logo

trugen jacn

ھىندونېزىيەدە ئامانلىق كۈچلىرى ئىككى ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن

Uygur-Endonezya-768x432

ئەركىن

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ھىندونېزىيەنىڭ مەركىزى سۇلاۋېسى ئۆلكىسى ساقچى دائىرىلىرى چارشپەنبە كۈنى مەزكۇر ئۆلكىنىڭ پوسو بازىرى ئەتراپىدىكى تاغلىق ئورماندا ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەردىن ئىككىسىنىڭ «شەرقىي ھىندونېزىيە مۇجاھىددىن تىمۇر» گۇرۇھى ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئىككى ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ھىندونېزىيە ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئىككەيلەن ھىندونېزىيە ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ سەيشەنبە كۈنى مەركىزى سۇلاۋېسى ئۆلكىسى پولو بازىرى ئەتراپىدىكى تاغلىق ئورمانلىقنى بازا قىلغان «شەرقىي ھىندونېزىيە مۇجاھىددىن تىمۇر» ناملىق جىھادچى تەشكىلاتنىڭ رەھبىرى سانتوسوغا قارشى ئېلىپ بارغان قوراللىق ھەرىكىتىدە ئۆلتۈرۈلگەن.

مەركىزى سۇلاۋېسى ئۆلكىسىنىڭ ساقچى باشلىقى رۇدىي سۇفارىئادى چارشەنبە كۈنى فرانسىيە ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، «بىز ئۆلتۈرۈلگەن ئىككى كىشىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىدۇق» دېگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ كىملىكى، قانداق شامال ئۇلارنى بۇ تەرەپلەرگە ئۇچۇرۇپ كەلگەنلىكىگە چۈشەنچە بەرمىگەن.

ھىندونېزىيە «شەرقىي ھىندونېزىيە مۇجاھىددىن تىمۇر» تەشكىلاتىنىڭ ئىسلام دۆلىتى – دائېشنىڭ ھىندونېزىيەدىكى يەرلىك تارمىقى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 30 – 40 كىشىلىك بۇ قوراللىق گۇرۇھنىڭ رەھبىرى سانتوسونىڭ دائېش رەھبىرى ئەل – باغدادىغا بەيئەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقەگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ۋەقەنى «ئەندىشە قىلارلىق تەرەققىيات» دېدى. د ئۇ ق باش كاتىپى نۇرمەمەت مۇساباي بۈگۈن رادىيومىزغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، ھىندونېزىيە دائىرىلىرىنى بۇ ۋەقەگە ۋە باشقا ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار دىلولاردا ئادىل ۋە ئوچۇق – ئاشكارا بولۇشقا چاقىردى.

نۇرمەمەت مۇساباي: «دائىرىلەرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەن ئىككى بالا ھەققىدە ئېنىق، توغرا مەلۇمات بېرىشىنى، ئۇلار ئۇ يەرگە قانداق بېرىپ قالغان، قولىدا قورال – بارمۇ – يوقمۇ، بۇ يەرگە باشقا ھېچقانداق بىر نەرسە قوشماي راسىتىنى، مەيلى قانداق بولسۇن، توغرا خەۋەر بېرىشىنى سورايمىز.

ئۇ يەردە تۇتۇلۇپ قالغان ئۇيغۇرلارغا ئادۋوكات بېرىشىنى، ئۇلارغا ئۆزىنى ئاقلاش پۇرسىتى بېرىشىنى، ھىندونېزىيە ئۆزىنىڭ سوتىدا قانۇنلارغا ئاساسەن سوتلاپ، گۇناھى بولسا گۇناھىغا قاراپ، گۇناھى بولمىسا بولمىغان پېتى ئاقلىنىپ چىقىشىغا پۇرسەت بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز.» دېدى.

ھىندونېزىيە ئامانلىق دائىرىلىرى بۇ يىل 13 – يانۋار جاكارتانىڭ قايناق بىر سودا رايونى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، «شەرقىي ھىندونېزىيە مۇجاھىددىن تىمۇر»غا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت باشلىغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەركىزى سۇلاۋېسىدىكى بۇ قېتىمقى ھەرىكەتكە ئالاھەزەل 2000 ساقچى ۋە ئەسكەر قاتناشقان.

مەركىزى سۇ لاۋېسى ئۆلكىسىنىڭ ساقچى باشلىقى رۇدىي سۇفارىيادى، فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، تۇتقۇنلارنى سوراق قىلىش ئارقىلىق «شەرقىي ھىندونېزىيە مۇجاھىددىن تىمۇر» تەشكىلاتىنىڭ تەركىپىدە يەنە 4 ئۇيغۇرنىڭ بارلىقى ئېنىقلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما سۇفارىئادى، ئۇ 4 ئۇيغۇرنىڭ كىملىكى ھەققىدە ئۇچۇر بەرمىگەن.

بىز ھىندونېزىيە مەركىزى سۇلاۋېسى ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسى ۋە ھىندونېزىيەنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ۋە د ئۇ ق نىڭ چاقىرىقىغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى سورىدۇق.

ھىندونېزىيە مەركىزى سۇلاۋېسى ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ نۆۋەتچى خادىمى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمىدى.

