logo

trugen jacn

ھىندونېزىيەدە تۇتۇپ قېلىنغان 4 ئۇيغۇر مۇساپىر تېررورلۇق بىلەن سوتلىنىش خەۋپىگە دۇچ كەلدى

image

ئەركىن

اڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ھىندونېزىيەدە تۇتۇپ قېلىنغان تۈرك پاسپورتلۇق 4 نەپەر ئۇيغۇر ۋە ئۇلارنىڭ 3 نەپەر ھىندونېزىيەلىك يەرلىك ھەمراھى تېررورلۇق بىلەن سوتلىنىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن. تۇتقۇنلارنىڭ ئادۋوكاتى يەكشەنبە كۈنى ھىندونېزىيە ئاخباراتىغا خەۋەر بېرىپ، بۇ يەتتەيلەننىڭ مۇشۇ ئاي ئىچىدە سوتلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ يەتتەيلەن 2014-يىلى سېنتەبىردە ھىندونېزىيەنىڭ مەركىزى سولاۋېسى ئۆلكىسىگە قاراشلىق پوسو بازىرىغا كېتىۋاتقاندا تۇتۇپ قېلىنغان. تۇتقۇنلارنىڭ ئادۋوكاتلىرىدىن ئاشلۇدىن خاتجانىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ساقچىلار 4 نەپەر «تۈرك» ۋە 3 نەپەر ھىندونېزىيە پۇقراسىنىڭ ماتېرىيالىنى تەق قىلىپ، شىمالىي جاكارتا رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسىگە تاپشۇرغان.

بۇ ۋەقە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئارقىلىق ئىراق ۋە سۈرىيەگە بېرىپ جىھاد قىلىشقا كېتىۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلەۋاتقان مەزگىلدە يۈز بەرگەچكە، مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ھالبۇكى، خىتاي ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى تېررورلۇققا باغلىسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر خىتاينىڭ بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئىلىدىكى دىنىي، سىياسىي باستۇرۇشىنى قانۇنلۇق قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلدى.

ئادۋوكات ئاشلۇدىن ھاتجانى، ھۆكۈمەتنىڭ تۇتقۇنلارنى مەركىزى سۇلاۋېسى ئۆلكىسىدىكى ئىسلامى تەشكىلات-«سانتوسو گۇرۇھى» غا قاتنىشىش نىيىتى بار دەپ، ئۇلارنى پۇل ۋە نەرسە كېرەك بىلەن تەمىنلەشكە ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىگەن. ئادۋوكاتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەگەر ئۇلارغا ئارتىلغان جىنايەت مۇقىملاشسا، ھىندونېزىيە 2003-يىلى چىقارغان تېررورلۇق قانۇنىغا ئاساسەن، ئۇلار مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنىش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت.

بۇ ئەھۋال ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ دەرھال ئىنكاسىنى قوزغىدى. د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، ھىندونېزىيە دائىرىلىرىنى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىككە چاقىرىپ، ھىندونېزىيە ھازىر ئۇلارنى سوتلىسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ھامان بىر كۈنى ئاقلىنىپ چىقىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

رابىيە قادىر خانىم مۇنداق دېدى: «ھىندونېزىيە مەسىلىسىگە كەلسەك، ھىندونېزىيەنى بىز ئۇزۇندىن بېرى تەقىب قىلىپ كېلىۋاتىمىز. ھىندونېزىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق بۇ يەرگە دەسسەپ قالغانلىقىنى بىز بىلمەيمىز. ئىشقىلىپ ئۇيغۇرنىڭ بېشى قېيىپ كەتتى. نەگە بېرىپ نەدە تۇرۇشنى بىلمەيدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ قېچىپ چىققان سەرگەردانلىرى ياكى قېچىپ چىققان قاچقۇنلىرى ئۆزى پاش پاناھ تاپالمىغاندا ئۇنداق ياكى مۇنداق ئادەملەر بىلەن ئۇچرىشىپ قالمايدۇ، دېيەلمەيمىز. بىز ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىدىن داۋاملىق تەلەپ قىلىۋاتىمىز، يەنىلا ھىندونېزىيە بىزنىڭ دىنىي قېرىندىشىمىز، ئىسلام دۆلەتلىرى ئىچىدىكى بىر قەدەر دېموكراتىك دۆلەت، بىز ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى مەيلى مۇددەتسىز كېسەمدۇ، مەيلى مۇددەتلىك كېسەمدۇ، ئۇلارنى ۋەھشىي قىيناشلار بىلەن ئۆلتۈرىدىغان خىتاي كوممۇنىستلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەي، قانداق بىر تەرەپ قىلسا، شۇلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىنى كۈتىمىز. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇلارنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ ئېنىقلىنىپ بەلكىم، ئاقلىنىپ چىقىپ كېتىشى مۇمكىن.

