logo

trugen jacn

ھايانكەش « مۇستەقىلچى» نىڭ سەپسەتىسىگە رەدىيە

 

پولات كامال

 

نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيادىكى ھەققانىيەتپەرۋەر ئىنسانلار پۇتىن باشچىلىقىدىكى فاشىست روسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەقىل دۆلەت ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشنى قاتتىق ئەيىبلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر تەرەپتىن بۇ بىر تۈركۈم رۇس فاشىستلىرىنى خەلقئارالىق سوتقا تارتىش چۇقانلىرى قاپلىغان، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ رۇس فاشىستلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت ھەققانىي ئۇرۇشغا ياردەم بېرىشىگە ئاتلانغان خەلقئارالىق پىدائىيلار سېپىگە قوشۇلۇشقا تەييار تۇرغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى ئەزەلدىن «رۇسلار بىزنىڭ مۇستەقىللىقىمىزنى سېتىۋەتكەن» دەپ كارنى يىرتىلىغچە ۋاقىراپ – جاقىراپ كەلگەن ھايانكەش «مۇستەقىلچى» غۇلامىدىن ئوسمان  «ئۇكرائىنا بىزدىن بەك يىراقتا، رۇسىيە بىزنىڭ قوشىنىمىز، ئۇ يەرگە بېرىشقا بولمايدۇ، ئۇرۇش دېگەندە ئەسىرگە چۈشۈپ قالىدىغان ئىشلار بولىدۇ، بۇنداق ئىش سادىر بولۇپ قالسا، بىزنىڭ مۇستەقىللىق ئىشىمىزغا تەسىر يېتىدۇ. ئۇكرائىنالىقلارغا ھېسداشلىق قىلىپ قويساقلا كۇپايە.»  دەپ ۋەز قىلىشقا باشلىدى.

ھەي ھايانكەش « مۇستەقىلچى » غۇلامىدىن ئوسمان خىتاي فاشىست كومھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ۋەھشىيانە ۋە دەھشەتلىك ئىرقىي قىرغىچىلىق  يۈرگۈزۋاتقان بىر قانچە يىلدىن بىرى پۇتىننىڭ فاشىست شى جىنپىڭ بىلەن ئېغىز- بۇرۇن يالىشىپ يۈرگەنلىكىدىن خەۋىرىڭ يوقمۇ-  نىمە؟!

ھەي ھايانكەش، ئوپپۇرتۇنىست غۇلامىدىن ئوسمان، سەن شۇنى بىلىپ قويغۇنكى، ۋۇجۇدى ئىنسانىي ۋىجدان ۋە ھەققانىيەت بىلەن يۇغۇرۇلغان ئۇيغۇرلار ئارىلىقنىڭ يېقىن – يىراقلىقىغا قارىماي تاجاۋۇزچلىققا ئۇچرىغان خەلقلەر بىلەن  ھەر زامان بىر سەپتە!

2022- يىلى 6- مارت

 

ئەسكەرتېش:

ئەسەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان قاراش ئاپتورغا تەئەللۇق بولۇپ، تور بېتىمىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ.

Share
1956 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.