ئەمما، ھىندونېزىيە ئەلچىخانىسىنىڭ نۆۋەتچى ئاخبارات خادىمى ئۆزىنىڭ سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، ئەلچىخانا باش ئاخبارات ئەمەلدارى سىۋاجا راجاغا تېلېفون قىلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. بىز سۋاجا راجاغا تېلېفون قىلىپ سۆز قالدۇرغان بولساقمۇ، ئەمما ئۇ بۈگۈن سائەت 4:00 كە قەدەر تېلېفون قايتۇرمىدى.

ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى 2014 – يىلى سېنتەبىردە 4 ئۇيغۇرنى قولغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ شەرقىي ھىندونېزىيە مۇجاھىدىنلىرىغا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. جاكارتادىكى بىر سوت مەھكىمىسى 2015 – يىلى ئۇ 4 ئۇيغۇرنى سوتلاپ، ھەممىسىنى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

ھىندونېزىيە يەنە، بىر قانچە ئاي ئاۋۋال جاكارتا ئەتراپىدا يەنە بىر ئۇيغۇرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئادەم بومبا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىش پىلانى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما يەنىلا ئۇ ئۇيغۇرنىڭ كىملىكى ۋە باشقا ئەھۋالىغا دائىر ھېچقانداق ئۇچۇر بەرگەن ئىدى.

د ئۇ ق باش كاتىپى نۇرمەمەت مۇساباي، خىتاينىڭ بېسىمى ۋە باستۇرۇشى ئۇيغۇرلارنى ھەر خىل چىقىش يوللىرىنى ئىزدەشكە مەجبۇر قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىن ئەھۋالىنى نەزەرگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

نۇرمەمەت مۇساباي: «ئۇيغۇرلار ئامالسىز شۇنداق رايونلارغا بېرىۋاتىدۇ. ئەگەر خەلقئارا تەشكىلاتلار ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىپ قارىغان بولسا، ئۇيغۇرلار ئۇنداق يەرلەرگە بارمايتتى. ئۇيغۇرلار 2 قېتىم ب د ت ئارقىلىق سىياسىي پاناھلىق تىلىدى، ئەمما ھەر ئىككى قېتىم مەغلۇپ بولۇپ تۇتۇلۇپ خىتايغا قايتۇرۇلدى. بىرىنچىسىدە، كامبودژادا قايتۇرۇلدى. ئىككىنچىسىدە، تايلاندتا قايتۇرۇلدى. قازاقىستانغا ئىسرائىل قېچىپ چىقتى، ئۇ يەردىن ب د ت قوبۇل قىلىپ ئەكىتەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن قولىدا داكۇمېنتى يوق ئۇيغۇرلار ب د ت غا ئىشەنمەس بولۇپ، ھازىر ئۆزلىرى پاناھلىنىدىغان بىر يەرلەرنى ئىزدەۋاتىدۇ.

ئۇيغۇرلار خەلقئارا قانۇن – پرىنسىپلار بويىچە ماڭدى، لېكىن بۇ قانۇن – پرىنسىپلار ئۇيغۇرلارنى قوغداپ قالالمىدى. ئادەمگە كىم پاناھلىق بەرسە شۇ يەرگە بارىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ مەقسىتى ھېچقاچان ئۇ تەشكىلات مەيلى رادىكال، مەيلى ئوڭچى ياكى سولچى بولسۇن، ئۇلارغا قاتنىشىش ئەمەس» دەپ كۆرسەتتى.

جاكارتادىكى بىر رايونلۇق سوت مەھكىمىسى 2015 – يىلى 7 – ئايدا ئەخمەت ماھمۇت، ئابدۇللا، ئابدۇلباسىت تۈزەر ۋە ئەخمەت بوزئوغلان قاتارلىق 4 ئۇيغۇرنى ئايرىم – ئايرىم 6 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

ئامېرىكا «بلۇمبېرگ خەۋەرلەر» ئاگېنتلىقىنىڭ ئۆتكەن يىلى بەرگەن خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، يۇقىرىقى 4 ئۇيغۇر 2014 – يىلى سېنتەبىردە قولغا ئېلىنغان زامان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى قايتۇرۇپ كېتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن.

نۇرمەمەت مۇساباي، ھىندونېزىيەنى ھەر قانداق ئەھۋالدا ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىككە چاقىرىپ، «ھىندونېزىيەنىڭ ئۇلارنى جازا مۇددىتى توشۇپ چىققاندا بارىدىغان يېرى بولسا شۇ يەرگە ئۇزىتىپ قويۇشىنى، بولمىسا ھىندونېزىيەدە ئېلىپ قېلىشىنى ئىستەيمىز» دېدى.

ئەمما، ھىندونېزىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارى ئىرفان ئىدرىس «بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى»گە بەرگەن ئۇچۇرىدا، ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى خىتاي بىلەن ئۇ 4 ئۇيغۇرنى سوتلاپ بولغاندىن كېيىنلا خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدە دەسلەپكى كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھازىر ھىندونېزىيەنىڭ ئۇ تۆلەيلەننى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكى ياكى داۋاملىق ھىندونېزىيە تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرىۋاتقانلىقى مەلۇم ئەمەس

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xelqara-xewer/hindinoziye-uyghur-03162016215748.html

Share
1314 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.