بۇ بىچارىلەر قېچىپ چىققان سەرگەردانلار. ئۇلار تېنەپ تۇرغان ۋاقىتتا بەلكىم، بۇلارنى ئىزدىمىگەندۇ، ئۇلار بۇلارنى ئىزدەپ گەپ قىلغاندۇ. شۇنىڭغا ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىپ، تېلېفون ئالاقىسى قىلىپ قويغان بولسا، مۇشۇنداق ئادەملەر بىلەن ئۇچراشتى، دېگەن پاكىت بىلەن خىتاينىڭ بېسىمىدا ھىندونېزىيە شۇنداق قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. خىتاي تۈرمىسىگە بارغاندىن، ھىندونېزىيە ئۆزى كېسىپ ئېلىپ قالسا، ئاخىرى ھەقىقەت ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. خۇددى گۇەنتانامو مەسىلىسىدەك، گۇەنتانامودىكى بالىلارمۇ ئاخىرىدا ئاقلىنىپ چىقتى. بۇنىڭ ئۈچۈن بىزمۇ قاراپ تۇرمايمىز، ئادۋوكاتلارنى تەكلىپ قىلىمىز، بۇ مەسىلىنىڭ باش-ئاخىرىنى تەكشۈرىمىز.»

سانتوسو گۇرۇھى مەركىزى سۇلاۋېسى ئۆلكىسىنى بازا قىلغان مۇجاھىددىن ھىندونېزىيە تىمۇر ناملىق ئىسلامى تەشكىلات قارمىقىدىكى مۇسۇلمان گۇرۇھ. سانتوسو مەزكۇر گۇرۇھنىڭ رەھبىرى بولۇپ، بۇ ئورگان ئۆزىنىڭ رەھبىرىنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن. ھالبۇكى، ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى 4 ئۇيغۇرنى تېررورلۇققا باغلىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ تېررورلۇق ئالاقىسىگە دائىر ھېچقانداق دەلىل كۆرسىتىپ باقمىدى.

بىز دۈشەنبە كۈنى ھىندونېزىيەنىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق دەلىللەرگە ئاساسلىنىپ بۇ 4 ئۇيغۇرنى تېررورلۇق بىلەن سوتلايدىغانلىقىنى سورىدۇق. ئەلچىخانىنىڭ ئاخبارات ئەمەلدارى سوئالىمىزنى ئېلخەت ئارقىلىق ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلدى. بىز سوئاللىرىمىزنى ئېلخەت ئارقىلىق ئەۋەتكەن بولساقمۇ، بىراق ئەلچىخانا ھازىرغا قەدەر جاۋاب بەرمىدى.

يۇقىرىقى 4 ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى بىلەن خىتاي سىياسىي قانۇن سېكرېتارى مىڭ جيەنجۇنىڭ 3‏-فېۋرال ھىندونېزىيەگە قىلغان زىيارىتىنىڭ ئالاقىسى بار-يوقلۇقى نامەلۇم بولسىمۇ، لېكىن بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، «تېررورچىلار»نىڭ ئۆتكۈنچى يولىنى كونترول قىلىش ئۇنىڭ زىيارىتىنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى ئاساسلىق مەسىلە ئىكەنلىكى مەلۇم.

