logo

trugen jacn

ھىندونېزىيە ساقچىلىرى يەنە بىر ئۇيغۇرنى ئېتىۋەتتى

e16745a6-2c19-4c8a-8676-e575c10d5783

ب ب س نىڭ خىتايچە خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندونېزىيە ساقچىلىرى ۋە ھەربىي قىسىملىرى 24-ئاپرېل كۈنى ھىندونېزىيەنىڭ مەركىزىي سۇلاۋېسى ئۆلكىسىدە سانتوسو رەھبەرلىكىدىكى «شەرقىي ھىندونېزىيە مۇجاھىدلىرى» ناملىق قوراللىقلار بىلەن بولغان ئېتىشىش جەريانىدا مەزكۇر قوراللىق گۇرۇپپىغا قاتناشقان بىر ئۇيغۇرنى ئېتىپ تاشلىغان.

ھىندونېزىيە ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پوسو شەھىرىدىكى دېھقانلار تەمىنلىگەن يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ساقچى ۋە ھەربىيلەرنىڭ بىرلەشمە قوراللىق قىسىملىرى شۇ جايدىكى گۇماندارلارنى قورشىۋالغان ھەمدە ئېتىشىش جەريانىدا شۇلار تەركىبىدىكى بىر ئۇيغۇرنى ئېتىۋەتكەن. كېيىنچە ھىندونېزىيە تەرەپ بۇ ئۇيغۇرنىڭ ئىسمىنىڭ مۇسا ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىغان.

ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر گۇرۇپپىغا قاتناشقان ئۇيغۇرلار جەمئىي ئالتە نەپەر بولۇپ، مۇشۇ قېتىمقىسىنى قوشقاندا ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ بەشى ئېتىۋېتىلگەن، يەنە بىرى قاچقۇنلۇق ھالىتىدە ئىكەن.

ھىندونېزىيەدىكى «ئانتار خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سانتوسو قوراللىقلىرىنىڭ سانى ھازىر 25 كىشىگە چۈشۈپ قالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە بىر ئۇيغۇر بار ئىكەن.

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/hindoneziye-uyghur-04282016163903.html

Share
1172 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.