logo

trugen jacn

ھامىلىنىڭ قىز ياكى ئوغۇللىقىنى پەملەش

renkli-gözlü-bebek-resmi

ھەكىم سۇلتان ئەلىنىڭ دەستۇرۇلئىلاج ناملىق كىتابىدىن ئىلىندى.
ﻳﻪرﻛﻪﻥ ﺳﻪﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮬﯚﻛﯜﻣﺎ (ﺗﯧﯟﯨﭗ) ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﻪﻟﻰ ھەزىرەت تەرىپىدىن  1520-1533 -يىللىرى سۇلتان سەئىد باھادىرخاننىڭ پەرمانىغا ئاساسەن يېزىلغان <<ﺩﻩﺳﺘﯘﺭﯨﻞ ﺋﯩﻼﺝ>> ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎپ دەسلىپىدە شۇ زامانلاردىكى ئەدەبىي تىل پارىس تىلىدا يېزىلغان، كىيىن يەنە مەزكۇر كىتابنىڭ ئەمەلىي پايدىلىنىش قىممىتىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە سۇلتان سەئىدخاننىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن چاغاتاي ئۇيغۇرچىسىدا يېزىلغان.
بويىدا قالغانلىقنىڭ ئالامىتى: جىنسىي ئەزا قۇرۇق بولىدۇ ھەم كىچىك بولىدۇ.جنىسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندىن كىيىن سوغۇقتا توڭغاندەك ھېس قىلىدۇ. جنىسىي ئىشلار مەيلى ئاز بولسۇن ئادەت كۆرۈش توختايدۇ، ئەمچەكنىڭ ئۇچى قارا، كۆزنىڭ ئېقى كۆكۈش  بولىدۇ.كۆڭلى ئاچچىق -چۈچۈك نەرسىلەرگە تارتىدىغان بولىدۇ.
بالا ئوغۇل ئىكەنلكنىڭ ئالامىتى: ئايال كىشىنىڭ رەڭگى چىرايلىق، ئوبدان بولۇشى بىلەن كۆكرىكى قىزىل بولىدۇ. بالنىڭ ھەرىكىتى ئوڭ تەرەپتە سىېزىلىدۇ. كۆكرىكنىڭ ئوڭ تەرىپى سول تەرىپىدىن چوڭ بولىدۇ. بالىنىڭ ھەرىكىتى قاتتىق سۈيدۈكى رەڭلىك بولىدۇ. قورسىقى كۆپىنچە ئېگىز بولىدۇ. ئايال ئىشتھالىق بولىدۇ.
بالا قىز ئىكەنلكنىڭ ئالامىتى: ئايالنىڭ رەڭگى ئۆچەك بولىدۇ. بالا كىچىكىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. بالىنىڭ ھەرىكىتى سول تەرەپتە سېزىلىدۇ، كۆكرىكى قارا بولىدۇ. سول تەرىپى چوڭ بولىدۇ. سۈيدىكى ئاق، قورىسقى پەستىرەك بولىدۇ. لاي، كۆمۈر، توپا،گەجدەك نەرسىلەرگە ھەۋەس قىلدىغان بولىدۇ. بەك ئىشتىھالىق بولىدۇ. بۇ ئەھۋال بالنىڭ قىز ئىكەنلىكنى كۆرسىتىدۇ، بۇقرات ھەكىم ئايال كىشىنىڭ بويىدا بارلىقى گۇمان بولسا، 20گرام ھەسەلنى سوغۇق سۇدا ئېزىپ، ياتار چاغدا بەرسە كىندىكى تولغاپ ئاغرىسا بويىدا بار، دەپ قارايمىز. يەنە بىر كۈن تاماق يىدۈرمەي ئۇدقا ئوخشاش خۇشپۇراق نەرسىلەرنى پۇرىتمىز، پۇرىمىسا بويىدا بار، دەپ قارايمىز.
