بوزئوغلان ھىندونېزىيەنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش جىنايىتى» بىلەن جازاغا تارتىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەخمەت بوزئوغلان ھىندونېزىيەدە تۇتۇلغاندا ئۇنىڭ قولىدا تۈرك پاسپورتى بار ئىكەن.

«مالايسىيا مەكتۇپلىرى» تور بېتىنىڭ نەقىل قىلىشىچە، ھىندونېزىيە سوتچىسى ھوتمان لۇمباگ توبىن ئەخمەتنىڭ قولىدىكى تۈرك پاسپورتىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئەسلى خىتايدىن كەلگەن ئۇيغۇر ئىكەنلىكنى بىلدۈرگەن.

سوتچى ئۇيغۇر ياش ئەخمەت بوزئوغلاننىڭ «ھىندونېزىيە مۇجاھىدىن» دەپ ئاتالغان تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ھىندونېزىيەگە ساختا پاسپورت بىلەن كىرگەنلىكىنى ئېيتقان.

ھىندونېزىيە دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلى سېنتەبىردە ھىندونېزىيەنىڭ مەركىزى سۇلاۋېسى ئۆلكىسىدە 4 ئۇيغۇرنى قولغا ئالغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئەخمەت بوزئوغلانمۇ شۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە بار ئىكەن.

بۇلاردىن باشقا ئۈچەيلەن بۇ يىل 13 – ئىيۇل سوتقا تارتىلغان ۋە 6 يىللىقتىن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

ئەمما، ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر قولىدا تۇتامغا چىققۇدەك دەلىل – ئىسپاتلىرى بولمىغان ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ بېسىمىدا مەقسەتلىك تېررورلۇققا باغلاپ سوتلىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/hindoniziye-uyghur-07292015195544.html

Share
1239 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.