logo

trugen jacn

ھىجابقا قول ئۇزاتقان يېزا باشلىقىنى تىللىغان زۆھرەگۈل مەمتىمىن 3 يىللىق كېسىلگەن

cf6ef17d-f966-4dc2-bf41-d533068b415b

شۆھرەت ھوشۇر

2014-u1222-pmx.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

كېرىيە ناھىيىسىنىڭ سىيەك يېزىسىدا يېقىنقى 6 ئاي ئىچىدە ئاز دېگەندە مىڭغا يېقىن ئايالنىڭ بېشىدىكى لېچەك مەجبۇرىي ئېلىۋېتىلگەن، بۇ جەرياندا مەجبۇرلانغان ئايال ۋە ئۇنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى بىلەن خىتاي ساقچىلىرى ۋە خادىملىرى ئوتتۇرىسىدا كۆپ قېتىم جىدەل – ماجىرا ۋە توقۇنۇشلار يۈز بەرگەن. ماجىرالاردىن بىرىدە سابىق دۆلەت خىزمەتچىسى زۆھرەگۈل مەمتىمىن بېشىدىكى لېچەككە قول ئۇزاتقان يېزا باشلىقى مەمەتجاننى تىللىغان. زۈھرەگۈلنىڭ بۇ قىلمىشى ئۈچۈن، بۇ يىل 7 – ئايدا سىيەك يېزىسىدا سوت ئېچىلىپ ئۇنىڭغا قاماق جازاسى بېرىلگەن؛ سوتقا ئۇنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى قاتناشتۇرلمىغان. مەلۇم بولۇشىچە، دەسلەپتە كېرىيە، ئۇنىڭدىن كېيىن نىيە قاماقخانىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلغان زۆھرەگۈل مەمتىمىن نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدىكى بىر ئاياللار تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتە.
مەلۇم بولۇشىچە، زۆھرەگۈل مەمتىمىن 1996 – يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. ئۇ بىر مەھەل ئانىسىنىڭ خىزمەت ئورنى بولغان يېزىلىق تەمىنات سودا كوپىراتىپىدا ئىشلىگەندىن كېيىن ئىشتىن بوشىتىلغان، ئارقىدىن ئۇ، يېزىلىق ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىدارىسىغا ئىشقا چۈشكەن؛ يەنە مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن بۇ خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلىپ ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ تاش سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۈرۈمچىدىكى مەزگىلىدە ئۇچراشقان دوست – بۇرادەرلىرىنىڭ تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن ھىدايەت يولىغا ماڭغان زۆھرەگۈل مەمتىمىن، بۇ يىل يۇرتى كېرىيەنىڭ سىيەك يېزىسىدىكى بىرقانچە سورۇندا كۆپچىلىكنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ساغلام ئەۋلاد تەربىيەلەش ھەققىدە تەبلىغ قىلغان. ئاتالمىش قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان زۈھرەگۇل مەمتىمىن بېشىدىكى لىچەكنى ئېلىۋېتىشكە زورلىغان يېزا باشلىقىنى تىللىغان. ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى بۇ يىل 7 – ئايدا سىيەك يېزىسىدا ئېچىلغان سوتتا، 3 يىللىق كېسىلىشىگە سەۋەب بولغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/hijab-12222014213142.html

Share
1807 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.