يەنە بالىنىڭ ئوغۇل قىزلىقنى مەلۇم قىلدىغان بەلگىلەردىن زىراۋەننى سوقۇپ، ھەسەل بىلەن خىمىر قىلىپ، يۇڭ بىلەن جىنسىي ئەزاسىغا قويىمىز. ۋاقىت توشقىچە ھىچ نەرسە يىمەيدۇ. ئەگەر ئاغزىدا تاتلىق مىزە تەم بولسا بالا ئوغۇل، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا قىز دۇر. ئەگەر ئاغزىدا ھىچقانداق تەم بولمىسا ھامىلدار ئەمەستۇر.
ئۇندىن باشقا ھامىلدار ئاياللارنىڭ سۈيدۈكى سۈزۈك بولىدۇ، ئۈستىدە دانچىلار بولىدۇ. كۆپىنچە نۇقۇت سۈيىدەك ياكى باپىچى سۈيىدەك بولىدۇ. ئۇنىڭ سېرىقلىقى قىزغۇچ قوڭۇر رەڭگە مايىل كىلىدۇ.چۆكمە بولىدۇ. ھامىلدارلىقنىڭ دەسلىپىدە سۈيدۈكتە قىزغۇچ قوڭۇر رەڭ كۆرۈلۈپ، ئاخىرىدا قىزىلغا ئۆزگىرىدۇ، داۋالغۇتسا، دۇغلىشىدۇ. ئەگەر سۈيدۈكنىڭ ئۈستىدە ئاق، نىپىز پەردە بولۇپ پۈتۈن سۈيدۈكنىڭ يۈزىنى ياپسا، قورساقتىى بالا ئوغۇل بولىدۇ. ئەگەر سۈيدۈكنىڭ بىر قىسمى يېپىلسا، بالا قىزدۇر. ئاق پەردىدە ئازراق دانىچە كۆرۈلسە، قورساقتا بالا يوقلۇقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ، يەلنىڭ بەلگىسىدۇر.2~3 بولغان ھامىلدار ئايالنىڭ سۈيدۈكى سۇيۇق، سۈزۈك بولىدۇ.
4 ئايلىق بولغاندا سۈيدۈك قىزلىغا مايىل، لېكىن بىر ئاز دۇغراق كېلىدۇ. ئەگەر دۇغلۇقى كۆپەيسە، ھامىلنىڭ چۈشۈپ كېتىدىغانلىقنى كۆرسىتىدۇ؛ ئەگەر دۇغ ئاز بولۇپ، بوتۇلكىنىڭ ئوتتۇرىسىغا يەتسە، ھامىلىنىڭ سالامەتلىكنى كۆرسىتىدۇ؛ ئەگەر دۇغ بوتۇلكىنىڭ ئۈستىدە بولسا، بۇ يەلنىڭ ئالامىتى بولۇپ، ھامىلنىڭ ئۆلۈپ كىتىشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە << ئەبۇ ئەلى سىنا نىڭ جەۋھەرلىردىن تاللانما >> باملىق قوليازما ئەسەردە خاتىرلىنىشچە :
1. ھامىلدار ئايالغا سۇت پەيدا بولغاندا بىر قاچىغا ساغسا ( سۇت ) ئىتتىك ئۇيۇسا بالا قىز تۇغۇلىدۇ. ئىتتىك ئۇيۇمىسا بالائۇغۇل تۇغۇلىدۇ.  ۋە ۇەنە ئەينەكنى ئاپتاپتا قىزىتىپ ھامىلدار ئايالنىڭ سۇتىنى ئەينەككە تېمىتسا ئەگەر سۇت ئۇنچىگە ئوخشاش بۇلۇپ قالسا ئۇغۇل تۇغىدۇ،  ئەينەك ئۇستىگە سۇت يېيىلىپ كەتسە قىز تۇغىدۇ.

2. ھامىلدارئايالنىڭ تۇمۇرلىرى ئادەمگەبىلىنگىدەك ھالدا قىزىل بولسا ئۇغۇل تۇغىدۇ، ئەگەر تۇمۇرى تىگى- تىگىدىن كۇكۇش بولسا قىز تۇغىدۇ.

3. كېلەنىڭ ئۆتىنى قۇرۇتۇپ ، ئازىراق ئىپار زەفەر بىلەن ئارلاشتۇرۇپ ئايال كىشى  شىياف قىلىپ يېقىنچىلىق قىلسا بالىسى ئۇغۇل تۇغۇلىدۇ. دەپ خاتىرلەنگەن .

 

 http://saglamlik.bagdax.cn/saglamlik/2/2011/0823/228.html
Share
3190 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.