ئۇ ھىندونېزىيە پرېزىدېنتى جوكو بىلەن كۆرۈشكەندە تەكىتلەپ، ئىككى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك ھەمكارلىق مېخانىزمى قۇرۇشقا ۋە بۇ ساھەدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئەسلى ھىندونېزىيەدىكى بۇ ئۇيغۇرلار جەمئىي 9 كىشى ئىدى. ھىندونېزىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سائۇد ئوسمان ناسۇشىننىڭ «جاكارتا پوچتا گېزىتى» گە بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلاردىن 3 كىشى ئورمانلىققا قېچىپ كىرىپ كەتكەن. 2 كىشى مالايشىياغا قېچىپ بېرىۋالغان. ئۇلاردىن ھازىرقى 4 كىشى ھىندونېزىيە ساقچىلىرىغا تۇتۇلۇپ قالغان.

رابىيە قادىر خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرگە بېسىم قىلىپ، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قايتۇرۇپ كېتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى، لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى سەرگەردانلىق ئەھۋالىغا چۈشۈپ قېلىشىغا خىتاي ھۆكۈمىتى جاۋابكار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئۇيغۇر سەرگەردانلىرىمىز خىتاينىڭ بېسىمىدىن ھەر خىل ئىش ۋە ھەر خىل يوللارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى بىر ئىشلارغا مەجبۇرلاۋاتىدۇ. مانا مۇشۇنداق پەيتتە، مەيلى تايلاند، مەيلى مالايشىيا، ھىندونېزىيەگە بولسۇن، ئافغانىستانغا بولسۇن، مەيلى ھىندىستانغا بولسۇن، مەيلى پاكىستانغا بولسۇن ئۇيغۇرلار قېچىپ چىقىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇققا باغلاپ ئەكىرىپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىۋاتىدۇ، بىگۇناھ ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ. يېقىندا ئۆزىڭىز ئاڭلىدىڭىز مۇخبىر ئەپەندى، ئافغانىستان 15 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەردى. ئۇلارنىڭ ھېچ قايسىسى تېررورچى ئەمەس. پەقەت خىتاي ئافغانىستان بىلەن سودا مەنپەئەتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، ئافغانىستانغا ھەر خىل شەرتلەرنى قويۇپ، ئۇيغۇرنى تۇتۇپ بەرسەڭلار، مەن ئېلىپ كېتىپ ئۆلتەرسەم. سىلەرگە ئۇنى قىلىپ بېرىمەن، بۇنى قىلىپ بېرىمەن، دەپ ۋەدە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ ئەكىتىۋاتىدۇ. ئۆتكەندە پاكىستان بىز ئۇيغۇرنى تۇتۇپ بېرىمىز، دەپ ئېلان قىلدى.

بىزنىڭ قېچىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنى پەقەت تۈركىيە بىلەن غەرب قوبۇل قىلىۋاتىدۇ. قالغان مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىكى قېرىنداشلىرىمىز تۇتۇپ بېرىۋاتىدۇ، قايتۇرۇۋاتىدۇ. بۇنىڭغا خىتاي جاۋابكار بولۇشى كېرەك، خىتاينىڭ دۆلەت خاراكتېرلىك جىنايى ھەرىكىتى، دىكتاتۇرلۇقى، قانۇنسىزلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياغا چېچىلىپ ھەر خىل ئازابلارغا ئۇچرىشىغا سەۋەبچى بولۇۋاتىدۇ.

ھىندونېزىيەدىكى يۇقىرىقى 4 ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسىدە تۈرك پاسپورتى بولسىمۇ، لېكىن نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى ئېنىقسىز ئەھۋالدا قالغان. ھىندونېزىيە تەرەپ ئۇلارنىڭ پاسپورتى ساختا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇلارنىڭ ئەسلى ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ھالبۇكى، تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ جاكارتادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئۇلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىنى تونۇمىغان.

خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» يېقىندا ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، خىتاينىڭ جاكارتادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى تۇتقۇنلارغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى توپلاۋاتقانلىقىنى، بىراق ھازىرغا قەدەر ئۇلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىنى ئېنىقلاپ چىقالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھىندونېزىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بولسا، ئۇلارنىڭ يېنىدا تۈرك پاسپىورتىدىن باشقا ھېچقانداق گۇۋاھنامە يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/hindoneziye-uyghur-02232015160620.html

Share
1388 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.