logo

trugen jacn

ھىندونېزىيە دۈشەنبە كۈنى 4 نەپەر ئۇيغۇر مۇھاجىرنى سوتلىدى

 

ھىندونېزىيەنىڭ شىمالىي جاكارتا رايونلۇق سوتى دۈشەنبە كۈنى 4 نەپەر ئۇيغۇر مۇھاجىرنى سوتلاپ، ئۇلارنى ھىندونېزىيەلىك تېررورچىلار بىلەن ھەمكارلىشىش ۋە «جىنايى سۇيىقەست» كە ئىشتىراك قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن. لېكىن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەيىبلىشى ھېچقانداق پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.

ئۇ، ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ بېسىمىدا مەقسەتلىك تېررورلۇققا باغلاپ سوتلىغان. خىتاينىڭ غەرىزى ئۇيغۇر سىياسىي مۇساپىرلىرىنىڭ چەتئەلگە پانا تارتىپ چىقىشىنى توسۇش.

ھىندونېزىيە ساقچىلىرى بۇ 4 ئۇيغۇرنى 2014‏-يىلى سېنتەبىردە ھىندونېزىيەنىڭ مەركىزى سۇلاۋاسى ئۆلكىسىدىكى پوسو بازىرىغا ئاپتوموبىلدا كېتىۋاتقاندا تۇتۇپ قالغان. ساقچىلار ئۇلارنى ھىندونېزىيە تىمۇر مۇجاھىدلىرىنىڭ رەھبىرى ئابۇ ۋارداق سانتوسو بىلەن كۆرۈشۈشكە كېتىۋاتىدۇ دېگەن گۇمان بىلەن تۇتقۇن قىلغان ئىدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندونېزىيە تەپتىش ئەمەلدارلىرى ئەھمەت ماھمۇت، ئابدۇللا (ئالتېنجى بايرام)، ئابدۇلباسىت تۈزەر ۋە ئەھمەت بوزئوغلان ئىسىملىك تۇتقۇنلارنى ھىندونېزىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش، ساختا تۈرك پاسپورتى قوللىنىپ، كۆچمەنلەر قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن.

ئەھمەت بوزئوغلان دىلوسىنىڭ تەپتىش ئەمەلدارى دىكىي ئوكتاۋىان: «جاۋابكار پوسودا سانتوسو تېررورلۇق گۇرۇھىنىڭ جىنايى سۈيىقەستىگە ئارىلاشقان» دەپ كۆرسەتكەن. بىراق ئۇنىڭ قانداق دەلىل كۆرسەتكەنلىكى مەلۇم ئەمەس. سوت دۈشەنبە كۈنى ھۆكۈم ئېلان قىلمىغان. پەقەت تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ ئەيىبلىشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن يېپىلغان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقى سوتنىڭ كېلەر ھەپتە داۋاملىق ئېچىلىدىغانلىقىنى، كېلەر ھەپتىدىكى سوتتا گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghur-musapir-03232015170656.html

Share
1457 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.